باش بەتكە قايتىڭ » تەۋسىيە قىلىنغان تېمىلار » ئۇيغۇرلاردىكى ستوكھولىم ئۇنۋىرسال كىسەللىكلىرى
ئۇيغۇرلاردىكى ستوكھولىم ئۇنۋىرسال كىسەللىكلىرى

ئۇيغۇرلاردىكى ستوكھولىم ئۇنۋىرسال كىسەللىكلىرى

 5ئىيۇل ۋەقەسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نەچچە يۈزلىگەن ۋەتەنپەرۋەر ئەزىمەتلىرىمىز شىھىت كەتتى. يەنە نەچچە مىڭلىغان قەيسەر قىرىنداشلىرىمىز خىتاي تۈرمىسىدا قىيىن-قىستاقلارغا ئىلىنماقتا. 5-ئىيۇل ۋەقەسى بۇ قىتىم تۇنجى بۇلۇپ پۈتۈن دۇنياغا ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەڭ كەڭ كۆلەملىك خەۋەر تارقاتقۇزغان سەۋەب بۇلۇپ قالدى. بۇ بىر جەھەتتىن ئۇيغۇرنىڭ ھەر قايسى تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈچىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىگىنى ئىپادىلەپ بەرسە، يەنە بىر جەھەتتىن ئۇيغۇرلار مەسلىسىنىڭ كۈندىن-كۈنىگە خەلقارالىشۋاتقانلىغىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ. شىھىت كەتكەن ۋە دۈشمەن تۈرمىسىگە تاشلانغان قىرىنداشلىرىمىز ئۆزلىرنىڭ ئۆلۈمدىن قورقماسلىكتەك باتۇرانە روھىنى نامايەن قىلغان بولسا، يەنە تۇرسۇنگۇلگە ئوخشاش مىھرىبان ئانىلىرىمىزمۇ ئۈلۈمدىن قورقماسلىقتەك قەيسەرلىكنى نامايەن قىلىپ، ئازراقلا ۋىجدانى بار ئىنسانلارنىڭ يۈرەك باغرىنى لەرزىگە سالدى. پۈتۈن دۇنيا ئۇيغۇرلىرى بەس-بەستە خىتتايغا قارشى نامايىشقا ئاتلاندى، مەيلى كىچىك بولسۇن، چوڭ بولسۇن ھەممە ئورتاق بىر مەقسەتتە رەزىل خىتتايغا قارشى كۆرەشكە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىشتى. نامايىشقا قاتنىشالمايدىغانلار ئاز بولسىمۇ، كۆپ بولسىمۇ ئىقتىسادى ياردەم ئارقىلىق بولسىمۇ ئۆز كۆڭلىنى ئىزھار قىلىشتى. لىكىن يەنە شۇنداق ئۇيغۇرلىرىمىزمۇ ئەتراپىمىزدا تۇرۇپتىكى، ۋەتەن ئىچىدىكى قىرىنداشلىرىمىزغا باشقا ياردەمدە بۇلالمىسىمۇ ئازراق بولسىمۇ ھىسداشلىق ھىسياتىدىمۇ بولمىدى. ھەتتە پۈتۈن دۇنيا خەلقى قىزىقىپ كۆرىۋاتقان خەۋەرلەر، ئىلىپ بىرىۋاتقان مۇلاھىزىلەرنى ئاڭلاشتىنمۇ ئۆزلىرىنى تارتىشتى. داۋاملىق كۆرشۈپ تۇردىغانلارمۇ ئالدىرش دىگەننى باھانە قىلىپ قارىسىنى كۆرسەتمەس بۇلىۋالدى. ئىقتىسادى ھال ئەھۋالى خىلى ياخشى تۇرۇپمۇ بىرەر تىيىن ئىئانە قىلىشتىن يالتايدى. يەنە ۋەتەن ئىچىگە قاراپ باقايلى.

بۇ قىتىم 5-ئىيۇل ۋەقەسى بىر قەدەر چوڭ كۆلەمدە پارتلغان بولسىمۇ، لىكىن يەنىلا تىخىمۇ كۆپرەك قىرىنداشلىرىمىزنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىگە ئىرىشەلمىدى. تىخىمۇ كۆپرەك زىيالىلار، تىخىمۇ كۆپرەك ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇشۇنى، تىخىمۇ كۆپرەك تىجارەتچىلەرنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە ئىرىشەلمىدى. يۇقارقى بۇ ئىككى مىسسال نىمىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ؟ بۇ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكىمىز، ھورلىكىمىز ئۈچۈن ئېلىپ بىرىلىۋاتقان كۆرەشلىرىمىزنىڭ تىخىمۇ كۆپرەك ئۇيغۇرلار ئاممىسىنى ئويغۇتۇپ ئىتپاقلاشتۇرپ كۈرەشكە چاقىرالمىغانلىغىمزدىن دەپ قارايمەن. ئەجەبا قايسى بىر ئۇيغۇر ئەركىنلىككەر، ھۆر تۇرمۇشقا ئىنتېزار ئەمەس! ئەمما نىمە ئۈچۈن كۈرەشكە پەقەت ئاز بىر قىسىم قىرىنداشلىرىمىزلام ئىشتىراك قىلىدۇ؟! مانا بۇ بىزنىڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقىمىز، ھەم دۈشمەننىڭ نەچچە ئون يىللاردىن بىرى بىز ئۇيغۇرلار جەمئيىتىنى ئاتالمىش < ستوكھولىم ئۇنۋىرسال كىسەللىكى > (ئىزاھات، ئېڭىلىزچە ئەسلى نامى ستوككھولم سيندرومە)گە گىرىپتار قىلىپ، بىزنى ناھايتى ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدا باشقۇرۇشىنىڭ نەتىجىسىدۇر. ئۇنداقتا ستوكھولىم ئۇنۋىرسال كىسەللىكى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ س ۇ ك دەپ ئىلىندى) دېگەن زادى قانداق كىسەل؟ بۇ ھەقتە 30-40 يىللار ئىلگىرىنام چەتەللەردە بىر قەدەر سىستىمىلىق ئىزدىنىشلار ئىلىپ بىرىلغان بولسىمۇ، بىز ئۇيغۇرلار ئارىسدا س ۇ ك نى ئۇقۇدىغانلار ھەم چۈشىندىغانلار كۆپ بولماسلىقى مۇمكىن. پىقىرنىڭ قارىشچە،

ئۇيغۇر جەميىتىدىكى سۇكنى داۋالىماي ياكى ئۇنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالماي تۇرۇپ، كەڭ كۆلەملىك كۆرەش قوزغىشىمىز ھەم ئىنقىلاپتا غەلبە قىلىشىمىز ئىنتايىن مۈشكىلدۇر. شۇڭلاشقا پىقىر تۈۋەندە سۇكنى قىسقىچە تونۇشتۇرۈپ ئۆتمەكچى، ھەم شۇنداقلا پىشۋالىرىمىز، يولباشچىلىرىمىز، زىيالىرىمىزدىن بۇ مەسلە ئۈستىدە ئەتراپلىق ئەستايدىل ئىزدىنىپ بىر چارىسنى تىپىشنى ئىلتىجا قىلماقچىمەن. ئېنىقلىما: ستوكھولىم ئۇنۋىرسال كىسەللىكىرى (س ۇ ك) بولسا بىر خىل روھى ھادىسە بۇلۇپ، ئۇ بەزى ۋاقىتلاردا تۇتقۇن قىلىنغانلار ياكى گۆرەگە ئېلىنغانلاردا كۈرۈلدىغان، ئۆزلىرىنىڭ ھاياتىنىڭ تۇتقۇن قىلغۇچى ياكى گۆرەگە ئالغۇچى تەرىپىدىن ھاياتى تەھدىد ئىلىپ كىلىشىگە قارىماستىن، تۇتقۇن قىلغۇچىغا ياكى گۆرەگە ئالغۇچىغا نىسبەتەن سادىقلىقنى ئىپادىلەيدىغان بىر خىل روھى ئىنكاستۇر. بۇ ئۇنۋىرسال كىسەللىك ستوكھولىم شەھىرىنىڭ نورمالمستورگ ئىناۋەت بانكىسىدا بۇلاڭچىلىق ئەنزىسى سادىر بولغاندىن كىيىن س ۇ ك دىگەن نام بىلەن شۇنداق ئاتلالغان. بۇلاڭچىلىق سادىر قىلغان بۇلاڭچىلار بانكا خادىملىرىنى1972 -يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۇندىن 28-كۈنگىچە گۆرەگە ئىلىۋالىدۇ. بۇ ئەنزىدە، زىيانكەشلىككە ئۇچىرغۇچى بانكا خادىملىرى زىيانكەشلىك قىلغۇچلارغا روھى جەھەتتىن ناھايتى كۈچۈك باغلىنىپ قالىدۇ، ھەتتا 6 كۈندىن كىيىن ئەركىنلىككە چىققاندىن كىيىنمۇ زىيانكەشلىك قىلغۇچلارنى ئاقلايدۇ. س ۇ ك دىگەن ئاتالغۇنى تۇنجى بۇلۇپ جىنايەتشۇناس ۋە روھى كىسەللىك مۇتەخخەسىسى نىلىس بېجېروت ئەپەندى قۇراشتۇرۇپ ئاتاپ چىققان بۇلۇپ، نىلىس بېجېروت ئەپەندى بولسا ئەينى ۋاقىتتا ساقچىلارغا ماسلىشىپ گۆرەگە ئىلىنغۇچلارنى قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان، ھەم تەشۋىقات ۋاستىلىردە ئۇنۋىرسال كىسەللىك توغرىسىدا چۈشەندۈرۈش ئىلىپ بارغان. 2007-يىلى بىر گۇرپپپا تەتقىقاتچىلار س ۇ ك گە دائېر ناھايتى كەڭرى غۇلغۇلا قوزغىغان 12 ئەنزىنى ئانالىز قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ بايقىشىنى سىكاندىناۋىيە روھى كىسەللىك ئېلىمى (ئاكتا پسيچىئاترىكا سكاندىناۋىئا) دىگەن ژورنالدا ئىلان قىلىپ چىقىدۇ. ماقەلىدە ئۇلار تەشۋىقات ۋاستىلىرىنىڭ بىرىنچى قول ئۇچۇرغا ئىرىشەلمىگەن ئاساستا ياكى سۇكنىڭ خاراكتىر ئالاھىدىلىكى ئالامەتلىرىنى بايقىماي تۇرۇپ بۇ تۈردىكى كىسەللىكلەرگە سۇك دەپ ھۆكۈم قىلىش بىر تەرەپلىمىلىكنى ياكى ئىغىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىردۇ دەپ مۇلاھىزە يۈرگۈزىدۇ. پىسخولوگىيىلىك چۈشەندۈرۈش: س ۇ ك بولسا تۇتقۇن قىلىنغانلار ھاياتى ھايات-ماماتلىق تەھدىتكە ئۇچۇرغان ۋاقىتتا يۈز بىردىغان ئىنسانلار روھىيەت دۇنياسىدىكى بىر خىل كۈچۈش ھادىسسىدۇر. ئۇلار يەنى تۇتقۇن قىلىنغۇچىلار تۇتقۇن قىلغۇچلارنى تۇغما بولغان مىھرى-شەپقەت خاراكتىرى تۈپەيلى ئۆزلىرىگە يىقىنچىلىق ئىپادىلەۋاتىدۇ دەپ قارىغانلىغى ئۈچۈن، تۇتقۇن قىلغۇچلارغا قارىتا ئۇلارنى قوللاشقا، ھىسداشلىق قىلىشقا باشلايدۇ، ھەم ئۇلارنى يۇقىرى كۆرۈشكە باشلايدۇ. ھەممىدىن نەسباسقانلىق شۇ يەردىكى، ئۇلار تۇتقۇن قىلغۇچلارنىڭ ئۆزلىرى توغرىسىدا خالىغانچە قارار چىقىردىغانلىغىنى پەرق ئىتەلمەسلىكىدۇر. بۇ خىل ھالەت بىر مەزگىل داۋاملاشقاندىن كىيىن، تۇتقۇن قىلىنغۇچىلار تۇتقۇن قىلغۇچىغا ناھايتى كۈچلۈك باغلىنىشنى ئىپادىلەپ چىقىدۇ. ھەتتە بەزى ئەھۋاللاردا (بۇلۇپمۇ تۇتقۇن قىلغۇچىلار يات جىنىس بولغان ئاھۋاللاردا)، تۇتقۇن قىلىنغۇچىلاردا تۇتقۇن قىلغۇچىلارغا نىسبەتەن جىنسى ھەۋەسمۇ پەيدا بۇلىدۇ. پىسخولوگىيىلىك كۆز قارىشىغا ئاساسلانغاندا، بۇ خىل ئۇنۋىرسال كىسەللىك، بۇ خىل يۈزلىنىش ياكى روھى كۈچۈش بولسا بەلكىم تۇغما ھەم ھىسسى بولغان < ئىنسانلاردىكى تۇغۇلغاندىن باشلاپ تەرەققى قىلدۇرۇلغان سىتىراتىگىيە، يەنى يىڭى تۇغۇلغان بۇۋاقلارنىڭ چوڭلارنىڭ ئۆزلىرىنى قوغداپ قىلىش ئىھتىماللىغىنى چوڭايتىش ئۈچۈن، ئۆزلىرىگە ئەڭ يىقىن بولغان ۋە كۈچلۈكرەك بولغان چوڭلارغا نىسبەتەن روھى باغلىنىشنى تەبى ھالدا تەرققى قىلدۇردۇ. ئۇنداق بولمىغاندىمۇ ياخشى بولغان ئاتا-ئانىلىق ئوبرازنى كۆرسۈتۈپ بىرەلەيدۇ. > سېتىراتىگىيەنى قوللانغانلىقنىڭ نەتىجىسى بۇلۇشى مۇمكىن. بۇ خىل ئۇنۋىرسال ئالامەت بولسا پەرق ئىتىشچانلىقنىڭ قوغدىنىش مىخانىزىمىنىڭ ئەڭ نېگىزلىك مىسالى بۇلالايدۇ.

بۇ خىل ئۇنۋىرسال كىسەللىكنى يەنە تەدىرجى تەرەققىيات ئامىلى بۇيىچىمۇ چۈشەندۈرگىلى بۇلىدۇ، يەنى ئىنسانلارنىڭ ئەجدادلىرى ئۆزىنى تۇتقۇن قىلغان قەۋم تەرەپتە تۇرۇپ كەلگەنلىكتىن ئىبارەت ئەملىيەت بۇنى گەۋدىلەندۇرۇپ بىرەلەيدۇ. نۇرغۇن ئەھۋاللاردا، تۇتقۇن قىلغۇچلار تۇتقۇن قىلىنغۇچىنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرىنى ئۆلتۈرۋىتىشى مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن تۇتقۇن قىلىنغۇچىنى سىرتقى دۇنيادىن ئايرىپ يىگانە قالدۇرىدۇ. تۇتقۇن قىلىنغۇچى سىرتقى دۇنيادىن ئايرىۋىتىلگىنى ئۈچۈن، كىچىككىنە ئۇيۇنچۇقنى سوۋغا قىلىشتەك زەرەرچە ھەركەتتىنمۇ ئالامچە خۇشاللىق ھىس قىلىدۇ (بۇ دەل بۈگۈنكى شەرقى تۈركىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەھۋالى ئەمەسمۇ!). ئۇلار بولسا تۇتقۇن قىلغۇچلارنى ئۆزلىرىنى مۇھىم دەپ تۇنۇيدىغاندەك، شۇنداقلا ئۆزلىرىگە مىھرى مۇھەببەت ئاتا-قىلغاندەك ئويلىشىدۇ-دە، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تۇتقۇن قىلغۇچلار تەرەپكە يان باسىدۇ ياكى ئۇلار تەرەپتە تۇرىدۇ. بۇ خىل نەتىجە (ياكى ھادىسە) يەنە شۇنداق بىر ئەملىيەتتىنمۇ غوللۇنۇپ چىقىشىنىڭ نەتىجىسىدۇر، يەنى تۇتقۇن قىلىنغۇچىدىن باشقا ئۇنىڭ (ياكى ئۇلارنىڭ) ئەتراپىدىكى باشقا ھەممە كىشلەر ئۆلتۇرۋىتىلىكتىن، شۇنىڭ بىلەن تۇتقۇنلار تۇتقۇن قىلغۇچلار ئۆزلىرىگە ئالاھىدە قىزقىۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ ئويلايدۇ (ھازىرقى بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىلىرى، ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇشۇنى بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر!).

مىساللار: 1) مىليۇنىر ۋارىسى پاتتى ھېرست (پاتتي ھەئارست) بولسا سىمبىئونىز ئازاتلىق ئارمىيىسى (سيمبىئونەسە لىبەراتىئون ئارمي) تەرىپىدىن گۆرەگە ئىلىندۇ. تۇتقۇن قىلىنغان ئىككى ئايدىن كىيىن ئۇ ئۇلار كۆڭۈل قۇيۇپ پلانلىغان بۇلاڭچىلىققا ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىدۇ. گەرچە ئادۋۇكاتى ئۇنى س ۇ ك”كىگە گىرىپتار بولغان بۇلشى، شۇڭلاشقا سىمبىئونىز ئازاتلىق ئارمىيىسىگە ياردەم قىكغان بۇلشى مۇمكىن دىگەن پەرەزدە ئاقلاش ئىلىپ بارغان بولسىمۇ، ئاقلاش مەغلۇپ بۇلۇپ ئۇ يەنىلا قاماققا كىسىلىپ، بۇلاڭچىلىق قىلغان دىگەن جىنايەت بىلەن تۈرمىگە تاشلىندۇ. گەرچە 1979-يىلى 1-ئايغا كەلگەندە، ئۇ پرېزىدېنتى جىممى كارتەر (جىممي كارتەر) تەرپىدىن جىنايىتى يەڭگىللەشتۇرۈلگەن بولسىمۇ كىيىن بىلل كىلىنتۇن (بىلل كلىنتون) تەرپىدىن جىنايىتى ئاران كەچۈرۈم قىلىنغان.

2) شائون خونبەك (شاۋن ھورنبەكك) بولسا 2002-يىلى 11 ئاي نېشىدا گۈرەگە ئىلىندۇ، ھەم مايكىل ج. دېۋلىن (مىچائەل ج. دەۋلىن) تەرپىدىن مىسسورىدا 4 يىل تۇتقۇن قىلىندۇ. شائون خونبەك بولسا دëۋلىننىڭ فەمىلە ئىسىمىنى قوللىنىشقا باشلايدۇ، ئايرىم ئىككى ئەنزىدىن باشقا ئەنزىلەردە ئۇ ساقچىلار بىلەن پاراڭ قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. شائون خونبەك قانۇن ئەيىپلەش يۇلى ئارقىلىق ياردەمگە ئېرىشىشكە ئىنتىلمەيدۇ. 2007-يىلى ئۇنى قۇتۇلدۇرۇش ھەركىتى داۋامىدا، مەتبۇئاتلاردا ئۇنى چۆرىدىگەن ھالدا < ئۇ نىمىشقا بۇرۇنراق ئۆزىنى ئاشكارلىمايدۇ؟ > دىگەڭە ئوخشاش نۇرغۇنلىغان سۇللار ئوتتۇرغا قۇيۇلۇشقا باشلاپ، بەلكىم ئۇ سۇ ك”گە گىرىپتار بولغان بۇلىشى مۇمكىن دىگەن قىياسقا خۇلاسىلىندۇ. لىكىن ، بۇ يەردە يەنە نۇرغۇنلىغان جىنسى خورلۇنۇشلارغا ئۇچرىغان، گۈرەگە ئىلىنغانغا ئوخشاش كەچۈرمىشى بار كىشلەر بولسا شائون خونبەكنىڭ قىچىشقا ئۇرۇنماسلىق يولىنى تاللىشىنى ياكى قارارىنى توغرا چۈشىندىغانلىغىنى ئىپادىلەشكەن.

خۇلاسە

س ۇ ك يالغۇز شەخىسلەردە كۆرۈلۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە بىر توپ ئامما، بىر پۈتۈن جەميەتتىمۇ ئىپادىلىندۇ. ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاندىكى ھازىرقى ئۇيغۇرلىرىمىنزنىڭ ئەھۋالى، شۇنداقلا دۇنيانىڭ باشقا ئەللىردىكى مۇستەبىت ھاكىميەت ئاسىتىدا ياشاپ كىلىۋاتقان خەلىقلارنىڭ تۇرمۇشى دەل كوللىلتىپ س ۇ ك. ئۇيغۇرلاردىكى س ۇ ك”نى مۇستەبىت، ۋە رەزىل خىقتاي ھاكىمىيىتى كەلتۈرۇپ چىقارغان. ئۇنداقتا بۇنىڭ شىپايى دورسى زادى نىمە؟ ئەگەر ئەستەيدىللىق بىلەن ئويلىنىپ باقساق، سۇك”گە گىرىپتار بولغان كىشلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرى بىلىپ-بىلمەي، توغما بولغان، بۇۋاق ۋاقتىدىن باشلەپلام يىتىلدۈرگەن بۇ خىل پىسخىكىنىڭ تەسىردىن، ئۆزىنىڭ ئەقلى كاللسى بۇيىچە ئۆزلىرى دۇچ كىلىۋاتقان خىرىسنى ۋە ھاياتى خەۋىپنى كۆرۈشكە قادىر بۇلالمىغانلىغىدا. ئۇلار گەرچە ئاددى قىلىپ، ئەگەر ئۇلارغا بويسۇنمىسا ئۆزلىرىنىڭ ھاياتىنىڭ تەھدىدكە ئۇچرايدىغانلىغىنى ئۈچۇن بويسۇنۇشقا، سۈكۈت قىلىشقا، ئاخىردا بىرىپ ھەتتە ياخشى كۆرۈشكە، قوغداشقا، يان بىسىشقا قاراپ ئۆتۈش يۇلىغا قاراپ مىڭىشقا مەجبۇر بولدۇق دىيىشى مۇمكىن. لىكىن ئۇلار ئۆزلرىنىڭ زادى نىمە ئۈچۈن ئۇلارغا بۇيسۇنىشى كىرەكلىگى ئۈستىدە ئويلۇنالمايدۇ. ئۇلارنىڭ بىزنىڭ ھاياتىمىزنى، بىزنىڭ تەقدىرىمىزنى كونتۇرۇل قىلىشىنىڭ زادى نىمە ئاساسى بار؟! نىمە ھەققى بار؟! بىز ئەجەبە ئۇلارغا قۇل بۇلۇشقا، ئۇلارھگا مەدىكار بۇلۇشقا، ئۇلارغا يالۋۇرۇپ ياشاشقا تۈرەلگەنمۇ؟! ئىپلاس كومپارتىيىنىڭ دىنسىزلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلغەن ھەم تەربىيەلىگەن س ۇ ك”گە گىرىپتار بولغان ئۇيغۇرلىرىمىز، ئەگەر ئەڭ ئەقەللى ئەقلى كاللاڭلار بىلەن مۇلاھىزە يۈرگۈزۇپ باقساڭلار شۇنى ھىس قىلالايسىلاركى خىتتاينىڭ سىزنىڭ، شۇنداقلا بىزنىڭ ھاياتىمىزنى كونتۇرۇل قىلىشىنىڭ، سىزنىڭ ئۆيىڭىزنى شۇنداقلا بىزنىڭ ئۆيىمىزنى تارتىۋىلىشىنىڭ، شەھەرلىرىمىزنى چىقىپ تۈزلىۋىتىشىنىڭ، ۋەتىنىمىزنى مۇنقەرىز قىلىشىنىڭ، بايلىقلىرىمىزنى تالانج-تاراج قىلىشىڭ، بىر ئۈمۈر جاپا چىكىپ ئىپلاس كومپارتىيە ئۈچۈن ئىشلىسىڭىزمۇ يەنىلە يۇقسۇنلۇقتا ئۆتۇشىڭىزنىڭ ھىچقانداق ئاساسىنى تاپالمايسىز! قىرىنداشلار، س ۇ ك”گىنى چۆرۈپ تاشلايلى! س ۇ ك”دىن خالىس بۇلۇپ، قەددىمىزنى رۇسلاپ دەس تۇرايلى! بىز ئۆزىمىزنىڭ ھاياتىمىزنى ئىپلاس، رەزىل كومنىست خىقتاينىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەرمەيلى! ئۆز ھاياتىمىزغا ئۆزىمىز ئىگە بۇلۇشقا تىرىشايلى! ئەگەر سىز خالىسىڭىزلام، سىز بۇ خىل روھى بۇيۇنتۇرقتىن قۇتۇلالايسىز، روھىڭىزنى كۆتۈرۇپ، قەددىڭىزنىن رۇسلاپ ھايات كۈچۈرەلەيسىز. سىزنىڭ، بىزنىڭ شۇنداقلا كىيىنكى ئەۋلادلرىمىزنىڭ كىيىنكى ئۆمىرى ئۈچۈن، يەنە شۇنداقلا ئىنقىلاپلاردا شىيىت كەتكەن قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاققۇزغان قانلىرى ئۈچۈن، خىتاي تۈرمىلىردە بىگۇناھ قىيىن-قىستاقلارغا ئىلىنىۋاتقان قەيسەر قىرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن بولسىمۇ قەددىمىزنى رۇسلايلى، ئويغۇنايلى! ئىتپاقلىشايلى، ئۆزىمىزنى كۈچلەندۇرەيلى! قاچانغىچە ئويغانمايمىز؟!

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>