باش بەتكە قايتىڭ » ۋەقە ۋە مۇلاھىزە » ئۇيغۇرلار مۇھاجىرەتتە ئۆزىنى ساقلاپ قالالامدۇ (1)
ئۇيغۇرلار مۇھاجىرەتتە ئۆزىنى ساقلاپ قالالامدۇ (1)

ئۇيغۇرلار مۇھاجىرەتتە ئۆزىنى ساقلاپ قالالامدۇ (1)

DRto3UZWsAAPrPdخەلقئارالىق مەتبۇئاتلاردا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ «ئۈستى ئوچۇق تۈرمە» گە ئايلانغانلىقى خەۋەر قىلىنىۋاتقان يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان ئۇيغۇر زىيالىيلار ئارىسىدا بۇ ھەقتە ئىزدىنىشلەر، تۈرلۈك رەسمىي ۋە غەيرىي-رەسىمى تەشكىللىنىشلەر كۆرۈلۈشكە باشلىدى. تۈرلۈك تور بەتلەر، تور خاتىرىلىرى ۋە ۋاتسئاپ توپلىرى قۇرۇلۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇق مەسىلىسى مۇنازىرە ئوبيېكتىغا ئايلىنىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ ۋاتسئاپ توپلىرىدا بۇ ھەقتە سۆزلىنىۋاتقان لېكسىيەلەرنىڭ بەكرەك كەڭرى تارقىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇنىڭ ئىچىدە ئاڭلىنىشى ئالاھىدە يۇقىرى بولۇۋاتقان، دوكتور ئەركىن سىدىق سۆزلىگەن «ئۇيغۇرلار ئۆزىنى ساقلاپ قالالامدۇ» دېگەن تېما مۇنازىرىلەرگە سەۋەب بولماقتا.

بىز مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قانداق ساقلاپ قېلىشىدىكى تەدبىرلەر، ساقلاپ قالالماسلىقىدىكى خەۋپلەر، ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش قىسمەتكە دۇچار بولۇپ مۈشكۈلاتتىن نىجاتلىققا ئېرىشكەن قەۋملەرنىڭ تەجرىبىلىرى قاتارلىقلار ھەققىدە ئامېرىكىدا ياشايدىغان دوكتور ئەركىن سىدىق ۋە تۈركىيەدە ياشايدىغان دوكتور ئالىمجان ئىنايەتلەرنى زىيارەت قىلدۇق.

دوكتور ئەركىن سىدىق ئالدى بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ ئۈچ مىڭ يىلدىن بېرى يوقالماي ساقلىنىپ كېلىشىدىكى ئۆزى يەكۈنلەپ چىققان ئۈچ ئامىل ھەققىدە توختالدى. ئۇنىڭچە ئېزىلىش، دىن، مائارىپ ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن ئەقىل كۈچى ۋە ئىقتىداردىن ئىبارەت ئىكەن. ھازىر ئۇيغۇرلار يەھۇدىيلاردەك ئورتاق بىر دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان، قاتتىق ئېزىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەڭ مۇھىم ئامىل بولغان مائارىپ ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدىغان ئەقلى كۈچ ۋە تۈرلۈك تېخنىكىلاردىن مەھرۇم ئىكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ ئۈچ ئامىلنىڭ ئىچىدە بۈگۈنكى ئۇيغۇرلاردا دىنغا ئەھمىيەت بېرىش، مائارىپتا يۈكسىلىش ۋە تېخنىكىدا كامالەتكە يېتىشنىڭ ئالدىنى توسۇپ قويۇۋاتقان ئىكەن.

دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشتا ئانا تىلنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇنىڭ قارشىدا ئەگەر ئۇيغۇرلار دىننى ئانا تىلى ئارقىلىق ئۆگەنمىسە، مەدەنىيىتىگە ئانا تىلى ئارقىلىق ۋارىسلىق قىلمىسا، سەنئەتنى ئانا تىلى ئارقىلىق قەلبىگە ئوزۇق قىلمىسا ئۇيغۇر بولالمايدىكەن. ئانا تىلى يوقالغاندا ئۇيغۇر داۋاسى مىراسخورسىز، زېمىن ئىگىسىز قالىدىكەن.

دوكتور ئالىمجان ئىنايەت يەھۇدىيلارنىڭ ئانا تىلىدا يېزىلغان «تەۋرات» ئارقىلىق ئۆز كىملىكىنى ساقلاپ قالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ بايقىشىچە، يەھۇدىيلار كۈچلۈك ئائىلە مائارىپى ئەندىزىسىگە ئىگە بولۇپ كىچىكىدىن ئىبراي تىلىدا يېزىلغان «تەۋرات» نى ئۆگىنىپ دىن ۋە ئانا تىلنى پۇختا ئىگىلەش ئارقىلىق مەۋجۇتلۇقىنى 3 مىڭ يىلدىن بېرى ساقلاپ كەلگەن ۋە بۈگۈنكى ئىسرائىلىيە دۆلىتىگە ساھىب بولغانلىقنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئىنتېرنېت تورىنىڭ دۇنيانى قاپلىغانلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىشىنى تېخىمۇ ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار ئەگەر دۇنيا بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئانا تىل تور مەكتىپى قۇرۇپ چىقالىسا، بىرلىككە كەلگەن تور دەرسلىكى تۈزۈپ چىقالىسا ۋە بىر تۈركۈم توردا ئانا تىل ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلار ۋە پىدائىيلار قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقالىسا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھاجىرەتتىكى مەۋجۇتلۇقى ساقلىنىپ قالىدىكەن.

دوكتور ئەركىن سىدىقنىڭ قارىشىچە، مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىش مۇھىم ئىكەن.
دوكتور ئەركىن سىدىق بۇندىن 3 مىڭ يىلدىن بېرى زۇلۇمغا ئۇچراپ يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن يەھۇدىيلارنىڭ ھاياتىدا زۇلۇمنىڭ، ئېزىلىشنىڭ ئۇلارنى قانداق تاۋلاپ چىققانلىقى ھەققىدە توختالدى. ئۇ يەنە مائارىپ ۋە ئانا تىلدا ئۆگىنىلگەن دىننىڭ يەھۇدىيلارنى ساقلاپ قېلىشتىكى رولى ھەققىدە توختالدى.

دوكتور ئەركىن سىدىقنىڭ قارىشىچە، جامائەت بەرپا قىلىش ھەر قايسى ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشتا مۇھىم رول ئوينايدىكەن. ئۇنىڭچە، تورنىڭ جاھاننى قاپلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋھۇم جامائەتلەرنى قۇرۇپ چىقىشتا پايدىلىق روللارنى ئوينايدىكەن. ئۇ يەنە ئىنتېرنېتنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىل ئوقۇتۇشىدا مۇھىم قورال دەپ قارايدىكەن.

دوكتور ئەركىن سىدىق بىر قىسىم ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئۆزى ياشاۋاتقان ئەلنىڭ پۇقرالىقى بىلەن يۇغۇرۇپ تاشلاشنىڭ ياكى دىنىي كىملىك بىلەن مىللىي كىملىكنى زىتلاشتۇرۇپ قويۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوقلۇقىنى يوقلىغىنى تەكىتلىدى. ئاندىن ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىدىكى مۇھىم ئامىللار ھەققىدە توختالدى. ئەركىن سىدىق ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارغا پەرزەنتلەرگە ئىسىم قويغاندا بىر ئوتتۇرا ئىسىم قويۇپ ئۇنى ئۇيغۇر دەپ بېكىتىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ قارىشىچە غەربتە كىشىلەرنىڭ ئىسمى، ئوتتۇرا ئىسمى ۋە فامىلىسى بولغاچقا ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئىسىمغا ئۇيغۇرنى تاللىسا بالىغا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلۇقىنى ھەر زامان ئەسكەرتىپ تۇرغان ھېسابلىنىدىكەن.

بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىلەرنىڭ داۋامى ئۈچۈن كېيىنكى پروگراممىلارغا دىققەت بەرگەيسىلەر.

Share Button

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>