خەۋەر

خىتاي مۇستەملىكىچى ئالۋاستىلار بىلەن ياۋرۇپا بىرلىكى ئارىسىدا ئىمزالانغان يىڭى تىجارەت كېلىشىمدە ئەڭ ئېغىر زىيان تارتقان تەرەپ ئۇيغۇر مەسىلىسى

EU-China Leaders' Summit

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانجېلا مېركەل ياۋروپا كومىسسيەسىنىڭ پرېزىدېنتى ئۇرسۇلا فون دېئېر لېيېن قاتارلىقلار 30-دېكابىر خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ باش سېكرىتارى شى جىنپىڭ بىلەن ئورتاق تور يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، كېلىشىم ئېلان قىلدى.پارانسىيەدە چىقىدىغان لكىسبرىس كە ئوخشاش بەزى نوپۇزلۇق ژۇرناللاردامۇلاھىزە قىلىنىشىچە,خىتاي مۇستەملىكىچى ئالۋاستىلاربىلەن ياۋرۇپا بىرلىكى ئارىسىدا  ئىمزالانغان بۇ يىڭى تىجارەت كېلىشىمدە ئەڭ ئېغىر زىيان تارتقان تەرەپ ئۇيغۇرمەسىلىسى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. سىياسى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەتراپلىق مۇلاھىزە قىلىشىچە ،گەرچە ... داۋامىنى ئوقۇڭ »

تۈركىيە ئۆكتىچى پارتىيەسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىتتىپاقدىشىغا ئايلانماقتا

5f11f00e-af50-41e4-ae85-f04cc6e05e34

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئىزچىل «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككىنچى ۋەتىنى» دەپ ئاتاپ كېلىۋاتقان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردىكى دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى يېڭىچە تۈس ئېلىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ۋە ئىقتىسادىي ئالاقە سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ كۆمۈلۈپ قېلىشى ئەردوغان ھۆكۈمىتىگە قارشى تۈرلۈك چۇقانلارغا سەۋەب بولۇشقا باشلىدى. تۈركىيەدىكى ئەڭ كونا سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ بىرى، شۇنداقلا نۆۋەتتىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ئۈچۈن ئەڭ ئاساسلىق ئۆكتىچى كۈچلەردىن ... داۋامىنى ئوقۇڭ »

ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېس ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى تەكشۈرۈشكە چاقىرىلدى

847f8a8b-1a9d-48b2-bb37-e7f86a0d8ead

ئامېرىكا، ئىتالىيە، كانادا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ۋە ياۋروپا پارلامېنتىدىكى بىر قىسىم ئەزالار 16-نويابىر ب د ت باش كاتىپى ئانتونيۇ گۇتېررېسقا مەكتۇپ يېزىپ، ئۇنى ب د ت مېخانىزمىنى ئىشقا سېلىپ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان كرىزىسنى جىددىي تەكشۈرۈشكە چاقىرغان. مەكتۇپتا تەكىتلىنىشىچە، ب د ت باش كاتىپى بۇ مەسىلىنى تەكشۈرۈشكە «ئالاھىدە ۋەكىل، ئالاھىدە تەكشۈرگۈچى ياكى باشقا تەكشۈرۈش مېخانىزملىرىنى بېكىتىشى، شۇنىڭدەك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ... داۋامىنى ئوقۇڭ »

كانادا ئەلچىسى ب د ت نى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئائىت دەلىل-ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈشكە چاقىردى

986fbb38-ebbe-40b4-ab2f-1cef53ba63d5 (1)

كانادانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زىيانكەشلىكلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق كاتېگورىيەسىگە ياتىدىغان ياتمايدىغانلىقى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان. بوب رېي بۇ سۆزلەرنى كانادا مېدىيا شىركىتى س ب س نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «شۈبھىسىزكى، خىتاينىڭ قىلىۋاتقانلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئېنىقلىمىسىغا ماس كېلىدىغان تەرەپلىرى بار. ... داۋامىنى ئوقۇڭ »

شىۋېتسىيە مەھمۇد كاشىغەرىي ئانا تىل مەكتىپىنىڭ ئوقۇ ئۇقۇتۇش ئىشلىرى كۇندىن كۇنگە جانلانماقتا

9ED6E6F9-4860-434C-A38D-8F7C3C0FA960

يېقىنقى بىر ئىككى يىلدىن بۇيان، شىۋېتسىيە مەھمۇد كاشىغەرى ئانا تىل مەكتىپى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش، ئانا تىل ۋە مىللى كىملىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش ئۈستىدە ئەستايىدىل ئىزدىنىپ، مەزمۇنى مول، شەكلى كۆپ خىل بولغان ئۆزگىچە تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە بىر قاتار پائالىيەتلەرنى پائال قانات يايدۇردى. ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلار نىڭ قىزىقىشى ۋە ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇپ،يېزىقچىلىق، گۈزەل سەنئەت ”يىلنىڭ تۆرت پەسلىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن رەسىم“بالىلار ئەنئەنىۋىي ئويۇنلىرى پائالىيىتى، ... داۋامىنى ئوقۇڭ »

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو شەرقىي «تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» نى «تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكى» دىن رەسمىي ئۆچۈردى

16a

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 20-ئۆكتەبىر «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنى «تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكى» دىن رەسمىي ئۆچۈرگەن بولۇپ، بۇ قارار ئامېرىكا فېدراتسىيە ھۆكۈمەت تور بېتىدە 5-نويابىر رەسمىي ئېلان قىلىنغان. ئامېرىكانىڭ بۇ قارارى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇق بىلەن قارىلاپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان بۈگۈنكى ۋەزىيەتتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، بىز بۇ ھەقتە ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇتەخەسسىسلىرى ۋە ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنى زىيارەت قىلدۇق. ئامېرىكا ... داۋامىنى ئوقۇڭ »

ئۇيغۇر كىرىزىسى بىر ئىرقىي قىرغىنچلىقتۇر: كانادا خىتاينىڭ ۋەھشىيلىكلىرىگە قارشى نېمىلەرنى قىلالايدۇ؟

14a

كانادا پارلامېنتىنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا قىلغان ۋەھشىيلىكىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ جاكارلىغان تۇنجى پارلامېنت كومىتىتى بولۇپ قالدى، باشقىلارنىڭ ئەگىشىشى ئۈچۈن بىر ئۆرنەك بولدى.  سامى خان خەلقئارا سودا ۋاقت گېزىتى 2020- يىلى 22- ئۆكتەبىر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر خەلقىگە قارشى داۋاملىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە ۋەھشىيلىكلىرى دۇنياۋى نارازىلىق قوزغىدى. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تەشكىلاتلار ۋە جەمئىيەتلەر پۈتۈن كۈچى ... داۋامىنى ئوقۇڭ »

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان زۇلۇمنى ئىرقىي قىرغىنچلىق دەپ ئاتاش تەكلىپى سۇندى

13a

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى جىم رىچ (Jim Risch) خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان مۇئامىلىسى ئىرقىي قىرغىنچلىق دەپ ئاتاش تەكلىپى سۇندى. ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەت كومىتېتىنىڭ سەيشەنبە كۈنى (27- ئۆكتەبىر) ئىلان قىلىشىچە، پارتىيە ھالقىغان بىر گۇرۇپپا كېڭەش پالاتا ئەزاسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان دەپسەندىچىلىكىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاشنى تەشەببۇس قىلىپ بىر لايىھە سۇنغان.  كېڭەش پالاتاسى ئەزالىرى جىم رىچ، جون كورنىن ۋە روبېرت ... داۋامىنى ئوقۇڭ »

«مەن-ناتىق» ناملىق بالىلار نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا يېڭى ئۈمىد بېغىشلىدى

12a

30-ئۆكتەبىر كۈنى 2-قېتىملىق توردا ئېلىپ بېرىلغان «مەن-ناتىق» ناملىق ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى. مەلۇم بولغىنىدەك، كورونا ۋىرۇسى تۈپەيلى پۈتۈن دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ 2020-يىلىدىكى پائالىيەتلىرى ئاساسەن تور يۈزىدە داۋام قىلماقتا. ئالدىنقى يىلى «ئايخان مائارىپى» ئورۇنلاشتۇرغان «مەن-ناتىق» ناملىق بالىلار نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىنى بۇ قېتىم بۈگۈنكى ئالاھىدە شارائىتتا قۇرۇلغان «ئۇيغۇر ئانا تىل تور مەكتىپى» ئۇيۇشتۇرغان. بۇ قېتىملىق «مەن-ناتىق» ئۇيغۇر بالىلار ... داۋامىنى ئوقۇڭ »

شۋىتسىيەنىڭ داڭلىق ماركىسى H&M ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغان شىركەتلەر بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى

H M

شىۋىتسىيەدىكى داڭلىق كىيىم-كېچەك شىركىتى H&M خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقى سەۋەبلىك شەرقىي تۈركىستاندىكى ھېچ قانداق كىيىم-كېچەك كارخانىسى بىلەن ھەمكارلاشمايدىغانلىقىنى ۋە رايوندىن پاختا سېتىۋالمايدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى. يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى سەۋەبلىك تەنقىدكە ئۇچراۋاتقان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى شەرقىي تۈركىستان ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى خەلقئاراغا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، دۇنياۋىي ماركىلارنى خىتايدىكى تەمىنلىگۈچىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشكە چاقىرىق قىلىش ... داۋامىنى ئوقۇڭ »