باش بەتكە قايتىڭ » خەۋەر » خەلقئارا خەۋەرلەر

خەلقئارا خەۋەرلەر

تونۇلغان ئۇيغۇر رەسسام ھاشىم قۇربان شىۋېتسىيەدە مەخسۇس كۆرگەزمە ئاچتى

hashim-qurban-ressam

  ئوتتۇرا ئاسىيادا تونۇلغان ئۇيغۇر رەسسام ھاشىم قۇربان ئەپەندى شىۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولمدا رەسىم كۆرگەزمىسى ئاچتى. 2018-يىلى ماي. • • • • • • •     ئوتتۇرا ئاسىيادا تونۇلغان ئۇيغۇر رەسسام ھاشىم قۇربان ئەپەندى شىۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولمدىكى بىر كۆرگەزمىخانىدا رەسىم كۆرگەزمىسى ئاچتى. سىتوكھولم شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن قازاقىستاننىڭ شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «دىيار» ناملىق مەزكۇر رەسىم كۆرگەزمىسى 5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە ... داۋامىنى ئوقۇڭ »

ئۇيغۇر مەسىلىسى ب د ت دا كەسكىن مۇنازىرە قوزغىدى

thumb

ب د ت دا خىتاي ۋەكىلى گېرمانىيە «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى» نىڭ ب د ت دىكى سالاھىيىتىنى بىكار قىلىشنى، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ب د ت يىغىنلىرىغا قاتنىشىشىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلدى. 2018-يىلى 21-ئاپرېل. un.org 21‏-ئاپرېل كۈنى ئۇيغۇر مەسىلىسى ب د ت دا خىتاي ۋە ئۇنى قوللايدىغان دۆلەتلەر بىلەن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن مۇنازىرىگە سەۋەب بولدى. مۇنازىرە ... داۋامىنى ئوقۇڭ »

5000 كىشىلىك نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرەك ساداسى

5000-kishilik-namayish-5

بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن زور كۆلەملىك نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2018-يىل 27-ئاپرېل. بىريۇسسېل، بېلگىيە. • • • • • •     27-ئاپرېل بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن زور نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ يۈرەك سادالىرىنى ئاڭلاتتى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 27-ئاپرېل بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن زور نامايىشقا قاتنىشىش ئۈچۈن 20 گە يېقىن دۆلەتتىن كەلگەن ئۇيغۇرلار نامايىش ئەسناسىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى نامايىشقا ... داۋامىنى ئوقۇڭ »

تۈركىيەنىڭ 2018-يىللىق ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلىش رەسمىي باشلاندى

tc.se.meclisi2

تۈركىيە باش مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق چەتئەللەردىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر باشقارمىسىنىڭ تور بېتىدىكى ئېلانغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەنىڭ 2018-يىللىق تولۇق كۇرس بويىچە ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلىش 4-ئاينىڭ 16-كۈنى رەسمىي باشلاندى. مەزكۇر ئىلتىماس قىلىش 5-ئاينىڭ 14-كۈنىگىچە بىر ئاي داۋاملىشىدىغان بولۇپ، بۇنىڭغا چەتئەلدىكى خىتاي پاسپورتى بار ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن. ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن كىملەرنىڭ تۈركىيە دۆلىتىنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشكەنلىكى، 2018-يىلى 24-ئىيۇل كۈنى ئېلان قىلىنىدىكەن. ... داۋامىنى ئوقۇڭ »

ئون نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى 2018 -يىللىق «تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى» غا ئىرىشتى

4306189e-0386-4df7-abc5-4ee31c413a3b

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى نىڭ خەۋەر قىلىشىچە،تۈركىيەدىكى ”ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى“ يېقىندا 10 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ 2018-يىللىق «تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ ئوقۇشىغا ياردەم بېرىش ۋە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى «تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى» تەسىس قىلغان ئىدى. 2014-يىلى تەسىس قىلىنغان مەزكۇر مۇكاپات تۈركىيەدە ئۆز راسخوتى بىلەن ياخشى ئوقۇۋاتقان، ... داۋامىنى ئوقۇڭ »

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سەرخىللەر بالىلار ۋە دىنىي تەربىيە ھەققىدە مۇنازىرە ئېلىپ باردى

22

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بالىلارغا دىننى قانچە ياشتىن باشلاپ ئۆگەتسە مۇۋاپىق بولىدىغانلىقى ھەققىدە مۇنازىرىلەر داۋام قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. مۇنازىرىدە ئاساسلىق پىكىر بايان قىلغۇچىلار ئەركىن سىدىق ۋە ھەبىبۇللا كۆسەنى بولماقتا. دوكتور ئەركىن سىدىق ئون ياشتىن بۇرۇن بالىلارنى مائارىپتىن ئايرىپ مەخسۇس دىن ئوقۇتۇشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن. ھەبىبۇللا كۆسەنىمۇ بۇ قاراشنى قوللىغاندىن باشقا دىن ئۆگىنىشنى مەلۇم ياش بىلەن چەكلەپ قويۇشنى توغرا تاپمىغان. مۇھاجىرەتتىكى ... داۋامىنى ئوقۇڭ »

ياۋرۇپادىكى تۈركلەر: «ئانا تىل سۈت بىلەن كىرىدۇ»

d2e49400-4a4d-42ce-be98-5575b0f4a3ea

«ئانا تىل سۈت بىلەن كىرىدۇ، تۈرك تىلىنى بالىلارغا ئۆگىتىشتە ھەر بىر ئانا ئوقۇتقۇچى،» دېدى بېلگىيەدە ياشاۋاتقان ئەرگۈن. ياۋروپادىكى تۈركلەرنىڭ ئانا تىلىنى قانداق قوغداپ قالغانلىقى ھەققىدە شۇ يەردە ياشاۋاتقان تۈركلەر، ئۇيغۇر سىياسەتچىلەر ۋە ئەدىبلەر بىلەن قىلىۋاتقان سۆھبىتىمىز بىزنى نۇرغۇن ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىدى. سۆھبەت جەريانىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بېلگىيەنىڭ ئانتۋېرپ شەھىرىدە ياشاۋاتقان تۈرك ياش ئەرگۈن ئانىلارنىڭ تۈرك بالىلارغا ئانا تىلنى قانداق ئۆگەتكەنلىكىنى ... داۋامىنى ئوقۇڭ »

تايلاند مۇساپىرلارنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدىكى 20 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىر قېچىپ كەتكەن

image

تايلاندنىڭ مالايشىياغا چېگرىداش سوڭكىلا ئۆلكىسىدىكى چېگرا بازىرى – ساداۋدىكى مۇساپىرلارنى تۇتۇپ مەركىزىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 25 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىر دۈشەنبە كۈنى يېرىم كېچىدە مۇساپىرلار مەركىزىدىن قاچقان. تايلاند دائىرىلىرىنىڭ يەرلىك ئاخبارات ۋاستىلىرىغا بىلدۈرۈشىچە، 25 نەپەر ئۇيغۇر 2014‏-يىلى تۇتقۇن قىلىنغان 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇردىن بۇ مەركەزدە قېلىپ قالغان ئاخىرقى تۈركۈمدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار ئىكەن. تايلاند دائىرىلىرى 2015‏-يىلى تايلاند ئارقىلىق تۈركىيەگە قېچىپ ماڭغان يۈزلىگەن ئۇيغۇر ... داۋامىنى ئوقۇڭ »

د ئۇ ق نىڭ 6-نۆۋەتلىك پەۋقۇلئاددە ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئاخىرلاشتى

7de47178-a789-4482-b547-74dcaaa1f5d6

12-نويابىر كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 6-نۆۋەتلىك پەۋقۇلئاددە ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئاخىرلاشتى. د ئۇ ق نىڭ 6-نۆۋەتلىك پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتىيى 11-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە 3 كۈن داۋاملاشتى. پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتاينىڭ يېپىلىش مۇراسىمى سائەت 14:00 تە ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. يېپىلىش مۇراسىمىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا يېڭى سايلانغان ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر ۋە 20 دۆلەتتىن كەلگەن 120 ئەتراپىدا ۋەكىل قاتناشتى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ... داۋامىنى ئوقۇڭ »

ياۋروپا پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» قۇرۇلدى

c742c105-23dc-4afe-b9af-74739780b23f

19-ئۆكتەبىر كۈنى بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلغا جايلاشقان ياۋروپا پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» رەسمىي قۇرۇلدى. ياۋروپا پارلامېنتىدا قۇرۇلغان «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:30 دا باشلاندى. مۇراسىمغا ئىلھان كۈچۈك، سابا سۇگار، لۇئىگې كومپاگنا، رامون ترېموسا، ھېلگا ترۈپەل، كلاۇس بۇكنېر، پائۇل ساكي، توماس مان، ئىۋو ۋاجگۇل، ھېلگا ستېۋېنس قاتارلىق ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ 10 دىن ئارتۇق ئەزاسى، 100 گە يېقىن ئۇيغۇر ... داۋامىنى ئوقۇڭ »