باش بەتكە قايتىڭ » ئىسلام دۇنياسى خەۋەرلىرى » ئىسلامى يۇسۇندا قانۇنلۇق نىكاھ ئۇقۇتۇپ توي خېتى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلىڭ!
ئىسلامى يۇسۇندا قانۇنلۇق نىكاھ ئۇقۇتۇپ توي خېتى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلىڭ!

ئىسلامى يۇسۇندا قانۇنلۇق نىكاھ ئۇقۇتۇپ توي خېتى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلىڭ!

  1. تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى ئومەر ئەزىز ۋە باش كاتىپ ئابدۇللا قاتارلىقلار،شىۋېتسىيە خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىكى  ”Kammarkollegiet“ نىڭ نىكاھ ئىشلىرىنى تىزىملاش،نىكاھلانغۇچىلارنى تىزىملاشنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، نىكاھلانغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقلىرىنى قوغداش جەھەتلەردىكى ئالاقىدار قانۇن بەلگىلىمىلىرى بويچە مەخسۇس تەربىيلىنىپ،ئىمتىھاندىن لاياقەتلىك بولۇپ ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن،نىكاھ ھەققىدىكى (1993:305)-چى نۇمۇرلۇق قانۇننىڭ روھىغا ئاساسەن شىۋېتسىيە خەلىق ئىشلىرى مىنىستىرلىكى( Kammarkollegiet) ئومەر ئەزىز ۋە ئابدۇللا قاتارلىقنىڭ نىكاھلانغۇچىلارنى تىزىملاش سالاھىيتىنى2017-يىلى 9-ئايدا رەسمى تەستىقلاپ ئاكتىپلاشتۇردى.بۇنىڭدىن ئىتىبارەن ئۇلار شىۋېتسىيە باژ ئىشلىرى مىنىستىرلىكى (skatteverket)بىلەن ھەمكارلىشىپ قانۇنلۇق نىكاھ  ئۇقۇپ  توي خېتى(نىكاھنامە) بېجىرسە  شىۋېتسىيە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا بىردەك ئېتىراپ قىلنىدۇ.

توي قىلىدىغانلار ئىسلامى يۇسۇندا نىكاھ قىلىپ توي خېتى ئېلىش ئۈچۈن ۋاقىت ئېلىپ تىزىملىتىشتىن ئاۋۋال،شىۋېتسىيە باژ ئىشلىرى مىنىستىرلىكى (skatteverket)بىلەن ئالاقىلىشىپ جەدۋەل تولدۇرۇپ توي قىلمىغانلىق سالاھىيتىنى تەكشۈرتىشى لازىم!سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان ياكى توي قىلىش يېشىغا توشمىغانلارنىڭ نىكاھى ئەسلا ئۇقۇلمايدۇ ۋە توي خېتىمۇ بىرىلمەيدۇ.
سالاھىيىتى ئېنىق بولغان ۋە توي قىلىش يىشىغا توشقان ھەر قانداق شىۋېتسىيە پۇخرالىرىنىڭ ئىسلامى يۇسۇندا نىكاھ ئوقۇتۇپ،قانۇنى كىنىشكا ئېلىش تەلەپ ئارزۇلىرى،ئالدىن ۋاقىت ئېلىپ تىزىملىتىش ئارقىلىق  تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىدە تەرتىپلىك بېجىرىلدۇ.نىكاھنى توي زالىدا بىۋاسىتا قىلىشنى خالايدىغانلار ئۇچۈن قوشۇمچە يول كىرا ھەققى ئېلىنىدۇ.

ئىسلامى يۇسۇندا نىكاھ ئوقۇپ،تىزىملاپ كىنىشكا چىقىرىپ بىرىش ھەققى:
تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىگە ئەزا بولغانلار ئۈچۈن 1000 كورونا
ئەزا ئەمەسلەر ئۇچۈن 2500 كورونا

ئالاقىلاشقۇچى: نىكاھ تىزىملاش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى

ئومەر ئەزىز 0722722420

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>