ئىسلام تەلەپ قىلغان ئوتتۇرھال دىننى ئىدىيە ۋە جەڭگىۋار تەبلىغ تەشۋىقاتى بىلەن شەرقى تۈركىستان داۋاسىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تېگىشلىك ئورۇن تۇتۇپ كەلگەن ، يىتۈك دىننى ئالىم مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ئۇستازنىڭ ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، مەرھۇمنىڭ ئائىلىسى ۋە يېقىن يۇرۇقلىرى،مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا خىزمەت قىلغان شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمىيتىنىڭ يېقىندىن ماسلىشىشى بىلەن 23-دېكابىر كۈنى كەچ ئىستانبۇلدا مەرھۇمنىڭ ئىش ئىزلىرىنى خاتىرلەشنى مەزمۇن قىلغان ۋاپا كىچىلىكى پائالىيتى ئۇيۇشتۇردى.
مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىق خاتىرىلەش مۇراسىمىغا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار لا ئەمەس بەلكى، ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى،يۇرت ئاق ساقاللىرىمۇ ئالاھىدە بېرىپ قاتناشتى. بۇ پائالىيەتتە مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ئۇستازنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىندى. شۇنىڭدەك ئۇنىڭ تەبلىغ -دىننى تەشۋىقات، ۋەسىياسىي پائالىيەتلىرى ئەسلەپ ئۆتۈلدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى دەۋىر دىنى ۋە سىياسىي يىتەكچىسى پەخىرلىك ئۇستاز ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىم2016-يىلى 22- دېكابىر كۈنى تۈركىيەدىكى ئۆيىدە تۇيۇقسىز ۋاپات بولغاندىن كىيىن، 23- دىكابىر جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىدىن كىيىن ئىستانبۇل ئەمىنە ئىنانچ جامىيسىدە نامىزى چۈشۈرۈلۈپ، توپكاپىدىكى ئەسكى كوزلۇ قەبرىستانلىقىدا يەرلىكىگە قويۇلغان ئىدى. ئۇيۇشمىمىز مەسئۇلى ئابدۇللاھ كۆكيار ۋە باشقا بارلىق ھەيئەت ئەزالار جىنازا نامىزىغا ئۈلگۈرۈپ بېرىپ ئىشتىراك قىلىپ، ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ئۇستازنىڭ ۋاپاتىنى تۈركىيەدە كۈندىن كۈنگە كۈچىيىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە ئۇمۇمى سىياسى داۋاسى ئۈچۈن زور بىر يوقىتىش دەپ تەرىپلەش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى قۇرئان سۈننەتنى توغرا شەكىلدە ھاياتقا تەتبىقلاش ئارقىلىق چوڭ بىرلىكسەپ بەرپا قىلىش مەنىۋى قۇرلىشىغا قوشقان تۆھپىلىرىنىڭ ھېچقاچان ئۇنتۇلمايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى.
ئابدۇلھەكىمخان شەرقى تۈركىستاننىڭ قاغىلىق ناھىيسىدە تۇغۇلغان، ياشلىق ھاياتىنى قاغىلىقتا ئوقۇ ۋەئوقۇتۇش ئىشلىرى ئۆتكۈزگەن.تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى ئالى نەتىجە بىلەن تاماملاپ بولغاندىن كىيىن قاغىلىقتىكى داڭلىق مەرىپەتپەرۋەر ئابدۇلھېكىم مەخدۇمھاجىمنىڭ قولىدا تەربىيلىنىپ تۈنچى قارار ئوقۇش خەتمە قىلغانلار قاتارىدا دېپلوم ئېلىپ بىر نەچچە يىل ئوقۇ ئۇقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان.
مەخسۇم ھاجىم ۋەتەندىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىپ، مۇھاجىرەت ھاياتىنى باشلاپ پاكىستاندا قىسقا بىر مۇددەت تۇرغاندىن كىيىن، مىسىرغا بېرىپ ئۆزى بىلىم ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە مىسىردا ئوقۇۋاتقان تالىبۇل ئىلىملەرگە دەرىس ئۆتۈپ، ئۇلارنى يىتەكلەش بىلەن مەشغۇل بولغان، ئالاھىدە تىرىشىپ دىننى بىلىملەر بۇيچە ماگىستىرلىق ئىلمى ئۇنۋانىغا ئىرىشكەن،كىيىنچە مۇھاجىرەتتىكى خەلقىمىزنىڭ دىنى، مىللى كىملىكىنى ساقلاش ئۈچۈن مائارىپنى گۈللەندۈرۈشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ، 2000 يىللارنىڭ باشلىرىدا ياشلارنى بىلىم بىلەن قوراللاندۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى ۋە بۇ خىزمەتنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن مۇقىم بىر جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ زۆرۈرلىكى، ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلىشنىڭ بىردىنبىر يولى مۇئەسسەسەلىشىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، چەتئەلدىكى بارلىق مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بىلەن پىكىرلىشىپ، ئدىيە خىزمىتى ئىشلەپ، بىر ئىككى يىل تەييارلىق قىلغاندىن كىيىن ئىستانبۇلدا «مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتى»نى قۇرۇپ چىقىپ شۇ ئارقىلىق چەتئەللەردە ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپىنى گۈللەندۈرۈشكە ھەركەت قىلغان.
ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىمنىڭ مائارىپچىلىق، تەشكىللەش ساھەسىدىكى تەجرىبىلىرى ۋە تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە بىر قانچە مۇستەقىل جەمئىيەت ۋە ۋەقپىلەرنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئۇل سېلىنغاندىن تاشقىرى ياۋرۇپا ۋە ئوتتۇرا ئاسيادىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنى يىتەكلەش، تەشكىللىنىش، مۇئەسسەسەلىشىشكە چاقىرىپ، كۆپلىگەن جەمئىيەتلەرنىڭ قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولغان ئىدى. بۈگۈن ئەنە شۇ خىزمەتلىرى مېۋە بىرىپ، خەلقىمىز بىر يەرگە توپلىشىپ، ئەۋلادلىرىنى دىنى، مىللى ساھەلەردە تەربىيەلەش مەركەزلىرىنى كۆپلەپ روياپقا چىقارماقتا.ئۇستاز ئابدۇلھېكىمخان مەخسۇم تۇركىيەدە قۇرۇلغان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمىئيىتى نىڭ باش نازىرى،دۇنيا ئۇيغۇر ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ روھانى يىتەكچىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئاتقۇزغان.
مەرھۇمنىڭ ئىش ئىزلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيتىدە ، ئۇيۇشمىمىز نىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى ئەخمەت تۇرسۇن، ئۇيۇشمىمىزغا ۋاكالىتەن تەزىيە ۋە تەسەللى سۆزى قىلماقتا.