مىللى كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىمىزنىڭ ئورنى نەدە؟
ئابدۇللا كۆكيار
ئۇيغۇر كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ، شەكلى ھەرخىل ۋە رەڭگارەڭ. ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم-كېچەك ئالاھىدىلىكى ھەققىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن قارىغاندا، ئۇلار تەبىئىي ئېھتىياج بىلەن ئېستىتىك ئېھتىياجىنى بىرلەشتۈرۈپ كىيىنىش جەھەتتە روشەن مىللىي ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈشكە باشلىغان دەۋرى ناھايىتى قەدىمكى دەۋرلەرگە تەئەللۇق.ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم-كېچەك ئەنئەنىسىدە، گۈللۈك يىپەك رەخت كىيىملەر چوڭ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. بولۇپمۇ، ئۇيغۇر ئاياللىرى ھەر خىل گۈللۈك ۋە نەقىشلىك يىپەك رەخت كىيىملەرنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئەتىۋارلايدۇ. بۇ ئەھۋالنى «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا «قىلىقلىناي دېسە قىزىل كىيەر، ياراي دېسە يېشىل كىيەر» ( «تۈركىي تىللار دىۋانى» بىرىنچى توم، 512-بەت) دېگەن تەمسىل بىلەن سۈرەتلىگەن. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆزىگە خاس گۈزەللىك قارىشىدا نىسپىي ھالدا، قىزىل رەڭ-خۇشاللىق ۋە شادلىقنىڭ، ئاق رەڭ—ساپلىق ۋە قۇتلۇقنىڭ، سېرىق رەڭ—پەرىشانلىق ۋە غەمكىنلىكنىڭ، كۆك رەڭ—ياشلىق ۋە بەخت-سائادەتنىڭ، قارا رەڭ—قايغۇ ئەلەم ۋە مۇسىبەتنىڭ سىمۋولى قىلىنغان. مۇشۇ قاراشلارغا ئاساسەن ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا ئىسلامنىڭ كىيىم كېچەككە قويغان ئومۇمى تەلىپى<ئەۋرەت ياكى ئۇيات ئەزالارنى تولۇق يېپىش،كەڭرى كىيىم كىيىش>نى ئەڭ ئالى ئۆلچەم قىلىپ،جىنسىي ئايرىملىققا، ياش قۇرامىغا، كەسپىي ئالاھىدىلىكىگە، ئورۇن-مەرتىۋىسىگە، پەسىل خاراكتېرىگە ۋە تۇرمۇش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، پەرقلىق كىيىنىش ئادەتلىرى، شەكىللەنگەن.
شەرمى-ھايا،نازاكەت ۋە ئۇياتچان ئەخلاقى بىلەن باتۇرانە-قەھرىمانلىق پەزىلىتىنى ھەر دائىم،ئۆزىدىن ئايرىماي،ئپپەت نۇمۇسىنى كۆز قارچۇغىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ،ئجتىمائىي جەمىيەتنى گۈللەندۈرۈپ مىللەتنى ھەر جەھەتتىن روناق تاپقۇزۇش جەھەتلەردە،ئەرلەر بىلەن تەڭ كۈچ چىقىرىپ،مىللەتنىڭ قەھرىمان ئوغۇل قىزلىرىنى تۇغۇپ تەربىيلەشتىن باشلاپ،دۆلەتنى ئىدارە قىلىشقا قەدەر ھاياتنىڭ ھەممە جەريانلىرىغا قان تەرىنى سىڭدۈرۈپ كەلگەن قەھرىمان ئۇيغۇر ئاياللىرى ئارىسىدا،كىيىملەرنى،ئىچى كىيىم،تاش كىيىم،ئۆي ئىچى كىيىم،مىھمانلىق مۇراسىم كىيىم،دېگەندەك تۈرلەرگە ئايرىپ قاملاشتۇرۇپ كىيىش،مەدەنىيتى،باغىرتاق تاقاش،ياغلىق ئاتىش،دوپپا ،تەلپەك كىيىش،كىيىملەرگە تاش بىلەن دەزمال سېلىپ تۈزلەپ كىيىش،ئۆسما بىلەن ئۆچكە يېغىدىن تەبىئى قاش قەلىمى ياساپ قوللۇنۇش،جىگدە يىلىمى بىلەن ئۆرەلگەن چاچنى قاتۇرۇش،مەدەنىيتى،قاتارلىق نادىر مەدەنىيەتلەر بۇنىڭدىن بىرنەچچە مىڭ يىل مۇقەددەم ۋۇجۇتقا كەلگەن.ئۇيغۇر كىيىم-كېچەك مەدەنىيتى، تارىخنىڭ ھەرقايسى دەۋىرلىرىدە باشقا ئەللەرنىڭ كىيىم -كېچىك مەدەنىيتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىراپ،گاھىدا ئۆز خاسلىقىنى ساقلىغان ئاساستا تېخىمۇ تەرەققى قىلغان بولسا، گاھىدا بەزى بىر خاسلىقىنى يۇقۇتۇش ياكى تامامەن يوقۇلۇش گىرداۋىغا بېرىپ قالغان ئەھۋاللارمۇ بولغان.
مەسىلەن :ئۇيغۇرلار ئىسلام دىننى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن ،مىللى ئۆرپى ئادىتىمىز،ۋە باشقا بارلىق كىيىم كىچەك مەدەنىيتىمىز ئىسلام دىينىنىڭ ( جىسمانى ئەزالارنىڭ ساغلاملىقىغا مۇۋافىق كەڭرى كىيىم بىلەن ئۇيات يەرلەرنى يوگەش ) نى ئاساسى تەلەپ قىلغان ئۇمۇمى بەلگىلىمىرى ۋە بىرقاتار ئىلغارقىممەت قاراشلىرى بىلەن بىرلەشتۈرلۈپ،تېخىمۇ يۈكسەك دەرىجىدە بېيىتىلغان.ئۇيغۇرلار ئىسلامنى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن ئاز ساندىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى ئارىسىدا،بولۇپمۇ بەزى دىندار ئائىلىلەرنىڭ خانىملىرى (قۇشتانجىم دەپمۇ ئاتىلىدۇ )لارنىڭ ئارىسىدا ئاستا-ئاستا يۈزلىرىگە تولۇق چۈمپەردە ئۇراپ، نۇرمال ئاياللاردىن پەرىقلىق بىر خىل كىينىش ئادىتى مەيدانغا كەلگەن. ئۇمۇمى يۈزلۈك ئۇيغۇر ئاياللىرى ئارىسىدا بولسا، بېشىنىلا نۇرمال ياغلىق بىلەن ئوراپ، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى بىلدۈرىدىغان يۈز قىسمىنى ئۇچۇق قويۇپ يۈرۈيدىغان ئەمما يات ئەرلەر بىلەن قارشىلاشقاندا،يۇزلىرىنى ياغلىقلىرى بىلەن قىيا يېپىپ،ئۆزلىرىنىڭ تەبىئى گۈزەل رۇخسارىنى خۇددى ئىپپەت نۇمۇسلىرىنى قوغدىغاندەكلا نامەھرەم ئەرلەرنىڭ كۆزلىرىدىن قاچۇرۇپ قورۇش نازاكىتى ،ۋە يات ئەرلەرگە تىكىلىپ قارىماسلىق،شەخسى گۈزەللىكىنى ئۆي سىرتىدا شەھۋانىلاشتۇرۇپ كۆز-كۆز قىلماسلىق،پەزىلىتى كەڭ ئومۇملاشقان.ھازىر قىززىق مۇنازىرە تىمىسىغا ئايلىنىۋاتقان (بۇرقا-روپاشلىق)مەسىلىسى ئىسلام پىقھى شوناسلىرىنىڭ نەزىرىدىمۇ بىر قىسىم بەلگىلىك دىندارئائىلىلەرنىڭ خانىملىرىغىلا خاس بىرخىل مۇراسىم كىيمى ھىساپلانغاچقىمۇ،ياكى كاززاب خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى ئۇنسۇرلىرى ۋە ئۇلاردىن ئىلگىركى مۇستەملىكچى ئۇنسۇرلار نىڭ ئەقلىگە ( بۇرقا- چۇمبەل ۋە قارا ئابايا لارنى پەش قىلىپ بىر پۇتۇن تېنىچلىق پەرۋەر كۈرەشچان ئۇيغۇر خەلقىنى خەلقارا تىرورىزىم ۋە ئاشقۇنلار ھەركىتىگە چېتىپ باستۇرۇش سۈيقەستى ) كىلىپ بولالمىغانمۇ ؟ھەر ھالدا تازا ئېنىق ئەمەس ، كىيىم كېچەك مەدەنىيتىمىز ئۆزگىچە ئاستا تەرەققى قىلغان بولسىمۇ كىيىم كىچەك مەدەنىيتىمىزنىڭ دىنغا تاقىشىپ قالىدىغان، مىللى مەنپەتكە تاقىشىپ قالىدىغان تەرەپلىرى ئاز كۆرەلگەن .بۇ ھەقتە دەتالاشمۇ ئاز بولغان دىيشكە بولىدۇ. 1949يىللىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىنى خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى ئۇنسۇرلىرى مەجبۇرى بېسىۋېلىپ،ئاتالمىش مەدەنىيەت ئىنقلابى(ماھىيەتتە دۇنيا مەدەنىيتىنىڭ ھەرخىل بولىشىغا قارشى تەتۈر ئىنقىلاب)نى باشلىغان مەزگىللەردە ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم-كېچەك مەدەنىيتىمىزدىن باشلاپ تاكى تەپەككۇرىمىز ۋە ئېتىقادىمىز غا قەدەر بارلىق مەدەنى بايلىقىمىز مۇستەملىكچىلەر نىڭ شىددەتلىك زىيانكەشلىكىگە ئۇچىراپ،ئەرلەرنىڭ باش كىيىم مەدەنىيتى ھەرخىل دوپپا دىن كۈجەك شەپكىگە،ئاياللارنىڭ چاچلىرىنى تولۇق ياپىدىغان نەپىس ياغلىقلىرى ئتنىڭ تىلىچىلىك كىلىدىغان نىپىز تۈتۈن ياغلىققا مەجبۇرى ئالماشتۇرۇلغان.بېشىغا ئىزچىل ياغلىق ئاتىپ،ياغلىقنىڭ ئۈستىگە بادام ۋە گىلەم دوپپا كىيىشتەك ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىغا خاس لاتاپەت ،دوپپىنى يالاڭ باشقا ياغلىقسىز كىيىشكە ئۆزگەرتىلىپ،بارا-بارا دوپپا كىيىشمۇ مەلۇم مۇراسىم ۋە بەلگىلىك كۈنلەرگە قىسقارتىلىپ،باشقا چاغلاردا مىھمانخانا ئۆيلەردىكى ئەينەك جاۋانلارنى بىزەيدىغان بىزەك ماتىريالىغا ئايلانغان.ئاز ساندىكى ياش ئۇيغۇر قىزلىرى ئارىسىدا يەتتە ئۈرەم قىلىپ ئورگىلى بولىدىغان ئۇيغۇر قىزلىرىغا خاس سۇمبۇل چاچلىرىنى كىسىپ تاشلاپ،چىلنەبوز بۇدرە قىلىۋېلىش،تىرناقلىرىنى جىن شاياتۇنلارنىڭكىدەك ئۆستۈرۋېلىشتەك ئۇيغۇرچە لاتاپەتكە مۇخالىف كىينىۋېلىش ئادىتى تۇغۇلغان.ئاتالمىش ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى سابىق قورچاق رەئىسى تۈمۈر داۋامەت 1993-يىلى مەركەزدىن شەرقى تۈركىستانغا كەلگەن خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئاتاپ ئۇرۇمچىدىكى مەلۇم بىر سەنئەت زالىدا ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان مەلۇم بىر سەنئەت كىچىلىكىدە كۈندىن كۈنگە ساختىلىشىپ كىتىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر مىللى كىيىم كېچەك مەدەنىيتىدىن پەخرلىنىمەن دەپ، (سەھنىدىكى ئۇسۇلچى قىزلارنىڭ بېشىغا تاقاپ قويۇلغان يالغان چاچلىرىنى، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ چاچ ئۆستۈرۈش مەدەنىيتى)دەپ تەرىپلەپ سۆزلەپ قويۇپ نەتىجىدە خىتاي ئەمەلدارنىڭ ئالدىدا كۈلكىگە قالغان.كىيىن ئۇ (شىنجاڭ مەدەنىيتى) دېگەن ژورنالدا ئىلمى مۇلاھىزە ئېلان قىلىپ،تەبىئى ئۇيغۇر مىللى كىيىم-كېچەك ۋە چاچ ئۆستۈرۈش،مەدەنىيتىمىزنىڭ ئامىۋى خەلىق ئارىسىدا ئەمەس ھەتتا سەنئەتچىلىرىمىز ئارىسىدىمۇ ھېچ بىر ئەسىرى ۋە ياكى پۇرىقىنىڭ قالمىغانلىقىدىن شىكايەت قىلىپ، مىللىچە ئەنئەنىۋيلىككە ئىگە كىيىم كېچەك مەدەنىيتىمىزنى ساغلام تەرەققى قىلدۇرۈش ۋە ئۇيغۇرغا خاس چاچ تەربىلەپ ئۆستۈرۈش مەدەنىيتمىزنى مۇكاپاتلاشنى يولغا قويۇش ئارقىلىق تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ زۇرۇرلىكى ھەققىدە بىر ياخشى تەكلىپنى ئوتتۇرغا قويغان .ژورنالنىڭ قايسى يىللىق سانى ئىكەنلىكى ئسىمدىن كۈتەلىپ كىتىپتۇ،ھەر ھالدا مەن ئۇ ماقالىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن1992-ياكى1993 يىللىرى ئۇقىغانلىقىم ھېلىمۇ ئىسىمدە.
2013-يىللىرىغا كەلگەندە ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى بىر تۈركۈم زىيالىلار،ئۇيغۇر مىللى كىيىم-كېچەك مەدەنىيتىمىزنىڭ ئېغىر دەرىجدە خىرىسقا دۈچ كىلىۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ،خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە قارشى جانلىق بىر ئىنكاس سۈپىتىدە 5-ماي دوپپا بايرىمى كۈنىنى يولغا قۇيۇش تەشەببۇسلىرىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن.
ھازىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئۆز ۋاقتىدىكى ئەجداتلىرىمىز سۇلتانىمىز سۇتۇقبۇغراخان نىڭ توغرا باشقۇرىشىدا ئىسلام دىينىنى قوبۇل قىلىپ،ئىسلام تەلەپ قىلغان ئومۇمى كىيىنىش ئۆلچەملىرىنى ئۇيغۇر مىللى كىيىم كېچەك مەدەنىيىتىمىز بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ھاسىل قىلغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا خاس ئەنئەنىۋى كىيىنىش مەدەنىيەت ئادىتىمىزنى ئىنكار قىلىپ،زامانىۋى ئەرەب مۇسۇلمانلىرىنىڭ كىيىنىش ئادىتىنى ئىسلامى كىيىم كېچەك دەپ خاتا تونۇۋېلىپ,ھازىرقى زامان ئەرەب مۇسۇلمان ئاياللىرى بىلەن كىيىنىشتە مودا قوغلىشىش خاھىشى،يامرىغانلىقى،خىتاي كوممۇنىست ئالۋاستىلىرى ئۇنى باھانە قىلىپ ھەدە سىڭىللىرىمىزنى ئومۇمى يۈزلۈك يالاڭباش،يېرىم يالىڭاچ قىلغىلى باشلىغانلىقى،قىسقارتىپ ئېتقاندا ئۇيغۇر مەدەنىيتىمىز قىرغىنچىلىققا دۈچ كەلگەنلىكى،نىقاب مەسىلىسى خىتاينىڭ ئاق تاشلىق كىتابىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت بويىچە رادىكاللىق ۋە ئاشقۇنلۇققا باغلاپ لاگىرغا قامىغانلىقىنى ئىسپاتلاشتىكى ئەڭ ياخشى سۇننى قورالى بولۇپ قالغانلىقى ، بىر ئەمەلى رىئاللىق. ئەمما بۇنىڭ ئاساسلىق ئامىللىرىنى ئاز ساندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەرەب مۇسۇلمانلىرى بىلەن كىيىم كېچەكتە مودا قوغلىشىپ بۇرقا كىيۋېلىشى، پەقەتلا شۇ، سەۋەبلىك ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ھاكىمىيتىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ قويۇپ،بۇ،يامان ئاقىۋەتكە قالغانلىقىنى ئىلگىر سۈرۈپ تەھلىل قىلىش،مىللى كىيىم-كېچەك مەدەنىيتىمىزنىڭ داۋاسىنى قىلغاندا،مىللى كىيىملەرنى سېلىپ تاشلاپ يېرىم يالىڭاچ ماجان بۈۋە بولىۋالغانلارغا كۆز يۇمۇپ،ئەرەبچە ئافغانچە بۇرقا كىيىۋېلىپ تەقۋا بۈۋە بۇلىۋالغانلارنى يەكچاشمالارچە ئاشۇرۇپ تەنقىد قىلىش، بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ پسىخىكىمىزدىكى ”دۈشمەننىڭ غەرەز مەقسەتلىرىنى ئاددى ئويلاش،ئۇلارنىڭ قەبىھ ماھىيتىنى چوڭقۇرچۈشەنمەسلىك“تەك سىياسى ئاجىزلىقىمىزنىڭ يەنە بىر خىل نامايەندىسى.
تەقۋالىق مەسىلىسىگە كەلسەك ھەزىرتى مۇھەممەد ئەلەيھىسالام (ئاللاھ سىلەرنىڭ تاشقى شەكلىڭلارغا ئەمەس بەلكى ئىچكى قەلبىڭلارغا ۋە ئەمىلى قىلغان ئىش ھەركىتىڭلارغا قارايدۇ)دەپ تەلىم بەرگەن.بۇرقا ئاتمايمۇ نۇرمال ياغلىق چىگىپ دىلنى ئىمان بىلەن نۇرلاندۇرۇش ئارقىلىق تەقۋالىق ماقامىغا يىتىش مۇمكىن . ئىلىملىك بولۇش،پەننى سۆيۈش مەسىلىسىگە كەلسەكمۇ دۇنيادا ھېچ بىر مىللەت مىللى كىيىم -كېچەكنى تاشلاپ ،ياغلىق چەگمەي باشقا تەرەققى تاپقان مىللەتلەر نىڭ خانىملىرىدەك ياسىنىۋېلىشنى ئالىم بولغانلىقنىڭ بەلگىسى قىلىپ ھىساپلىمىغان،نىمىشقىكىن بىز مىللەتتە مۇشۇ كىيىم -كېچەك غەلۋىسى ھەقىقەتەن بەك ئېغىر بولىۋاتىدۇ.ئادەتتە خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلىرى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا خاس ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى كىيىم كىچەك ۋە كىيىنىش مەدەنىيەت ئادىتىمىزنىڭ ھېچ قايسى بىرىنى ياقتۇرمايدۇ.چۈنكى بۇ،خاسلىقلارنىڭ ھەممىسى،خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسىملاتسىيە قېلىپ يوقۇتۇش سىياسىتىگە چوڭ تۇسالغۇ بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.لېكىن ھىلىگەرخىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى ئالۋاستىلىرى قوساقلىرىنىڭ تىگىدىكى زەھەرخەندىلىكلەرنىڭ ھەممىنى بىراقلا ئاشكارىلاپ ئوتتۇرغا تۆكمەيدۇ.بەلكى ئىسلام تەلەپ قىلغان ئومۇمى كىيىنىش ئۆلچەملىرى بىلەن بىرلەشتۈرلۈپ تەرەققى قىلدۇرۇلغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا خاس ئەنئەنىۋى كىيىنىش مەدەنىيەت ئادىتىمىزنى پارچىلاپ تەنقىد قىلىدۇ. ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇشقا سەۋەب ۋە ئامىل كۆرسىتىش ئۈچۈن، بىر تۈركۈم ”ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلىقنى بىر خىل كىيىم كىچەك مودېلى ئاستىغا كىرگۈزۈپ تارلاشتۇرۇپ چۈشىنىدىغان موداپەرەس كىشىلەر“نى پەۋقۇلاددە تەقۋالىقنى داۋراڭ سالغۇزۇپ ۋۇجۇتقا چىقىرىدۇ.دىننىڭ مىغىزلىق ئاساسىغا ئەمەس، شاكىلىغا مەھكەم ئېسىلىدىغان تۆۋەن سەۋيىلىك مۇسۇلمانلار قوشۇنى بەرپا قىلىشقا تىرىشىدۇ.چۈنكى ئۇلار مۇشۇ تۈردىكى بىر تۈركۈم كىشىلەرگە بەك موھتاج.شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا خاس ئەنئەنىۋى كىيىنىش مەدەنىيەت ئادىتىمىزنى «قالاقلىق زاماننىڭ ئارقىسىدا قالغانلىق »دەپ بىلىپ،غەرىبچە يېرىم يالىڭاچ كىيىنىشنى بىلىملىك بولغانلىق دەپ،غەرىبلىكنىڭ مۇستەقىل ياشاش قىممەت قارىشىنى كەشپىيات يارتىش، بىلىم ئېلىش مەدەنىيتىنى قوبۇل قىلماي ماركىلىق كىيمى كىيىشنى قوبۇل قىلىپ ئۇلار بىلەن كىيىنىشتە مودا قوغلىشىدىغان،كىيىم كىچەكنى چەتئەلدىن ئىمپورت قىلغۇزۇپ كىيىشنى بىرخىل ئادەت قىلىۋالغان تۆۋەن سەۋيىلىك يېرىم يالىڭاچ ئادەم توپلۇقلىرىنىمۇ كۈپەيتىپ كىيىم كېچەك مەدەنىيتىمىز ساھەسىدە ئىگىز پەس نورمالسىزلىق مۇھىيتى يارتىشقا ھەم موھتاج.بۇ،ئارقىلىق ئۇلار كىيىم كىچەك مەدەنىيىتىمىزگە خىرىس قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقىدەك قەبىھ ماھىيتىنى،مەدەنىيىتىمىزنى نورماللاشتۇرۇپ رەتكە سېلىش بىلەن نىقاپلاپ،ئاۋام خەلىقنىڭ نارازىلىقىنى باشقا بىر ياقلارغا بۇراشقا مەنىۋى توسما ھازىرلايدۇ.
شۇڭا خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچىلىرى ھەقىيقى دىننىڭ نىمىلىكىنى،دىننىڭ كىيىم كىچەك ۋە كىيىنىش توغرىسىدىكى ئېنىق بەلگىلىمىلىرىنى خەلىققا توغرا شەكىلدە يەتكۈزىدىغان موللىنىڭ يولىنى توسقاندەكلا، مىللەتكە ھەقىيقى ئىلىم پەن ۋە بىلىمنىڭ نىمىلىكىنى،ھەقىيقى مەدەنىيەتنىڭ نىمىلىكىنى،ئۇيغۇر كىيىم كېچەك مەدەنىيتىنىڭ ئورنىنىڭ نەدىلىكىنى، تونۇشتۇرىدىغان زىيالىنىڭمۇ يولىنى توساپ،كىيىم-كېچەك مەدەنىيتىمىزنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا خاس نۇرمال ۋە ئەركىن تەرەققى قىلىشىنى چەكلەپ، مىللەتنى ئۆزى خالىغان ئەگرى تۇقاي تۇيۇق يوللارغا يىتەكلەيدۇ.ئۆزى خالىغان ھەرخىل غەلىتە ئېقىملارنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كەڭ تارقىلىشىغا مەلۇم ۋاقىت يېشىل چىراغ يېقىپ بىرىپ،ۋاقتى سائىتى توشقاندا ئۆزى سالغان تورنى ئۆزى يىغىپ،ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كىيىم-كېچەك مەدەنىيتىنى تولۇق خىتايلاشتۇرۇش پىلانىغا پەللىمۇ-پەللە ئاساس ھازىرلايدۇ.ياغلىقتىن ئايرىۋېتىلغان دوپپا بايرىمى چەتئەللەردە مەدەنىيەت قوغداشنىڭ بىرخىل كۆزنىكى بولسا ۋەتەن ئىچىدە قىزىل تەشۋىقاتنىڭ قۇرالى بۇلاۋاتقان ئەھۋاللارنى جاھان ئەينىكى بىلەن كۆرەۋاتىمىز.ئەھۋال بۇنداق مۇرەككەپ بولغان ئىكەن،كىيىم-كېچەك مەدەنىيتىمىز ساھەسىدە تەنقىد ئۇبۇكتىمىزنى يۇقۇردا دىيىلگەن (بىرى بەك ھەددىدىن ئاشۇرغان،يەنە بىرى ھەددىدىن بەك تۈۋەنلەشتۈرگەن)ئىككى خىل موداپەرەس تۆۋەن سەۋيىلىك گۇرۇھلارغا مەركەزلەشتۈرۈۋېلىش،خۇددى ماشىنىنى خاتا ھەيدىگەن شوپۇرنى قۇيىۋېتىپ خاتا ماڭغان ماشىنىنى سوراق قىلغان قاتناش ساقچىسىنىڭ ئەخمىقانىلىكىگە ئوخشاپ قالىدۇ.
مەن بۇ،مىسال ئارقىلىق يۇقۇردا دىيىلگەن ئۇيغۇر جەمىيتىدە تەڭ مەۋجۇت بولغان ئىككى خىل ئۇيغۇر توپلۇقلىرىنى تولۇق ماشىنا ئادەمگە ئايلىنىپ كېتىپ بولغان،شۇنىڭغا بېقىپ مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك دېمەكچى ئەمەس.پەقەت يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك مۇستەملىكە ئاستىدا ياشاش،ئۇلارنىڭ ماشىنا ئادەمدىن پەرىقلىنىدىغان خۇسۇسىيەتلىرىنى خېلى ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلىۋېتىپ بولغان،دېمەكچى.شۇڭىلاشقا بىز نورمال بىر -ئادەمگە خاس خۇسۇسىيەتلىرى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنى ئاز تەنقىد قىلىپ،نوچى بولساق ئۇلارنى زىيانكەشلىككە ئۇچراتقان زوراۋان مۇستەملىكچى كۈچلەرنى ۋە ئامىللارنى تۇسۇپ قېلىشنىڭ چارە تەدبىرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشىمىز لازىم!چۈنكى مەسىلە بىز ئويلىغاندىنمۇ بەكرەك مۇرەككەپ.
بومبا ساقال ماركىس ئىنگلىز لارنى ئۆزىگە داھى دەپ بىلگەن كاززاپ كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلارغا قارىملارنىڭ قارا كەكە ساقىلى ئەمەس ،ئى مۇئەللىم زىيالىيلىرىمىزنىڭ تۇتامغا چىقمايدىغان بۇرۇتلىرىمۇ،سەت كۆرۈنۈپ كەتتى،بۇنىڭغا شىكايەت قىلىپ ئوبزور يازغان يالقۇن رۇزى ئۇستازلار قولغا ئېلىنىپ نەلەرگە كەتتى! بۇنىڭدەك ئەھۋاللارنى ئۇيغۇر جەمىيتىنىڭ كۈندىن كۈنگە ناچارلىشىۋاتقان ۋەزىيتىنى كۈزىتىپ تەھلىل يۈرگۈزگەندە ئېسىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز كېرەك .ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىق يىرى شۇكى، ھازىر ئۇيغۇر مىللى كىيىم كېچەك مەدەنىيتى نىڭ ئورنى بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئايال خانىم قىزلىرىمىزنىڭ دىننى ۋە مىللى لاتافەت ئۆلچەملىرىگە ئۇيغۇن باش كىيىملىرى توغرىسىدا قىززىق مۇنازىرە قىلىشىۋاتقانلارنىڭ كۆپۈنچىسىنىڭ تەسەۋۋۇرىدا مۇسۇلمان ئۇيغۇر ئايالنىڭ لاتافەت سىماسى ھەرخىل .كونكىرت قىلىپ ئېيتقاندە كىيىم كىچەك مەدەنىيتىمىز ھەققىدە توختىماي ماقالە يېزىپ ھەتتا دىننى تىمىلاردا مۇنازىرە باشلاپ يۈرگەن، ياكى ئاياللارنى بۇرقا ئىچىگە سولاپ كىنولاردىكى (ئايال زورو پەھلىۋان)قوشۇنى بەرپا قىلىشنىڭ پىشىگە چۈشكەن ھەر ئىككى تەرەپكە رەسىم سىزىش ماتىريالى تارقىتىپ بىرىپ تارىخىمىزدا ئۆتكەن ئايال قەھرىمانلىرىمىزنىڭ رەسىمىنى سىزىپ كىلىڭلار دەپ تاپشۇرۇق بىرىلسە يېقىنقى تارىخىمىزدا ياشاپ ئۆتكەن ئاماننىساخان ئاپاشنىڭ سۈرىتىنى ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزگىچە ھەرخىل غەلىتە سىزىپ كىلىشى مۇمكىن !چۇنكى بىرلىرىنىڭ تەسەۋۋۇرىدا ئاماننىساخان ياغلىقسىز باشتاق ياشاپ ئۆتكەن .يەنە بىرلىرىنىڭ قارىشىدا بولسا،ئۇ بۇرقا كېيمەي بېشىنىلا ياغلىق بىلەن ئوراپ دۇتتا تەمبۇ چېلىپ ئولتۇرۇپ تەقۋا مۇسۇلمان بولالماي ئالەمدىن كەتكەن .