باش بەتكە قايتىڭ » ئۆز خەۋىرىمىز

ئۆز خەۋىرىمىز

شىۋېتسىيە ۋە نورۋېگىيەدە جۇمھۇرىيەت كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

6ea39320-83ec-42f0-a26d-7ff7d2b2fcdd

12-نويابىر كۈنى، پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى يېرىم ئەسىر ئىچىدە قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەت نورۋېگىيەدىكى ۋە شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى تەرىپىدىنمۇ ئۇيۇشتۇرۇلدى. 12-نويابىر كۈنى شىمالىي ياۋروپاغا جايلاشقان نورۋېگىيەنىڭ پايتەختى ئوسلودىكى ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مەسچىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى قېتىملىق جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەتكە نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن چوڭ- كىچىك بولۇپ ... داۋامىنى ئوقۇڭ »

1- ئۆكتەبىر كۈنى شىۋېتسىيىدە خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى ئۇنسۇرلىرىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

IMG_7974

1-  ئۆكتەبىر كۈنى شىۋېتسىيىدە خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى ئۇنسۇرلىرىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى ئىشغالچى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كېرىپ شەرقىي تۈركىستاننى ئىستىلا قىلغانلىقىنىڭ 68 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار شىۋېتسىيىنىڭ پايتەختى ستوكھولمدا تۇرۇشلۇق خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا، نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزدى.  نامايىشنى،ئۇيۇشمىمىز“ شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى“ ئۇرۇنلاشتۇردى.نامايىشقا شىۋېتسىيەنىڭ يىراق- يېقىن شەھەرلىرىدە تارقاق ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر- ئايال ۋە بالىلار بۇلۇپ ... داۋامىنى ئوقۇڭ »

”ئۇيغۇر ياشلىرىنى كىشىلىك ھوقۇق ۋە خەلقارا قانۇن بۇيچە تەربىيىلەش پروگراممىسى” شىۋېتسىيەدە

th

13-نۆۋەتلىك “ئۇيغۇر ياشلىرىنى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە خەلقئارا قانۇن…بۇيىچە تەربىيىلەش پروگراممىسى”  شىۋېتسىيە نىڭ پايتەختى ستوكھولم شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى،ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىقىدا 2007-يىلىدىن بۇيان ئۈزلۈكسىزيولغا قويۇلۇپ  داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان “ئۇيغۇر ياشلىرىنى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە خەلقئارا قانۇن…بۇيىچە تەربىيىلەش پروگراممىسى”نىڭ 13- قېتىملىق يىغىنىغا  شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ساھىبخانىلىق قىلىدۇ. ئۇيغۇر ياشلىرىنى دېموكراتىيە، كىشىلىك ... داۋامىنى ئوقۇڭ »

تەبرىكنامە

rquuf1

ئالىي كېڭەش ۋە پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتاينىڭ بىكار قىلىنغانلىقى،ۋە سىياسى كرىزىس مەسىلىسىنىڭ ئىچكىرى قىسىمدا سۈلھى بىلەن ھەل قىلىنىش قەدىمىنىڭ باشلانغانلىقىنى تەبرىكلەيمىز. خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئالۋاستىلار كۈندىن كۈنگە غالجىرلىشىپ،بىر تەرەپتىن ۋەتەن ئىچىدە،ھەرخىل باھانە سەۋەب ۋە بىمەنە سىياسەتلەرنى چىقىرىپ زەربە بېرىش دائىرسىنى كېڭەيتىپ،قاتتىق قوللۇق بىلەن خېلىق ئاممىسىنى باستۇرۇشنى تىزلەتسە يەنە بىر تەرەپتىن قانغا بويالغان قارا قولىنى چەتئەللەردىكى يەتكەن يەرلىرىگىچە ئۇزارتىپ ئەرەب ۋە ئىسلام ئەللىرى ... داۋامىنى ئوقۇڭ »

‏ئۇيۇشمىمىز رەھبەرلىرى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇلدا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

image

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل ئورتاكۆي رايۇنىدا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلەش،ھۇجۈمدا ھاياتىدىن ئايرىلغان بىگۇناھ تۈرۈك خەلقىنىڭ ئائىلە تاۋاباتىغا ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە تەزىيە بىلدۈرۈش مەقسىتىدە تۇركىيەنىڭ شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنى زىيارەت قىلىپ،باش ئەلچى كايا تۈرۈكمەن جانابلىرىدىن ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ھال سوردى. بۇ، قېتىمقى ھال سوراش ئۈمىكى ئارىسىدا ياۋرۇپا تۈرۈك دىمۇكراتلار تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇل خادىملىرى ئۇندىن باشقا نۇپۇزلۇق تۈرۈك جامائەت ئەربابلىرىمۇ بار ... داۋامىنى ئوقۇڭ »

ئۇيۇشمىمىز مەسئۇلى ئابدۇللاھ كۆكيار تۈركىيىگە بېرىپ ئۇستاز ئابدۇلھېكىم خان مەخسۇمنىڭ جىنازا نامىزىغا قاتناشتى

image

   23-دىكابىر جۈمە كۈنى تۈركىيە ۋاقتى ئەتتىگەن سائەت 08:00 دە ئابدۇللاھ كۆكيار  ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرىدىن تەركىپ تاپقان بەش نەپەر ئالاھىدە ھەيئەت تۈركىيىگە يىتىپ باردى .   مەرھۇمنىڭ جىنازىسى زەيتۇنبۇرنۇ رايونلۇق ئامىنە جامەسىنىڭ ئالدىدىكى شەرقى تۈركىستان بايراقلىرى قۇيۇق ئېسىلغان مەيدانغا قۇيۇلغان ئىدى.بەش كىشىلىك ھەيئەتلەر ئارىسىدا ئۇيۇشمىمىزنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى ئەخمەت تۇرسۇن،تەشۋىقات ئىشلىرى مەسئۇلى تۇرغۇن ئابدۇلھىمىت،كاسسىر تاھىر ناسىر ۋە تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ... داۋامىنى ئوقۇڭ »

مەخمۇت قەشقىرى ئانا تىل مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى2016-يىللىق يازلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىش ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇشى

sad

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى قارمىقىدىكى مەخمۇت قەشقىرى ئانا تىل مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى2016-يىللىق يازلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىش ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇشى 2016-يىللىق ئوقۇش يىلى 2-مەۋسۇملۇق ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتى ئاخىرلىشىپ مەكتەپ ھەيئىتى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى تەتىلگە قويۇپ بېرىش ھەققىدە تۆۋەندىكىچە ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى: مەكتىپىمىز 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى يەنى رامىزان كىرگەندىن باشلاپ ئوقۇغۇچىلارنى تەتىلگە قويۇپ بەردى. يازلىق كۇرسقا ئوقۇغۇچىلار 7-ئاينىڭ 07-كۈنى تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدۇ.7-ئاينىڭ 10-كۈنلىرىدىن باشلاپ تىزىملانغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ... داۋامىنى ئوقۇڭ »

خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ رەزىل ماھىيىتىنى دۇنياغا پاش قىلايلى

CeeFo-1WAAAgQvu

ئۇيۇشمىمىز03- ئاينىڭ 25- كۈنى «شىۋېتسىيە ئىسلام جەمئىيەتلىرى بىرلىكى» نىڭ بۇ يىللىق كونفىرانسىدا خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ رەزىل ماھىيىتىنى دۇنياغا پاش قىلايلى دېگەن تېمىدا 3كۈنلۈك تەشۋىقات كۆرگەزمىسى پالىيتىنى باشلىۋەتتى. كۆرگەزمە سەھنىسىدە خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ رەزىل ماھىيىتىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان ھەرخىل ھۆججەتلىك فىلىم تىلۋىزۇر ئېكرانى ئارقىلىق قۇيلىشقا باشلىدى. تۆنۈگۈندىن بىرى كونفىرانسقا قاتناشقان ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرى ۋە جەمئىيەت مەسئۇللىرى خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ ... داۋامىنى ئوقۇڭ »

ئۇيۇشمىمىز 2015-يىللىق خىزمەت خۇلاسە يىغىنى ئاچتى

CYYyplAWsAA9Uui (1)

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى 09-يانۋار شەنبە كۈنى چۈشتىن كىيىن ئۇيۇشمىنىڭ 2015-يىلى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى بىلەن2016- يىللىق خىزمەت پىلانلىرىدىن دوكلات بەردى. يىغىندا شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ قۇرغۇچى دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرىدىن، ئەخمەت تۇرسۇن ۋە نىجات تۇرغۇنلار ئۇيۇشمىنىڭ 2015-يىللىق خىزمەتلىرىدىن دوكلات بېرىپ مۇنداق مۇنداق دېدى: ئۇيۇشمىمىز ئانا تىل تەلىم تەربىيىسى بىلەن شوغۇللىنىپلا قالماستىن يەنە سىياسى داۋا تەشۋىقاتى، سىياسى تەربىيە،دىننى ئىشلار،  قاتارلىق كۆپ قاتلاملىق خىزمەت ... داۋامىنى ئوقۇڭ »

شىۋېتسىيەدىكى يېڭى ئەۋلاد ئۇيغۇر زىيالىيسى‏-چىش دوختۇرى ئېمىر ئاختام

901f9edd-ba31-4e36-bab7-e095bead8124

شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر چىش دوختۇرى ئېمىر ئاختام كېسەلخانىدا. 2016-يىلى يانۋار. ئۇيغۇرلارنىڭ شىۋېتسىيەگە كۆچمەن بولۇشقا باشلىغانلىقىغا 30 يىلدىن ئاشتى. شىۋېتسىيەگە يەرلەشكەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھەر ساھەدە ئوقۇپ يېتىشىپ شىۋېتسىيە جەمئىيىتىدە بىر كىشىلىك ھاسىسىنى قوشۇۋاتقان ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمگەكچان، تىرىشچان خەلق ئىكەنلىكىنى ئۆز خىزمەت ئورۇنلىرىدا نامايان قىلىۋاتقانلارمۇ خېلى كۆپ. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى قازاقىستاندىن شىۋېتسىيەگە كۆچمەن بولۇپ كەلگەن بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ پەرزەنتى، چىش دوختۇرلۇق كەسپىنى ئوقۇپ ... داۋامىنى ئوقۇڭ »