باش بەتكە قايتىڭ » ئىسلام دۇنياسى خەۋەرلىرى

ئىسلام دۇنياسى خەۋەرلىرى

شىۋېتسىيە ئىسلام جەمىيەتلىرى بىرلىكىنىڭ يىللىق يىغىنىغا ئۇيغۇر ۋەكىللەر قاتناشتى

image

مۇشۇ،ئاينىڭ 7-كۈنى ،ئۇيۇشمىمىزنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى(كاسسىر) تاھىر ناسىر ۋە «تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى»نىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى (ئىمام)ئۆمەر ئەزىز قاتارلىق ئويغۇر ۋەكىللەر «شىۋېتسىيە ئىسلام جەمئىيەتلىرى بىرلەشمىسى förenade islamiska föreningar i Sverige»ۋە «شىۋېتسىيە ئىمام خەتىپ مەسلىھەت كېڭىشىSveriges Imam råd»،قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ 11-نۋەتلىك يىللىق ئومۇمى يىغىنىغا قاتناشتى. شىۋېتسىيە ئىسلام جەمئىيەتلىرى بىرلەشمىسى، شىۋېتسىيەدىكى بارلىق ئىسلام مەدەنىيەت مەركەزلىرى ۋە مەسچىتلەرگە نازارەت قىلىش،ئىمام خەتىپلارغا مەسلىھەت بېرىش ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك ... داۋامىنى ئوقۇڭ »

ئەتلەس كۆڭلەكلىك تۇڭگان ھاجىلاردىن باشلانغان گۇمان ۋە مۇلاھىزىلەر

e5c4ac91-a1f2-4469-b5cb-a18853a2365a

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە «رادىكاللىقىنى تۈگىتىش» باھانىسىدە قوزغىغان باستۇرۇش سىياسىتى ۋە دىنىي تەقىبلىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، بۇ يىل ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج تاۋاپ ئىشلىرىنىڭ يىللاردىكىدىنمۇ كۆپ مۇشەققەتلىك بولغانلىقى تۈرلۈك مەنبەلەر ئارقىلىق ئاشكارىلانماقتا. بىر قانچە كۈندىن بۇيان فەيسبوكقا چاپلانغان ئۇيغۇر ھەجىچىلەرگە ئائىت «خىتايلار ھاجىلارغىمۇ ساختىلىق ئىشلىتىپتۇ» دېگەن تېمىدىكى بىر ئۇچۇر جامائەت دىققىتىنى قايتىدىن بۇ يىللىق ئۇيغۇر ھاجىلارغا تىكتى. ھەج تاۋابى جەريانىدا ھەجىچىلەر ئىچىدىن ... داۋامىنى ئوقۇڭ »

شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان جامائەتچىلىك روھى

DBcVQ1xWAAAOE3l

خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچىلىرى يىلدىن-يىلغا غالجىرلىشىپ،بۇ،يىللىق رامىزان ئېيىنىڭ كىرىشى بىلەن تەڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ھەر خىل بىمەنە دىننى سىياسەتلىرىنى تېخىمۇ قاتماللاشتۇرۇپ،بىر پۇتۇن ئۇيغۇرلارنىڭ رامىزان ئىبادىتىنى ئىلگىركى يىللاردىكىدىنمۇ قاتتىق چەكلەپ،ئۇلارغا ھېچ ئارام بەرمەي،كۆزىگە كىرىۋالماقتا. شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى رامىزان كىرگەندىن بۇيان،تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىگە تولۇق يىغىلىپ،ھەر كۈنى بىر نەچچە سەپ جامائەت بولۇپ تەراۋىھ نامىزى ئوقۇپ،ۋەتەندىكى شۇ،دىننى بېسىملار ئۈستىدىن ئاللاھقا شىكايەت قىلىپ،ھەر كۈنلۈك ۋىتىر نامازلىرىدا ... داۋامىنى ئوقۇڭ »

شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار يېڭى ئېچىلغان مەسچىتتە تۈنجى قېتىم ھېيت نامىزى ئوقۇدى

%da%ad%d8%b3%da%be

شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيت نامىزىنى ئۆزلىرىگە تەۋە بولغان مەسچىتىدە 12-سېنتەبىر كۈنى شۇ يەر ۋاقتى 7:00 دە بىرلىكتە ئوقۇدى. قۇربان ھېيت نامىزىغا سىتوكھولم ۋە باشقا شەھەرلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 150 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. ئۇيغۇر مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئۆمەر مەخسۇم قۇربان ھېيت نامىزى خۇتبىسىدە قۇربان قىلىشنىڭ ھەق يولدا پىداكارلىق كۆرسىتىش ئىكەنلىكىنى، ھېچكىم پىداكارلىق كۆرسەتمەي،  ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇرئاندا سۆزلەنگەن قىسسىسىنى ... داۋامىنى ئوقۇڭ »

شىۋېتسىيەدە تۈنجى ئۇيغۇر مەسچىتى ئېچىلدى

CplBjwSWAAAVg4I

شىۋېتسىيە جەمئىيىتىدە تارقاق ياشاۋاتقان شەرقى تۈركىستانلىقلارنى بىر ئارىغا جەم قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مەنىۋى بىرلىك قۇرلىشىنى مۇستەھكەملەش،شىۋېتسىيە زېمىندا بار – يوقنى تەڭ كۆرۈپ، قان بىلەن گۆشتەك يېقىن ئۆتۈپ، خىتاي كوممۇنىست ئالۋاستىلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىق،زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنى خەلىق ئالەمگە پاش قىلىپ ئۇنىڭغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ ۋە كۈرەش قىلىپ،شەرقى تۈركىستاندىن ئىبارەت ئۇ، گۈزەل ئانا يۇرتنى بىرلىكتە مۇستەقىل قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ ھەم گۈللەندۈرۈپ،بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى، ۋەتەننىڭ ... داۋامىنى ئوقۇڭ »

قاراباغ رايونىدىكى قۇراللىق توقۇنۇشنى ئەيىبلەپ ئېلىپ بېرىلغان نامايىشقا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى

thumb

شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئەزەربەيجان ،تۈركىيە،ۋە شەرقى تۈركىستان خەلقلىرى ناگىرنو قاراباغ رايونىدىكى قۇراللىق توقۇنۇشنى ئەيىبلەپ نامايىش قىلدى ئەرمېنىيە مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلىرى ئەزەربەيجان نىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولغان ناگىرنو قاراباغ رايونلىرىنى 1990يىللىرى ئىشغال قىلغاندىن بۇيان ئەزەربەيجان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ ناگىرنو قاراباغ نى ئەزەربايجاننىڭ قوينىغا تىچلىق بىلەن قايتۇرۇپ كېلىش كۈرىشى ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلگەن بولۇپ،يېقىنقى كۈنلەردىن بىرى ئەرمەن مۇستەملىكىچى ئارمىيىسى ھەددىدىن ئېشىپ،رۇسىيەنى ئۆزىگە ئارقا تىرەك ... داۋامىنى ئوقۇڭ »

دىنىي ئەركىنلىك يىغىنىنىڭ روھى تۈركىيە تېلېۋىزىيە قانىلى ئارقىلىق تۈرك خەلقىگە يەتكۈزۈلدى

er

ياۋروپا پارلامېنتىدا ئېچىلغان شەرقىي تۈركىستان دىنىي ئەركىنلىك يىغىنىنىڭ روھى تۈركىيە تېلېۋىزىيە قانىلى ئارقىلىق تۈرك خەلقىگە يەتكۈزۈلدى. 2015-يىلى 28-ئۆكتەبىر، تۈركىيە. 28-ئۆكتەبىر چارشەنبە كۈنى تۈركىيەنىڭ نوپۇزلۇق تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن قانال ئا تېلېۋىزىيىسىنىڭ «نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت» دېگەن نەق مەيدان تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا، ياۋروپادا ئېچىلغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىك كۈرىشى» يىغىنىنىڭ روھى نەق مەيدان تېلېۋىزىيە پروگراممىسى ئارقىلىق تۈرك خەلقىگە يەتكۈزۈلدى. پروگراممىدا تۈرك ژۇرنالىست فەخرىددىن دامغا ... داۋامىنى ئوقۇڭ »

دىنىي ئەركىنلىكنى قوغداش: ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى كۈرىشى» ناملىق يىغىن 24-ئۆكتەبىر كۈنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى

CS0GaJ7WIAAG0tv

ياۋروپا پارلامېنتىدا چاقىرىلغان «دىنىي ئەركىنلىكنى قوغداش: ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى كۈرىشى» ناملىق يىغىن 24-ئۆكتەبىر كۈنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى. 3 كۈن داۋاملاشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ئورتاق ئۇيۇشتۇرغان بۇ يىغىندا، ئامېرىكا، ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە تۈركىيە قاتارلىق 20 دۆلەتتىن كەلگەن 80 ئەتراپىدا مۇتەخەسسىس شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان دىنى بېسىم ۋە ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئىنسانىي ھەق ۋە ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكى ۋە بۇنى ھەل ... داۋامىنى ئوقۇڭ »

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ۋەكىلى تۈنجى نۆۋەتلىك «دىننى ئەركىنلىكنى قوغداش:شەرقى تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى كۈرىشى»خەلقئارا يىغىنىغا قاتناشتى

CR6Whn0XAAAryhv

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ۋەكىلى تۈنجى نۆۋەتلىك «دىننى ئەركىنلىكنى قوغداش:شەرقى تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى كۈرىشى»خەلقئارا يىغىنىغا قاتناشتى  تۈنجى نۆۋەتلىك «دىننى ئەركىنلىكنى قوغداش:شەرقى تۈركىستان ئىنسان خەقلىرى كۈرىشى خەلقئارا يىغىنى 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە بىلگىيەنىڭ بىريۇسسېل شەھىرىگە جايلاشقان ياۋرۇپا پارلامېنت بىناسىدا ئۆتكۈزۈلدى.دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپىگە بىنائەن،شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى نىڭ باش كاتىپى ھاجى ئابدۇللاھ كۆكيار يىغىنغا قاتناشتى. بۇ ... داۋامىنى ئوقۇڭ »

ئەلسەدۇن: 2015-يىللىق قۇربان ھېيت نامىزىنىڭ ۋاقتى زامانىۋى فەلەك ئىلمى بىلەن ھېسابلىغاندا 23-سېنتەبىر كۈنىگە توغرا كېلىدۇ

1c1ef56d2ce24f066affaf96cd9028fe_M

ئاسترونومىيە ۋە تارىخ بىلىملىرى بۇيىچە خەلقئاراغا تونۇلۇپ كەلگەن كۇۋەيتلىك ئالىم دوكتور«ئادىل ئەلسەدۇن» بۈگۈن كۈۋەيت خەۋەر ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياننامىسىدا ھىجرىيە1436-يىللىق (ئەرەفات كۈنى)نىڭ، ھىجرىيە يىلى بۇيىچە زۇلھەججە ئېيىنىڭ 9-كۈنى سەيشەنبە كۈنىگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى،مىلادىيە يىلى بۇيىچە ھېسابلىغاندا2015-يىلى 22-سېنتەبىر گە توغرا كېلىدىغانلىقىنى،ئۇنداق بولغاندا بۇ،يىللىق قۇربان ھېيت نامىزىنىڭ ۋاقتى 23-سېنتەبىر چارشەنبە كۈنىگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى دەلىللىدى. ئادىل ئەلسەدۇن جانابلىرى،بۈگۈن كۈۋەيت خەۋەر ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياننامىسىدا مۇنىلارنىمۇ قۇشۇمچە ... داۋامىنى ئوقۇڭ »