5- فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 26 يىللىقىنى خاتېرىلەپ، ستوكھولمدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى 5- فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 26 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، 2023- 5- فېۋرال يەكشەنبە كۈنى، شىۋېتسىيەنىڭ پايتەخشى ستوكھولمدا تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. نامايىش شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ سىياسى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى نىجات تۇرغۇننىڭ باياناتى بىلەن باشلانغان بولۇپ، شىۋىرغان قارلىق ھاۋارايىنىڭ شوغۇقلىقىغا قارىماي ... داۋامىنى ئوقۇڭ »
شىۋېتسىيە پارلامېنت بېناسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئېرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە 24 نويابىر كۈنى، ئۈرۈمچىدە بىر بېناغا ئوت كېتىش ۋەقەسىنى قەستەن ئۈچۈرمەي، 44 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرلىشىغا سەۋەب بولغان خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ رەزىل جىنايىتىگە قارشى شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 29- نويابىر سەيشەنبە كۈنى، شىۋېتسىيە پارلامېنت بېناسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. داۋامىنى ئوقۇڭ »
ياشلارنىڭ « #Blueindependence» پائالىيىتىنى قوللاپ مەدەت بېرەيلى
ئىشغالچى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئېرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىدە، شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ۋىرۇسىنى نۆلگە چۈشۈرۈش باھانىسى بىلەن ئۇيغۇرلارنى ئۆيلىرىگە سولاپ ئاچ قۇيۇپ ئۆلتۈرۈش، ئوت كەتكەن بېنانىڭ ئىشىكلىرىنى تاقاپ ئۆيدىكىلەرنىڭ ئوتتا كۆيۈپ ئۆلۈشىگە كۆز يۇمغانلىقى سەۋەبىلىك، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىشغالىيىتىگە قارشى، شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ياشلار بۆلۈمىدىكى ئاۋانگارت ياشلار، نورۋېگىيە ئۇيغۇر ياشلار تەشكىلاتىنىڭ باشلىغان blueindependence# دىگەن پائالىيىتىنى قوللاپ، ... داۋامىنى ئوقۇڭ »
ئىنسان ھەقلىرى كۈنىدە، ئۇيۇشمىمىز شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستېرى ۋە شىۋېتسىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا خەت يوللىدى
ئىنسان ھەقلىرى كۈنىدە، ئۇيۇشمىمىز شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستېرى ۋە شىۋېتسىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا خەت يوللىدى 10- دېكابىر ئىنسان ھەقلىرى مۇناسىۋىتى بىلەن، تاجاۋۇزچى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا، خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئېرقىي قىرغىنچىلىقى، دۇنيا ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ئىنسانلارنىڭ ھەق- ھوقۇقىنى قوغداش شوئارىغا قارىتا ھاقارەت بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى، 2022- يىلى 6- ۋە 9- دېكابىر كۈنى، شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ... داۋامىنى ئوقۇڭ »
شەرقىي تۈركسىتان مۇستەقىللىق كۈنىنى خاتىرلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 12 – نويابىر كۈنى جەمئىيەت مەركىزىدە ، 1933 – يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركسىتان ئىسلام جۇمھۇرىيتى ۋە 1944 – يىلى غولجىدە قۇرۇلغان مۇستەقىل شەرقىي تۈركسىتان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمنىڭ تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى ۋىدىئولۇق ئۇلىنىشتىن كۆگەيسىلەر: داۋامىنى ئوقۇڭ »
خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ يۇقۇمنى باھانە قىلىپ خەلىقنى قىيناپ ئۆلتۈرىشىگە قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلدى
شىۋېتسىيە دىكى شەرقى تۇركىستانلىقلار 13-سىنتەبىر كۈنى شىۋېتسىيە ۋاقتى سائەت 11:00 دە شىۋېتسىيە پارلامىنتى ئالدىغا جىددى توپلىشىپ ،خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ خىتاي ۋىرۇسىنى باھانە قىلىپ شەرقى تۇركىستان نىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت ۋە شەھەرلىرىنى تاقاپ خەلىقنى ئاچ قويۇپ قىيناپ ئۆلتۈرىۋاتقانلىقىغا قارشى نامايىش قىلدى . ئۈشبۇ جىددى نامايىشنى شىۋېتسىيە دىكى شەرقى تۇركىستانلىقلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە بىنائەن شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ئالاھىدە تەشكىللىگەن بولۇپ ، ... داۋامىنى ئوقۇڭ »
شىۋېتسىيە دە «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى»نىڭ13يىللىقى خاتىرلەندى
سىتوكھولم ۋاقتى 3- ئىيۇل يەكشەنبە كۈنى سائەت 14:00 دە شىۋېتسىيەدىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلار «شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى» نىڭ تەشكىللىشى ئاستىدا، خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئالدىغا يىغىلىپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە «2009- يىلى 5- ئىيۇل كۈنى ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقى» نىڭ 13 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزدى. نامايىشتا: شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىس ۋەكىلى نىجات تۇرغۇن ... داۋامىنى ئوقۇڭ »
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتنىڭ شەرقى تۇركىستاندىكى «تەكشۈرۈشى » نىڭ نەتىجىسىز ئاخىرلىشىپ كىتىپ بېرىۋاتقانلىقىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
ئۇيۇشمىمىز”شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى“نىڭ تەشكىللىشى ۋە شىۋېتسىيە دىكى بارلىق ۋەتەنپەرۋەر شەرقى تۇركىستانلىقلارنىڭ پائال ھەمكارلىشىپ قوللىشى بىلەن ،5-ئاينىڭ29-كۈنى يەكشەمبە شىۋېتسىيە پارلامىنتىنىڭ ئالدىدا ،ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتنىڭ شەرقى تۇركىستاندىكى «تەكشۈرۈشى » نىڭ نەتىجىسىز ئاخىرلىشىپ كىتىپ بېرىۋاتقانلىقىغا ،شەرقى تۈركىستاندامۇستەملىكنىڭ يىلتىزى بولسا كۈندىن كۈنگەچوڭقۇرلىشىپ كىتىپ بېرىۋاتقانلىقىغا،لاگىرلارنىڭ ھەقىيقى تۈردە تاقالماي داۋاملىشىۋاتقانلىقى زۇلۇمنىڭ چېكىدىن ئېشىپ كىتىپ بېرىۋاتقانلىقى قاتارلىق كۆپ قاتلاملىق مەسىلىلەرگە،قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.نامايىشتا ... داۋامىنى ئوقۇڭ »
شەرقى تۇركىستان دۆلەت مارشى بىلەن خىتاي مۇستەملىكچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ دۆلەت مارشى ئوتتۇرسىدا بىر مەيدان جەڭ بولدى
5-پىۋرال كۈنى شىۋېتسىيە ۋاقتى سائەت 14:00 تە شىۋېتسىيە دىكى شەرقى تۇركىستانلىقلار ,شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ چاقىرقى بىلەن قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى ئىگىز كۆتۈرۈپ شىۋېتسىيە دە تۇرۇشلۇق خىتاي مۇستەملىكچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ ئەلچىخانىسى ئالدىغا توپلاشتى .بۇ نۆۋەتلىك يىغىلىشنىڭ ئاساسلىق مەقسىدى ,2020-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنىنىڭ خىتايدىن ئىبارەت دىكتاتۇر ئىشغالچى بىر دۆلەتتە ئۆتكۈزىلىشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ۋە خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ 1997- يىلى 5- ... داۋامىنى ئوقۇڭ »
مەھمۇد كاشىغەرى ئانا تىل مەكتىپىدە يۈزتۇرانە دەرس ئۆتۈش ئىشلىرى قايتا ئەسلىگە كەلدى
خىتاي ۋىروسى دۇنياغا كەڭ تارقىلىپ نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنى سىنىپقا يىغىپ ئوقۇتۇش جەھەتتە قىيىنچىلىققا دۈچ كەلگەندەك ،شىۋېتسىيە دىكى مەھمۇد كاشغەرى ئانا تىل مەكتىپىمۇ بىر يېرىم يىلدىن بىرى مەكتەپتە يۈزتۇرانە دەرىس ئۆتۈشنى ۋاقىتلىق توختىتىپ ،بارلىق ئوقۇ ئوقۇتۇش پائالىيەتلىرىنى تور مۇھىتى ئارقىلىق بولسىمۇ ياخشى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئىدى .خىتاي ۋىرۇسىنى تىزگىنلەش مەقسىتىدە بىر ئىككى يىلدىن بۇيان شىۋېتسىيە دە ئىجرا قىلىنىۋاتقان بىر قاتار چەكلىمىلەر ... داۋامىنى ئوقۇڭ »