باش بەتكە قايتىڭ » كىتابلار

كىتابلار

گۇننار ياررىڭ نامىدىكى مەركىزىي ياۋروئاسىيا ئىلمىي يىغمىسىنىڭ رەقەملىك ئامبىرى ئىلىم ساھەسىگە ئېچىۋېتىلدى (1)

a7ce3004-9b6b-4ed7-baf0-5d8d241f3992

مەشھۇر دىپلومات، دۇنياغا داڭلىق ئۇيغۇرشۇناس گۇننار ياررىڭنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئۇنىڭ بىر ئۆمۈر توپلىغان ماتېرىياللىرى ئاساسىدا شىۋېتسىيە كۇتۇپخانىلىرىدا ئۇيغۇرلارغا دائىر مۇھىم ئىلمىي يىغمىلار شەكىللەنگەن. ئىگىلىشىمىزچە، گۇننار ياررىڭنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ستوكھولم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرق تىللىرى فاكۇلتېتىدا قۇرۇلغان گۇننار ياررىڭ يىغمىسى 2012 – يىلى ئىستانبۇلدىكى شىۋېتسىيە تەتقىقات ئىنىستىتۇتىغا كۆچۈرۈلگەن. يېقىندا مەزكۇر يىغمىنىڭ رەقەملىك (دىجىتاللىق) ئامبىرى ياسىلىپ، گۇننار ياررىڭ توپلىغان ئۇيغۇر تىل – يېزىقىدىكى قوليازمىلار ... داۋامىنى ئوقۇڭ »

شىۋېتسىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا چېتىلغان زور جاسۇسلۇق دېلوسى ۋە ئۇنىڭ باش-ئاخىرى (6)

image

«6 – قىسىم: يەمچۈك تاشلاپ ئاخبارات ئېلىش»: ئېسكىلىستۇنا – شىۋېتسىيەدىكى نوپۇسى ئاران 80 مىڭدىن ئاشىدىغان بىر كىچىك شەھەر. ھالبۇكى، 2000 – يىللارنىڭ باشلىرىدا بۇ كىچىك شەھەردە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىدۇ. شۇ يىللاردا مەرھۇم سەنئەتكار ۋە سىياسىي پائالىيەتچى كۈرەش كۈسەن ئەپەندى بۇ شەھەردە شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. «غەرب شامىلى» ناملىق ئۇيغۇرچە ژۇرنال چىقىرىدۇ. ئۇيغۇرچە تور رادىيوسى تەسىس قىلىپ ... داۋامىنى ئوقۇڭ »

شىۋېتسىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا چېتىلغان زور جاسۇسلۇق دېلوسى ۋە ئۇنىڭ باش-ئاخىرى (5)

image

5-قىسىم: قارا كۆزەينەكلىك يوچۇن ئادەم شىۋېتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىقىپ ئادىل ھېكىمجانغا مەڭگۈلۈك ئولتۇرۇم بەرگەندىن كېيىن 62 ياشلىق ئۇيغۇر جاسۇس ئۆزىنىڭ مۇھىم نىشانىنى قەيەرگە قاراتقان؟ سەپو، يەنى شىۋېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك ساقچىلىرى 62 ياشلىق ئۇيغۇر جاسۇسنىڭ تېلېفون ئالاقىسىنى مەخپىي ئاڭلاشقا باشلىغان تۇنجى كۈنىلا جاسۇسلۇق پاكىتقا ئېرىشىدۇ. يەنى جاسۇس گۇماندارىنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسىدىكى ئايال «دىپلومات» قا ئۇيغۇرلارنىڭ نامايىش قىلماقچى بولغانلىق ... داۋامىنى ئوقۇڭ »

شىۋېتسىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا چېتىلغان زور جاسۇسلۇق دېلوسى ۋە ئۇنىڭ باش – ئاخىرى – - 4 – قىسىم: كۈتۈلمىگەن نەتىجە

image

ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺋﺎﺩﯨﻞ ﻫﯧﻜﯩﻤﺠﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﺎﺩﯞﻭﻛﺎﺗﻰ Sten De Geer ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺳﻮﺗﺘﯩﻜﻰ ﻏﻪﻟﯩﺒﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯩﺮﮔﻪ. www.csmonitor.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ. ﺳﯜﺭﻩﺗﻨﯩﯔ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻫﻮﻗﯘﻗﻰ www.csmonitor.com ﺩﺍ.   ستوكھولم شەھەرلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ 2010 – يىلى 8 – مارتتا چىقارغان «ب – 8976 – 09 نومۇرلۇق» سوت خاتىرىسىدىكى بەزى تەپسىلاتلار ئەينى ۋاقىتتا شىۋېتسىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئادىل ھېكىمجان دېلوسى ھەققىدە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاخبارات توپلاشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ئاشكارا قىلىدۇ. ... داۋامىنى ئوقۇڭ »

شىۋېتسىيەنى زىلزىلىگە سالغان ئىشپىيونلۇق دېلوسىدىكى 62 ياشلىق ئۇيغۇر جاسۇسنىڭ نىشانلىرى زادى كىملەر بولغان؟

image

3-قىسىم: جاسۇسنىڭ نىشانلىرى شىۋېتسىيەنى زىلزىلىگە سالغان ئىشپىيونلۇق دېلوسىدىكى 62 ياشلىق ئۇيغۇر جاسۇسنىڭ نىشانلىرى زادى كىملەر بولغان؟ بۇ سوئال 2009-يىلى 4-ئىيۇن كۈنى شىۋېتسىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا سېتىلغان ئۇيغۇر جاسۇس گۇماندارى تۇتۇلغاندىن بۇيان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنى ئەڭ كۆپ تەشۋىشلەندۈرگەن نۇقتىدۇر. سىتوكھولم شەھەرلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ 2010-يىلى 8-مارتتا چىقارغان «ب-8976-09 نومۇرلۇق» 38 بەتلىك سوت خاتىرىسى بىلەن شىۋېتسىيە دۆلەت رادىئوسىنىڭ 3-قانىلى بۇ يىل ئاپرېلدا تارقاتقان «خىتاي ... داۋامىنى ئوقۇڭ »

خىتاي ئەلچىخانىسىغا چېتىلغان زور جاسۇسنىڭ تورغا ئىلىنىشى 2-قىسىم

image

  رەسىمدىكى قولىنى كۆتۈرۈپ تۇرغان ئەر بابۇر مەخسۇت، ئوڭ تەرەپتىكى خىتاي ئايال شىۋېتسىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلغان خىتاي ئايال دىپلومات جوۋ لۇلۇ. 2010-يىلى. svd.se din elinghan 2-قىسىم: جاسۇسنىڭ تورغا ئىلىنىشى 1990-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۇيغۇر كۆچمەنلەر ھەر خىل يوللار بىلەن شىۋېتسىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىشقا باشلايدۇ. شىمالىي ياۋروپادىكى بۇ تىنچ ۋە پاراۋان ئەلدە تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۇيغۇر جامائىتى شەكىللەنگەن كۈندىن ئېتىبارەن ئۇلارنىڭ ئۆز ۋەتىنى ئۈچۈن ... داۋامىنى ئوقۇڭ »

سىرلىق جاسۇسنىڭ تۇتۇلۇشى 1- قىسىم

image

سىرلىق جاسۇسنىڭ تۇتۇلۇشى 2009 – يىلى 6 – ئاينىڭ 4 – كۈنى، سەھەر ۋاقتى. سائەت ئىستېرىلكىسى 8:30 نى كۆرسىتىپ تۇراتتى. پۇقراچە كىيىنگەن 16 نەپەر سەپو خادىمى، يەنى شىۋېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ ساقچىلىرى ستوكھولم شەھىرىنىڭ جەنۇبىي رايونىدىكى روكسفېلد مەھەللىسىگە جايلاشقان ئۈچ قەۋەتلىك بىر ئاھالىلەر بىناسىنى كۈزىتىپ تۇراتتى. سائەت 10:00 دىن سەل ئۆتكەندە شىۋېتسىيە ئادالەت مىنىستېرلىكىدىن «جاسۇس گۇماندارى» نىڭ ئۆيىگە بېسىپ كىرىپ، ... داۋامىنى ئوقۇڭ »

ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ۋە يوقۇتۇشقا ئالاقىدار ئىچكى ھۆججەتلەر

ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ۋە يوقۇتۇشقا ئالاقىدار ئىچكى ھۆججەتلەر ( كىتابنى چۈشۈرۈڭ ) داۋامىنى ئوقۇڭ »

تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ

كىتاب ئىسمى: تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ (ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ پىسخىكىسى ئۈستىدە قايتا ئويلىنىش) يازغۇچى: ئەسئەت سۇلايمان بىر مىللەتنىڭ بۈيۈك تاللاشقا دۇچ كەلگەن دەقىقىلىرى ھامان شۇ مىللەت تارىخىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالىدۇ. ئۇزاق دەۋرلەر مابەينىدە مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي گەۋدىسى ئىچىگە داۋامىنى ئوقۇڭ »

نوبېلنىڭ ۋەتىنىدىن تارىم ئويمانلىقىغا نەزەر

ماقالە ئىسمى: نوبېلنىڭ ۋەتىنىدىن تارىم ئويمانلىقىغا نەزەر شىۋېتسىيە بىلەن مەركىزى ئاسىيانىڭ مەدەنىيەت ئالاقىلىرى ھەمدە شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ تەرەققىيات تارىخى ھەققىدە ئومۇمى بايان داۋامىنى ئوقۇڭ »