يازما ئامبىرى

خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ يۇقۇمنى باھانە قىلىپ خەلىقنى قىيناپ ئۆلتۈرىشىگە قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

شىۋېتسىيە دىكى شەرقى تۇركىستانلىقلار  13-سىنتەبىر  كۈنى  شىۋېتسىيە ۋاقتى سائەت 11:00 دە شىۋېتسىيە پارلامىنتى ئالدىغا جىددى توپلىشىپ ،خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ خىتاي ۋىرۇسىنى باھانە قىلىپ شەرقى تۇركىستان نىڭ  ھەر  قايسى  ۋىلايەت ۋە شەھەرلىرىنى  تاقاپ  خەلىقنى ئاچ  قويۇپ  قىيناپ  ئۆلتۈرىۋاتقانلىقىغا قارشى نامايىش  قىلدى . ئۈشبۇ  جىددى  نامايىشنى شىۋېتسىيە دىكى  شەرقى تۇركىستانلىقلارنىڭ كۈچلۈك  تەلىۋىگە  بىنائەن شىۋېتسىيە  ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ئالاھىدە  تەشكىللىگەن بولۇپ ، ... داۋامىنى ئوقۇڭ »

شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى ماگدالىنا ئاندىرس سون خانىم ،“شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشقا رەسمى ئىلتىماس سونىشىمىز ئۇنچە يىراق ئەمەس “

شىۋېتسىيە  باش  مىنىستىرى  ماگدالىنا ئاندىرس سون  خانىم ،“شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشقا رەسمى ئىلتىماس سونىشىمىز  ئۇنچە يىراق  ئەمەس “ دەپ  بايانات ئېلان  قىلدى . چاشەنبە  كۈنى شىۋېتسىيە  دۆلەتلىك تىلىۋىزىيەسى (S V T)  قانىلىنىڭ  زىيارىتىنى  قۇبۇل  قىلغان شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى  ماگدالىنا ئاندىرس سون خانىم ،رۇسىيە  مۇستەملىكچى لىرىنىڭ ئالدىنقى ئايدا   ئوكرائىناغا سەۋەبسىز  ھۇجۇم  قىلىپ كىرگەنلىكى ،ۋە رۇسىيە  ھەربى  ئايرۇپىلان لىرىنىڭ ... داۋامىنى ئوقۇڭ »

بالىلارغا ئالتە ياشتىن ئىلگىرىكى ئەخلاق تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك

ئاممىۋى سورۇن ئەخلاقنى ئەڭ سىنايدىغان جاي. توردا تارقالغان مۇنداق بىر گۇرۇپپا كۆرۈنۈشلەر بار: مېترودا بىر كىچىك ئوغۇل بالا ئىچىپ بولغان سۈت قۇتىسىنى تاشلىۋېتىپ، يۇقىرى ئاۋازدا ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىپ، تۇتقۇچتىكى ئاسما ھالقىنى تارتىپ، ئۇياق-بۇياققا موللاق ئاتىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتە بىر ئانا ئۆزىنىڭ تاتلىق ئۇخلاۋاتقان بالىسىنى قۇچاقلاپ ھەم بالىنى راھەت ئۇخلاتماقچى بولىدۇ، ھەم بالىنىڭ ئايىغىنىڭ ئورۇندۇقنى دەسسەپ مەينەت قىلىۋىتىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۆزىنىڭ سومكىسىنى بالىنىڭ ... داۋامىنى ئوقۇڭ »

شىۋېتسىيە دۆلەتلىك تىلىۋېزىيە ئىستانسىسىSVT شەرقى تۇركىستاندىكى جازا لاگىرلىرى ھەققىدە مەخسۇس سۆھبەت پروگراممىسى ئىشلىدى

يېقىندىن بۇيان دۇنيادىكى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى شەرقى تۇركىستاندىكى ۋەھىمىلىك جازا لاگىرلىرى ۋە ئۇ لاگېرلاردا سادىر بولغان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ،ئۆلۈم يىتىم سەۋەبلىك كېلىپ چىقىۋاتقان ھەرخىل ئېغىر پاجىئە لەر ھەققىدە پىكىر قىلىپ كەلگەن ئىدى. 03-مارت يەكشەنبە كۈنى كەچ سائەت19:30دا «شىۋېتسىيە دۆلەت تىلىۋېزىيە شىركىتى» (SVT) شىۋېتسىيە دىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ شەرقى تۇركىستاندىكى ئۇرۇق تۇققانلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر كۈنلەر ... داۋامىنى ئوقۇڭ »

زىيالى ۋە سىياسىيون توغۇرسىدا كۆز قاراشلىرىم

مەمەت ئىمىن بىزدە ”ئالىم بولغۇچە ئادەم بول“ دىگەن ئاتا سۆزى بار. بۇنداق دىگەنلىك يالغۇز ئادەم بولساڭ، ئالىم بولمىساڭمۇ بولىدۇ دىگەنلىك ئەمەس. بۇ دىگەنلىك ئالىم بول، ھەم شۇنداق ئادەم بولۇشنىمۇ ئۇنۇتما دىگەنلىك. ئالىم دىگەنلىك پەقەت كۆپ نەرسە بىلىدۇ دىگەنلىك، ئەگەر ئۇ شۇ بىلگەن بىلىمىنى توغۇرا ئورۇنغا ئىشلەتمىسە، ئۇ ئالىم ئەمەس بەلكىم زالىم بولىشى، ۋە خەلققە بالا ئاپەت ئىلىپ كىلىشى مۈمكىن. روسىيەلىك ... داۋامىنى ئوقۇڭ »

د ئۇ ق رەئىسى شىۋېتسىيە دۆلەت ئەربابلىرى بىلەن ئۇچراشتى

4-ئۆكتەبىر كۈنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى ۋە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك 15 ماددىلىق قارارنىڭ ياۋروپا پارلامېنتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشىغا شاھىت بولغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى شۇ كۈنى كەچتە شىۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولم شەھىرىگە يېتىپ بارغان. ئۇ 5-ئۆكتەبىردىن ئېتىبارەن شىۋېتسىيە دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بىلەن بولغان بىر قاتار ئۇچرىشىشلاردا بولىدىكەن. سىتوكھولم شەھىرىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 5-ئۆكتەبىر كۈنى شىۋېتسىيە ... داۋامىنى ئوقۇڭ »

شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار غولجىدا خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچىلىرىگە قارشى پارتلىغان نامايىشنىڭ يىگىرمە يىللىقىنى خاتىرىلىدى

شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار غولجىدا خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچىلىرىگە قارشى پارتلىغان نامايىشنىڭ يىگىرمە يىللىقىنى خاتىرىلىدى بۇنىڭدىن يىگىرمە يىل ئىلگىرى يەنى 1997-يىلى 2-ئاينىڭ 5كۈنى شەرقى تۇركىستانلىق ئوت يۈرەك پىدائىيلار ۋەتىنىمىزنىڭ غولجا شەھىرىگە جەم بولۇپ غولجا خەلقى بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، ئەجدادلارنىڭ كۆكرەك كىرىپ مەيدانغا چىقالايدىغان ،ھەر ۋاقىت دۆلەتنىڭ تەقدىرىنى ئويلايدىغان ،دۆلەت ۋە خەلقىنىڭ ئىززەت نومۇسىنى قوغدايدىغان شەرەپلىك ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ،خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ يولسىز ... داۋامىنى ئوقۇڭ »

رۇسلارنىڭ كىرىل يېزىقىدىن ئىلگىرى ئۇيغۇر يېزىقى ئىشلەتكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى

سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئاتاقلىق تارىخچىسى پىروفېسسور دوكتور س ن ۋالك رۇسىيە تارىخىي ئارخىپلىرىدا ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە، موسكوۋا كېنەزلىكىنىڭ 15 – ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىغا قەدەر ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىشلەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. 28.12.2016 ~ 29.12.2016 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: موسكوۋا كېنەزلىكى ئالتۇن ئوردا خانىلىقىنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى 1340 – يىلىدىن 1547  – يىللىرىغىچە داۋاملاشقان رۇس بەگلىكى بولۇپ، بۇ بەگلىك ئالتۇن ئوردا ھاكىميىتىنىڭ ئاغدۇرۇلىشى بىلەن تېخىمۇ ... داۋامىنى ئوقۇڭ »

2015-يىللىق روزا ھېيت نامىزىنى بىر يەرگە جەم بولۇپ ئوقۇش ئېلانى

2015-يىللىق روزا ھېيت نامىزىنى بىر يەرگە جەم بولۇپ ئوقۇش ئېلانى  تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى، شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ  2015-يىللىق روزاھېيت نامىزىنى بىريەرگە جەم بۇلۇپ ئوقۇشى پىلانىنى ئەمىلىلەشتۈرۈش، جامائەتنىڭ روزا ھېيت خۇتبىسىنى ئۇيغۇرچە  ئاڭلاش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئۆز- ئارا دىدارلىشىشقا پۇرسەت يارتىش مەقسىتىدە  بۇ يىلمۇ يەنە ئورۇن ھازىرلىدى. شىۋېتسىيە  ئىسلام جەمىيەتلىرى بىرلىكى نىڭ تەخمىن قىلىشىچە ،بۇ يىللىق روزا ھېيت نامىزى ھەر قايسى ئىسلام ... داۋامىنى ئوقۇڭ »

سىرلىق جاسۇسنىڭ تۇتۇلۇشى 1- قىسىم

سىرلىق جاسۇسنىڭ تۇتۇلۇشى 2009 – يىلى 6 – ئاينىڭ 4 – كۈنى، سەھەر ۋاقتى. سائەت ئىستېرىلكىسى 8:30 نى كۆرسىتىپ تۇراتتى. پۇقراچە كىيىنگەن 16 نەپەر سەپو خادىمى، يەنى شىۋېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ ساقچىلىرى ستوكھولم شەھىرىنىڭ جەنۇبىي رايونىدىكى روكسفېلد مەھەللىسىگە جايلاشقان ئۈچ قەۋەتلىك بىر ئاھالىلەر بىناسىنى كۈزىتىپ تۇراتتى. سائەت 10:00 دىن سەل ئۆتكەندە شىۋېتسىيە ئادالەت مىنىستېرلىكىدىن «جاسۇس گۇماندارى» نىڭ ئۆيىگە بېسىپ كىرىپ، ... داۋامىنى ئوقۇڭ »