مەھمۇد قەشقىرى ئانا تىل مەكتىپىنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرى نورمال داۋام قىلىۋاتىدۇ
مەھمۇد قەشقىرى ئانا تىل مەكتىپى 2006- يىلى 5- ئايدا شىۋېتسىيەدە قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن 2007- يىلى 6- ئايدا شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەسمىي ئەنگە ئېلىنىپ مەكتەپ قاتارىغا تىزىملانغان. گەرچە بۇ،مەكتەپ دەم ئېلىش كۈنلىرىدىن پايدىلىنىپ ،ھەپتىسىگە ئاران ئىككى كۈن پائالىيەت ئېلىپ بارالايدىغان كۇرس شەكىلدىكى بىر مەكتەپ بولسىمۇ،شىۋېتسىيە تەۋەسىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئانا تىلدىن دەسلەپكى ئاساسنى يارتىپ ساۋادىنى چىقىرىش،ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىدە ئىسلامچە توغرا ئاڭ ۋە ئەخلاقىي پەزىلەت يېتىلدۈرۈش، ئۇلاردا ۋەتەننى سۆيۈپ،نورمال مەكتەپلەردىكى پەننى بىلىملەرنى پۇختا ئۆگىنىپ،ئاتا ئانىلارنى ھۆرمەتلەپ،ئۆگەنگەن پەننى بىلىملەرنى ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئىشلىتىش،قاتارلىق گۈزەل خىسلەتلەرنى يېتىشتۈرۇش جەھەتلەردە رولى مۇھىم بولغان بىر مەركىزى بازا.
مەھمۇد قەشقىرى ئانا تىل مەكتىپى،تەرەققى قىلغان شىۋېتسىيە مۇھىتىدا تارقاق ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى ئىزچىل ھالدا ھەپتىدە بىر ئىككى قېتىم بولسىمۇ، بىر ئارىغا جەم قىلىپ ئۇچراشتۇرۇپ، يىلدا بىر نەچچە قېتىم لاگىر پائالىيىتى تەشكىللەپ،بارلىق ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆز ئارا مەلۇمات ئالماشتۇرۇشى، دوستلۇق ئورنىتىشى، جەھەتلەردە 2006-يىلدىن بۇيان ئاساسلىق رول ئويناپ كەلگەن،ئىلمى ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ئورۇن.
يېقىندا ئانا تىلنى قوغداش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا داڭ چىقارغان يىتۈك زىيالى، ئابدۇلۋەلى ئايۇب ئەپەندى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا (ياۋروپادا ئانا تىل ۋە دىن كۇرسلىرى: «بالىلارنى ئۆزىمىز تەزدۈردۇق») دىگن تىمىدا تۈركىيەدە تۇرۇپ تېلىفون ئارقىلىق شىۋېتسىيەدىكى بىر تۈركۈم كىشىلەرنى زىيارەت قىلىپ سۆھبەت خاتىېرىسى ئىشلەپ تارقاتتى.مەزكۇر پروگراممىدا شىۋېتسىيە تەۋەسىدە ئاللا بۇرۇن تاقىلىپ كېتىپ بولغان تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، تاقىلىپ كىتىپ بولغان كۇرۇسلارنىڭلا مۇئەللىملىرىگە گەۋدىلىك ئۇرۇن بىرىلىپ،ئىزچىل تۈردە ئون بىر يىلدىن بىرى پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كىلىۋاتقان ،مەھمۇد قەشقىرى ئانا تىل مەكتىپى گە ئورۇن بېرىلمىگەنلىكى ئۈچۈن،ۋەتەنداشلار ئارىسىدا خاتا چۈشەنچە پەيدا بولۇپ،نۇرغۇن ۋەتەنداشلار ھەيران قېلىپ،شىۋېتسىيەدىكى مەھمۇد قەشقىرى ئانا تىل مەكتىپىگە تېلىفون قىلىپ خەۋەر ھەققىدە ھەيران قېلىشقانلىقلىرىنى،ۋە بۇ ھەقتە ئېنىق مەلۇمات بېرىشىمىزنى تەلەپ قىلدى.
شۇ، سەۋەبلىك شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار مەھمۇد قەشقىرى ئانا تىل مەكتىپى ۋە شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ يىتەكچىلىكىدە،ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن پائال ۋە ئىزچىل ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىدەك رىئاللىقنى ۋەتەنداشلارنىڭ سەمىگە سېلىپ قۇيۇشنى توغرا تاپتۇق.
تېخى ئۆتكەن مەۋسۇمدا ئۇيۇشمىمىز،شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى سىتوكھولمنىڭ ئاكاللا رايونىدىكى كوردوبا خەلقئارالىق باشلانغۇچ مەكتىپىدە 15 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئوقۇۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ،مەكتەپ مۇدىرى بىلەن بىرقانچە قېتىم كۆرۈشۈپ ئالاھىدە كۈچ چىقىرىپ، ئۇيغۇر تىلىنى مەزكۇر مەكتەپنىڭ چەتئەل تىلى دەرسلىك تىزىملىكىگە رەسمىي كىرگۈزدى. ۋە بىر نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىنىڭ ھەپتىدە 3 سائەت ئۇيغۇرچە دەرس ئۆتۈشىنى تەستىقلاتتى.دەرىسلىك ماتىريالى ئۈچۈن،ئابدۇلۋەلى ئايۇب ئەپەندىنىڭ يىڭىدا بالىلار ئۈچۈن تەييارلىغان ئېلىپبە كىتابىنى ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرى تۈركىيەدە نەشرى قىلىنغان بارلىق (ئۇيغۇر تىلنى ئۆگىنىشكە ئائىت كونا يىڭى كىتابلار)نى تەۋسىيە قىلىپ تۇنۇشتۇرۇپ،بىر يۇرۇش ئەكەلدۈرۈپ بەردى.مەكتەپ گەرچە تاغنى تالقان چۆلنى بوستان قىلىۋېتەلمىگەن بولسىمۇ،ئۇيغۇر دىيارى ۋە شىۋېتسىيە تەۋەسىدە پىسخلوگىيە ۋە پىداگوگىكا ساھاسىدە ئالاھىدە تەربىيە كۆرگەن ئالى مەلۇماتلىق ئۈگەتكۈچىلەر بىلەن ئۈگەنگۈچىلەرگە سەھنە ھازىرلاپ شارائىت يارتىشتىن بىر مىنۇتمۇ بۇشاپ قالمىدى.
بەزى بىر مۇئەللىملەر شەنبە كۈنلىرى دەم ئېلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ قېلىپ، مەھمۇد قەشقىرى ئانا تىل مەكتىپى گە كېلىپ بالىلارغا پىدائىيلارچە دەرىس ئۆتۈشكە ۋاقىت چىقىرىپ بولالماي دەرىس ئۆتۈشتىن ۋاقىتلىق توختاپ قالغانلىقى،ۋە يەنە باشقا مۇئەللىملەر مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى مەكتەپتىن ئۇزاقلاشتۇرۇلغانلىقى راست. ئەمما بۇ،دېگەنلىك، (شىۋېتسىيەدىكى مەھمۇد قەشقىرى ئانا تىل مەكتىپىمۇ باشقا كۇرسلاردەك جىمجىت تاقىلىپ كەتتى) دېگەنلىك ئەمەس.
دۇنيانىڭ تەبىئى قانۇنىيتىگە ئەگىشىپ مۇئەللىملەر كەلدى، كەتتى.ئەمما مەھمۇد قەشقىرى ئانا تىل مەكتىپى، ئىقتىدارلىق يىڭى مۇئەللىم، يىڭى ئوقۇش ماتىريالى،يىڭى ئۇسلۇب بىلەن ئوقۇ ۋە ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ئىزچىل داۋام ئەتتى ۋە ئېتىۋاتىدۇ. ۋەتەنداشلارنىڭ ۋاقىپ بولۇپ قېلىشىنى ۋە ئوقۇش يېشىدا پەرزەنتى بولسا ئىككىلەنمەي،مەكتەپ مۇدىرى نىجات تۇرغۇن ئىنىمىزنى ئىزدىشىنى سورايمىز!
ھۆرمەت بىلەن:
شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى مەسئۇلى
ئابدۇللا