باش بەتكە قايتىڭ » ماقالىلار » مەدەنىيەتنىڭ گىن خەرىتىسى
مەدەنىيەتنىڭ گىن خەرىتىسى

مەدەنىيەتنىڭ گىن خەرىتىسى

World Map Large3[1]
ھەبىبۇللا توختى
(1)
 ئۆرنەكسىز يارىتىلغان كائىنات، ئاتوم زەررىچىلىرىدىن پىلانتلارغىچە بارلىق شەيئىلەردىكى نەچچە مىليون ئەسىرلىك مۇنتىزىم ھەرىكەت جەريانى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان سەلتەنەت ئارقىلىق بىزنى ھەمىشە مەپتۇن قىلىدۇ. شۇ دەقىقىلەردە تەپەككۇرىمىز ئۆزىدىكى بارلىق ئىمتىيازلارنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. تەپەككۇردىن ھالقىغان ئاللىقانداقتۇر بىر سىزىم تەپەككۇرىمىزغا بۇ چەكسىز سەلتەنەت بىلەن بىزدىكى مەپتۇنىيەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى غەيبى قۇدرەت ۋە غەيبى گۈزەللىككە بولغان تىۋىنىش دەپ تەرجىمە قىلىپ بىرىدۇ.
بىز يۇلتۇزلۇق ئاسماندىن ھېچبىر نۇقساننى كۆرمىگەن ئەمما كۆزىمىز تالغان ھالدا ئۆزىمىزگە، تاپىنىمىز ئاستىدا يېيىلىپ ياتقان مۇقەددەس تۇپراققا قايتىپ كېلىمىز. تۇپراقمۇ ئوخشاشلا گۈزەللىك ۋە مۆجىزانە مەنزىرىلەرگە تولغان. چۈمۈلە بىلەن پىلنىڭ قامىتىدىكى مۆجىزانە ئىپادە تەپمۇ تەڭ. چۈنكى ئۇلارنى ئاپرىدە قىلغان قۇدرەت ئۇلارنىڭ ھەجىمىنى ئۆزىدىكى ئىنىرگىيە ئىھتىياجى تۈپەيلىدىن ئەمەس بەلكى مەۋجۇدىيەت دۇنياسىغا بېغىشلىماقچى بولغان ھېكمەت ۋە رەھمەت. قىسقىسى گۈزەللىك ئىھتىياجى تۈپەيلىدىن شۇ يۇسۇندا بەرپا قىلغان. چۈنكى، بۇ قۇدرەت ئالدىدا قىيىنلىق – ئاسانلىق دەرىجە سۈپىتىدە ئەمەس، پەقەت يارالمىش مەۋجۇتلۇق سۈپىتىدىلا مەۋجۇتتۇر.
مانا بۇ گۈزەللىكنىڭ ئىنسانلار تەرىپىدىن چۈشىلىنىشى ۋە ئىشىنىلىشىدۇر. مەدەنىيەتنىڭ كونكىرت شەكىلگە كىرىپ تاكامۇللىشىشىدۇر. شەھەرگە، قەلئەگە، مەكتەپكە ئايلىنىشى ھەزارىتىدۇر.
شۇڭا بۇ گۈزەللىك تارىختا ئۆزىنىڭ كونكىرىت ئىپادىسىنى تاپقان. شۇنداقلا ھەر بىر شەخىسنى مەدەنىيەت كىملىكىدىن ئىبارەت سالاھىيەتكە ئىگە قىلغان. ئىنسانلاردىكى ئەقىدە، ئەمگەك (ئەمەل) ۋە تەپەككۇرنى مۇنبەت تۇپراق قىلغان بۇ گۈزەللىكنىڭ مەھسۇلى بولمىش مەدەنىيەت ئۆز تاكامۇلى باسقۇچىدا شۇنداق سېھىرلىك بىر تۈستە بىزنى ئوراپ تۇرغان روھى ئاتموسفىرادۇركى ئۇ، بىزگە ئەمەس بىز ھەمىشە ئۇنىڭغا مۇھتاج. بىز پەقەت ماددى ۋە روھى تىرىكچىلىكىمىز تۈپەيلىدىنمۇ، بۇ سېھىرلىك ئاتموسفىرادىن تىن ئېلىشقا مەجبۇرمىز. ئۇ ھەمىشە ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ئېرىتىش ۋە ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش كۈچى ئارقىلىقلا بىزگە كېلىماتقا ماسلىشالمىغانلىقى ئۈچۈن پۈتۈنلەي نەسلى قۇرۇپ كەتكەن گىگانت مەخلۇق دىنوزاۋۇرنىڭ ئېچىنىشلىق ھالاكىتى بىلەن كېلىماتقا ماسلىشالىغانلىقى ئۈچۈن ھايات قالغان چۈمۈلىنىڭ ئەقلى سەلتەنىتىنى سېلىشتۇرما سۈپىتىدە ئەسلىتىپ تۇرىدۇ. دېمەك مەدەنىيەت ۋە مەدەنىيەت كىملىكى ھەربىر شەخىسنىڭ سوبىكتىپ ۋە ئوبىكتىپ پائالىيىتنىڭ رولچىسىدۇر. بىز كونا، يېڭى تاش قوراللار دەۋرى ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئىنسانلار توپىدىمۇ ئوخشاشلا مەدەنىيەت كىملىكىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئارخىئولوگىيلىك بايقاشلار ۋە قىيا تاش ئويمىلىرىدىن ئېنىق پەرىقلەندۈرەلەيمىز. قىسقىسى، ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىدائىي دەۋرىدىن تاكى ھازىرغىچە بولغان تارىخى مۇساپىسى، كونكىرتلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا ئورمان ۋە ئۆڭكۈرلەرنى پاناھ تۇتۇپ ياشىغان ئىنسانلارنىڭ كىيىنچە بەنى ئىسرائىل پەيغەمبىرى، گىرىك پەيلاسوپى، ھىندى ھۆكۈماسى، ئەرەب شائىرى، خەنزۇ تارىخچىسى ياكى تۈرك مۇزىكانتىغا ئايلىنىشقىچە بولغان جەريان ھېچقاچان ئەقىدە ياكى مەدەنىيەت كىملىكىدىن ئايرىلىپ باققان ئەمەس.
بىز ئىپتىدائىي جەمىيەت ئادەملىرىنىڭ ئەۋرىتىگە تېرە تارتىپ يۈرگەن ھالىتىدىن تارتىپ، ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىگە ۋە ئىجتىىمائى قاتلام تەۋەلىكىگە خاس كىيىم – كېچەك مەدەنىيىتى بەرپا قىلىش باسقۇچى ياكى مەقامىغىچە، مەزكۇر باسقۇچ ياكى مەقامدىن ئەمدىلىكتە يەنە ئەۋرىتىگە لاتا تارتىۋېلىش دەرىجىسىگە چۈشۈپ قېلىشىغىچە بولغان تارىخى مۇساپىدە ئىنسانىيەت تەپەككۇرىنىڭ ئورتاق بىرخىل غەيبى كۈچنىڭ تەسىرىدىن پائاللىشىۋاتقانلىقىنى ھەتتا ئىنسانلاردىكى ئەقلى فۇنكىسىيەنىڭ بىر خىل قېلىپتا قۇيۇلغانلىقىنى … شۇڭا ئىنسانىيەتنىڭ ئىرسى ۋە ئىرقى پەرقتىن خالى ھالدا ئەقەللىيسى «ئەۋرەت ئېڭى» دە بولسىمۇ بىردەك قاراشتا ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.
مەدەنىيەت گەرچە ئەقلىيەت، ئىجتىىمائىيەت ۋە سىياسى- ئىقتىساد ئامىللىرى ئاساسىدا تاكامۇللاشسىمۇ مەزكۇر ئىلمىنىتلار بىردەك مەزكۇر مەدەنىيەتنىڭ كىملىك ساھىبى بولمىش شەخىسنىڭ تەپەككۇرىدا، جەمىيەتنىڭ تەپەككۇر سېستىما ئۇسلۇبىدا جەۋھەرلەشكەن تەرىزدە گەۋدىلىنىدۇ.
تەپەككۇر ئۆز نۆۋىتىدە مەدەنىيەتنىڭ خېمىر تۇرۇچى بولۇش بىلەن بىرگە جەمىيەتتىكى مەدەنى ئاتموسفىرانىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ ھەمدە ئۆز-ئارا تولۇقلىنىش ۋە تاكامۇللىشىش مۇناسىۋىتىدە بولىدۇ. بۇ ئىككىسىنىڭ رىئاللىشىشى دۆلەت ۋە ئەلنىڭ كېلەچىكىدۇر. ئالايلۇق، ئوكتەبىر ئىنقىلابى بىلەن تۈركىيىدىكى مىللى ئىنقىلاب تەڭ باشلانغان، بۇ ئىككى ئەلدىكى ئىسلاھاتمۇ ئاساسىي جەھەتتىن تەڭ باشلانغان. ئەپسۇسكى، مۇستاپا كامالنىڭ ئىسلاھاتى ئىدىيەنى ئالماشتۇرۇش ئەمەس، بۆكنى شىلەپىگە ئالماشتۇرۇش، قۇرئاننى تۈركچە تىلاۋەت قىلىش، نامازنى مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىپ ئوقۇش قاتارلىق بىمەنە ئىسلاھاتلاربولغان بولسا؛ روسىيە ئىزچىل تۈردە دۇنيادىكى داڭلىق ئىلمى ۋە پىكرى ئەسەرلەرنى روس تىلىغا تەرجىمە قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، يېرىم ئەسىردىلا ئالەم بوشلۇقىغا قەدەمقويدى. ئامرىكا ھۆكۈمىتىمۇ روسىيەدە نەشىر قىلىنغان 250 پارچە ئىلمى ژورنالنى ئۆز قەرەلىدە، ئۆز پېتى ئىنگىلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىپ تارقىتىشنى قارار قىلغان. ھالبۇكى تۈركىيە بۇ چاغلاردا غەربنىڭ قورال ئىسكىلاتى ياكى شەرقتكى سىياسىي قالقىنى بولۇپ قېلىۋەرگەن.
بىز كۆز ئالدىمىزدىكى دۇنيا خەرىتىسىگە مەدەنىيەت-ھەزارەت پەرقىگە ئاساسەن رەڭ بىرىپ چىقساق، يەنىلا ھەزارەت ئورتاقلىقىغا ئىگە مىللەت ياكى جامەئەلەرنىڭ رايۇن ياكى ئىرقى پەرقلەردىن خالى ھالدا ئوخشاشلا بىر خىل ئىجتىمائى قاتلامدا ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.
دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نىفىت بەلبىغىغا ئىگە ئەرەب ئەللىرىنىڭ يىللىق مىللىي ئىشلەپچىقىرش ئۇمۇمى قىممىتى مىكروسوفت ياكى نوكىيا شىركىتىنىڭ مۇقىم مەبلىغىدىنمۇ ياكى ئىسپانىيەنىڭ يىللىق كېرىمىدىنمۇ ئاز ئىكەن. مۇقەددەس دىن، مۇقەددەس زىمىن ۋە چەكسىز بايلىققا ئىگە بۇ ئەلدىكى تەپەككۇر نامراتلىقى ئۇلارنى غەرب ئالدىدا ھازىرچە مۇتلەق مۇنقەرز قىلىپ قويمىغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى خار-زەبۇن ھالىتىنى بەلگىلەپ قويغان. دېمەك، ئورتاق ھەزارەتكە ئىگە مىللەت-قەۋملەرنىڭ تەپەككۇر ئۇسلۇبىنى بايقاش شۇ مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ «گىن خەرىتىسى»نى سىزىپ چىقىش دېمەكتۇر. بىز بۇ خەرىتە ئارقىلىق مەزكۇر مەدەنىيەتنىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى ۋە كەلگۈسىنى ئوخشاشلا كۆرەلىشىمىز ۋە ئۇنىڭدىكى ئىللەتلەرگە داۋا تاپالىشىمىز مۇمكىن.
(2)
ئىنسانىيەتنىڭ تەپەككۇر تارىخى ماھىيەتتە ئىنسانىيەت كەچۈرمىشىنىڭ «تىز سىزمىسى»دۇر. بىز ئىنسانىيەت بېشىغا كەلگەن ھەربىر قازا ۋە ئۇتۇق- ئىزگۈلۈكلەرنىڭ ئوخشاشلا ئۇلارنىڭ تەپەككۇر ئادىتىگە ئۆچمەس تامغا باسقانلىقىنى كۆرەلەيمىز.
ئىنسانىيەتنى ئۇلاردىكى ۋەھىمە بىلەن قوشۇپ يۇتىۋەتكەن توپان بالاسى ھاياتلىقنىڭ ھەمىشە گۇمران بولۇش ئىھتىماللىقىدىن يىراق ئەمەسلىكىگە، ئىنسانىيەت تەپەككۇرىنى ئاللىقاچان كۆنۈكتۈرىۋەتكەچكە، ئاتوم-يادرو ياكى گىن قوراللىرىدىن ئىبارەت بالايىئاپەت ئۇلارنى ۋەھىمىگە سالالمىدى. چۈنكى تاغدەك دولقۇنلار ئېچىدە لەڭ ئۇرۇپ كېتىۋاتقان ھەزرىتى نۇھ ئەلەيھىسالامنىڭ كېمىسى ئۇلارنىڭ ھامان نىجاتلىق ساھلىغا يېتەلەيدىغانلىقىدىن بىشارەت بىرىپ تۇراتتى.
تەۋرات، ئىنجىل، قۇرئان كەرىم قاتارلىق ساماۋى كىتاپلاردىكى ئايەتلەر ئارقىلىق بۇ قىسسىنىڭ تەكرار زىكرى قىلىنىشى، مەزكۇر ھادىسىنىڭ ياكى شۇ شەكىلدىكى بالايىئاپەتلەرنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت تارىخىدا ئۇمۇرتقىلىق رول ئوينىغان تىللاردا ئاساسەن دىگۈدەك ئورتاق ياكى شەكىلداش ئاتلىشى- مەسىلەن: سام-ھام تىللىرى تۈركۈمىدىكى ئەرەب تىلىدا تۇفان (طوفان)، گىرىك تىلىدا تىفون (typhon) ، ئىنگىلىز تىلىدا تايفۇن (typhoon)، خەنزۇ تىلىدا تەيفىڭ (台风) – مەزكۇر ھادىسىنىڭ ئىنسانىيەت تەپەككۇرىدىكى ئۆچمەس ئىزناسىنىڭ شاھىدىدۇر.
(3)
ئىنسانىيەت تەپەككۇرىنىڭ پائالىيەت يۆلىنىشى تارىختىن بۇيان ئۇلارنىڭ زامان-ماكاندىن ئىبارەت مەۋجۇدىيەتنىڭ قىلىپىنى قايسى شەكىلدە كۈزىتىشى ياكى قايسى خىل ھالەتتە چۈشىنىشى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ كېلىۋاتاتتى.
مۇنداقچە ئىيتقاندا ماكان كائىناتنىڭ تېنى، زامان جېنىدىن ئىبارەت بولۇپ خۇددى شەكىل بىلەن مەزمۇندەك ئىككىسىنى ئايرىۋەتكىلىمۇ،بىرلەشتۈرىۋەتكىلىمۇ بولمايتتى. خۇددى تەبىئى پەن پەيلاسۇپى جان پىياگىت ئىيتقاندەك:“ زامان ھەركەتچان ماكان، ماكان تۇرغۇن زامان“ ئىدى.
بۇ ئىككىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائى مۇناسىۋىتى جەريانىدىكى ئىنكاسنىڭ يەكۈنلىمىسى دەل ئۇلارنىڭ قىممەت قارىشىدىن ئىبارەت ئىدى. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئىيتقاندا مېنىڭچە، بىزنىڭ زامان-ماكانغا بولغان مەۋجۇدىيەت نۇقتىئنەزەرىنى چىقىش قىلغان ھالدىكى چۈشەنچىمىز تەپەككۇرىمىزغا قانۇنىيەت، دۇنيا خاراكتىرلىك چۈشەنچىمىز نەزەرىيە، كەڭلىك-ئۇزۇنلۇق ئاغمىسى(مىردىئان-پاراللىل) ياكى تەبىئىي ۋاقىت رايۇنى خاراكتىرلىك چۈشەنچىمىز ئاددى ساۋات ياكى پاسسىپ كۆنۈكۈش قىسىمىتىنى پىچىپ بىرىدۇ.بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئورتاق ئەقلى تاسقامدىن ئۆتكۈزگەندىن كىيىنكى يىڭى نەزەرىيەۋى پىكىر – تەلىماتتىىن ئىبارەت.
ھىراكلىت تەرپىدىن ئوتتۇرغا قويۇلغان زاماننىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بارمۇ؟ دىگەن بۇ سۇئالغا ئەپلاتۇننىڭ: ‹‹بار. چۈنكى زامان يارىتىلغاندۇر.شۇنداقلا ئۇ ئەبەدىيىلىكنىڭ جۇلاسىدۇر ›› دىگەن تەلىماتى توغرا جاۋاب بولسىمۇ،يەنە شۇ زامان -ماكان قېلىپىدا تۇرۇپ تەپەككۇر قىلىدىغان ئىنسانلارغا ئاممىباپ تىل بىلەن چۈشەندۇرۈش مومكىن ئەمەس ئىدى، چۈنكى زامان يارىتىلغان چاغدا دەيدىغان «چاغ-زامان»، جايدا دەيدىغان «جاي-ماكان» تەسەۋۋۇردىمۇ بولماسلىقى كېرەك ئىدى. شۇڭا ئارىستوتىلنىڭ دۇنيانىڭ ئەزەلىيلىلكى ھەققىدىكى تەلىماتى نۇقتىسىدىن ئىيتىلغان زاماننىڭ باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش نۇقتىسى يوق ئىكەنلىكى ھەققىدىكى پىكىرى بەكرەك ئالقىشلاندى.
ئارىستوتىلنىڭ مەزكۇر نەزەرىيۋى ئاساس ئۇستىگە بەرپا قىلىپ چىققان تەبىئى پەن تەلىماتلىرى كىيىنچە باشقا گرىك ئېقىملىرى بىلەن بىللە ئىنسانلارنىڭ پەننى دىنلاشتۇرۇپ، دىننى پەنلەشتۇرۇپ چۈشىنىۋىلىشتىن ئىبارەت ئىزچىل تارىخى پاجىئەسىنىڭ ئەۋجى سۈپىتىدە خىرىستىئان چىركاۋ پەلسەپىسى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ خىرىستىئان دۇنياسىنىڭ ئەقىدىۋى ئەندىزىسىگە ئايلىنىپ قالدى. ئۇزاققا سوزۇلغان ئوتتۇرا ئەسىر خىرىستىئان دىنى جاھالىتى دەۋرى مانا شۇنداق باشلىنىپ ئىنسانىيەتنىڭ تەپەككۇر سىستىمىسىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتتى، ئۇزاققا سوزۇلغان بۇ بۇرۇقتۇملۇقتىن ياۋرۇپانىڭ ئەدەبى ئويغىنىش دەۋرىدىن ئىبارەت تارىخى سىلكىنىش روياپقا چىقتى.
بۇ تارىخى سىلكىنىشمۇ ئىبرىيە يېرىم ئارىلىدا (ھازىرقى ئىسپانىيە ۋە پورتۇگالىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)پىشىپ يېتىلىش باسقۇچىغا يەتكەن ئىسلام مەرىپەت ئىنقىلابىدىن بىۋاسىتە تەسىر قۇبۇل قىلغان شۇنداقلا فارابى، ئىبن سىنا، ئىبىن رۇشد قاتارلىق ئىسلام پەيلاسۇپلىرىنىڭ ئەمگىكى – گرىك پەلسەپە مىراسلىرىنىڭ ئەسلى ھالىتى بويىچە ئىسلام دۇنياسىغا تونۇشتۇرۇلغان تەرجىمە نۇسخىلىرىنى ئوت پىلتىسى قىلغان ئىدى.ھالبۇكى بۇ ئۇلۇغلىرىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ غەلبىسى ئۇلارنىڭ بۇ ساھەنىڭ «تەرجىمانى» بولالىغانلىقىدا؛ شۇنداقلا ئىسلامىيەتنىڭ ئاساسلىق ئۇل – شاخچە بىلىكلىرىنى بىردەك ئەقلىيلەشتۇرۇپ نەزەرىيىۋى تۈسكە كىرگۈزگەن ۋە شۇ ئاساستا يات دىن، يات مەدەنىيەت ساھىبلىرىنى ئۆز مەدىنىيتىگە جەلب قىلغان ئىدى. ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيتى گرىك پەلسەپىسىگە تەنقىدى مەيداندا ئەمەس تەقلىدى مەيداندا چىڭ تۇرغانلىغىدا،«تەرجىمان» بولۇپ قالغانلىقىدا ئىدى. ھەتتا يۇنانلىقلاردىنمۇ بەكرەك يۇنانلىشىپ كەتكەنلىكىدە ئىدى. بەرپاچىلىق يوقنىڭ ئورنىدا بولغان ئىدى.
شۇ سەۋەپتىن تىنچ تۈز لىنىيە بويىچە تاماملانغان ئىسلاملىشش جەريانىدىن كىيىن ئۇلار بالاغا قالدى. ئىمام غەززالى ‹‹ پەيلاسۇپلار نىڭ ھالاكىتى ›› ناملىق ئەسىرىدە ئۇلارنىڭ يىگىرمە چوڭ پىرىنسىپال مەسىلىدە خاتالاشقانلىقىنى بۇنىڭ ئون يەتتىسىنىڭ ئىلمى خاتالىق ئكەنلىكىنى ؛ قالغان ئۈچىنىڭ ئۇلارنى ئازغۇنلۇققا ئېلىپ بارغانلىقىنى قەيت قىلغان ئىدى.يەنى ئۇلارنىڭ دەل ئارىستوتىلنىڭ دۇنيانىڭ ئەزەلىيلىكى ھەققىدىكى تەلىماتىغا ئىشەنگەنلىكى ئىدى.
ئىمام غەززالىنىڭ بۇ كەسكىن مەيدانى يەنە دۇنيانىڭ ئەزەلىيلىكى تەلىماتى ۋە يىڭى پىلاتونىزىم تەلىماتىنىڭ چالا تۇغۇندىسىدىن ئىبارەت- ئاشقۇن سوپى مۇتەپەككۇلارنىڭ ۋەھدەتۇل ۋۇجود (پانتىئىزىم) ۋە ئاتالمىش «بىرلىشىپ كىتىش» بىدئەت تەلىماتلىرىغىمۇ ئەجەللىك زەربە بەردى. چۈنكى، مەزكۇر تەلىماتلار نۇرمال ئەقلى ئۆلچەمنى ئاساس قىلغان ئىسلام ئەقىدىسىگە ماس كەلمەيلا قالماستىن بەلكى قارشى ئىدى. بۇ زەربىدىن قاتتىق سىلىكىنگەن، ۋەھدەتۇل ۋوجۇد تەلىماتىنىڭ ئەڭ چوڭ نەزەرىيچىسى، پەيلاسۇپى مۇھىددىن ئىبن ئەرەبى مەيدانغا چىقتى. ئۇ بۇتەلىماتنى ئىنتايىن كەڭ ۋە مۇپەسسەل شەرھلەپ چىقتى. باشقىچە ئېيتقاندا, ئۇنىڭ بۇ تەلىماتىنى يۈز نەچچە يىللىق ئەھلى سەلب ئۇرۇشى ۋە مۇڭغۇللارنىڭ يەرشارى خاراكتىرلىك ئىرقى ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى تەسىرىدىن ئېغىر بۆھرانغا يولۇققان مۇسۇلمانلار روھىيتىنىڭ زامان-ماكان ئۇقۇمى ئالدىدىكى ئۆز ئەقىدىسىدىن ياتلاشقان روھى گاڭگىرىشىنىڭ چىن تەسۋىرى ياكى مۇكەممەل بىر چۈشكۈنلۈك پەلسەپىسى دېسەكمۇ خاتالاشمايمىز.
دېمەكچىمىزكى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى غايەت زور تارىخى خاراكتىرلىك پاجىئەلىرىمۇ چوڭ جەھەتتىن ئېلىپ ئىيتقاندا يەنىلا ئۇلارنىڭ زامان-ماكانغا بولغان تونۇشىنىڭ چولتىلىقىدىن ياكى خاتا ئەقىدىۋى يۆلىنىش نۇقتىسىدىن چۈشىنىلگەنلىكىدىن بولغان دېيىشكە بولىدۇ.
بۇنىڭ دەلىلى- دەل مۇشۇ ھالقىلىق تارىخى پەيتتە مەيدانغا چىققان ئۆز دەۋرنىڭ بەرپاچى مۇتەپەككۇرى ۋە ئۆلىماسى, مەشھۇر پەلسەپە تەنقىدچىسى شەيخۇلئىسلام ئىبن تەيمىيە نىڭ ‹‹ ئەقىل بىلەن نەقىل ئوتتۇرسىدا مادارا ››، ‹‹ لوگىكلارغا رەددىيە ›› قاتارلىق بۈيۈك ئەسەرلىرىدە مەزكۇر مەسىللەر ئەقىدىۋى نۇقتىدىن نۇقتىلىق ھەل قىلىنغاندىن كىيىنلا ئىسلام دۇنياسىدا يىڭى بىر گۈللىنىش دەۋرى بارلىققا كەلدى. ئىبن تەيمىيە دۇنيانىڭ ئەزەلىيلىكى مەسىلىسىدىكى بۇ تارىخى تۈگۈننى ئۆزىنىڭ: « دۇنيا – ئەزەلى ھادىسىۋى مەۋجۇدىيەتتۇر» دىگەن بىر جۈملە سۆزى ئارقىلىقلا يىشىپ تاشلىدى.
ئىبن تەيمىيەنىڭ قارىشىچە، دۇنيانىڭ ماھىيتى غەيبى ئىرادىنىڭ تەقدىر پىچىمى نۇقتىسىدىن ئەزەلى بولسىمۇ كائىنات ئۆز ماددىيلىقى بىلەن نوقۇل ھادىسىۋى رىئالى مەۋجۇدىيەت ئىدى.
شۇڭا بۇ زات ۋەھدەتۇل ۋوجۇدچىلار نىڭ ‹‹تەبىئەت بىلەن ئىلاھ بىر›› دېگەن سەپسەتىسنى قەتئى ئىنكار قىلىپ ئەكسىچە ‹‹ مەۋجۇدىيەتتىكى ھەر بىر شەيئى ئۆز ئالدىغا بىر. چەكسىز مەۋجۇدىيەت دۇنياسىدا ئىككى شەيئى مەۋجۇت ئەمەس›› دېگەن مەنىدىكى توغرا دۇنيا قاراشنى يەكۇنلەپ چىقتى. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە بەيزاۋى ۋە نەسەفى قاتارلىق مۇپەسسىرلەرنىڭمۇ قارىشىدۇر.
شەيخۇلئىسلام ئىبن تەيمىيە يەنە گرىك لوگىكىسىنىڭ مۇسۇلمانلار تەپەككۇرىدىكى زىينىنى ئېچىپ كۆرسەتتى، شۇنداقلا ئارىستوتىل لوگىكىسىنىڭ نەزەرىيۋى ۋە مەرىپەت قىممىتىنىمۇ بىردەك ئىنكار قىلىپ:‹‹ ئاقىللار مۇھتاج بولمايدىغان، دۆتلەر پايدا ئالالمايدىغان پەن ›› دەپ كۆرسەتتى.
مانا شۇ سەۋەپتىن ئىبىن تەيمىييەنىڭ تارىختىكى تۆھپىسى ئىنتايىن زور بولدى. جۈملىدىن ئەرەب يىرىم ئارىلىدا كۆتۈرۈلگەن ۋاھابىيلار ھەركىتىنى بۇنىڭ گەۋدىلىك ئىپادىلىرىدىن دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئىبن تەيمىيە تەپەككۇر دۇنياسىنىڭ نەزەرىيىۋى قىممىتى ھەققىدە يەنە شۇنى قىستۇرما قىلىمىزكى؛ ئىسپات ئاساسى بىلەن ئىسپات ئوبىكتى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى نوقۇل ۋە مۇتلەق سەۋەپ-نەتىجە مۇناسىۋىتى دەپ چۈشەندۇرىدىغان ئارىستوتىل لوگىكىسى ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇدىيەتكە بولغان بىر تەرەپلىمە قارشى- بىر لىنىيلىك تەپەككۇر ئۇسلۇبىنى يىتىلدۇرۈشكە سەۋەپ بولغان بولۇپ تەبىئى پەنلەر لوگىكىسىنىڭ ئاتىسى دەپ ئاتالغان جورج بول تەرپىدىن ئىنكار قىلىنغاندىن كىيىنلا غەرب تەپەككۇر ئىنقىلابىنىڭ قەدىمى تىزلەشتى ۋە غەرپ تەپەككۇرىنىڭ ئىلىم- پەن ساھەسىدە نوقۇل ئارستوتىلچىلارنىڭ ئەقىدە-پەلسەپە ساھەسىدە پانتىئىستلارنىڭ ‹‹ مەۋەجۇدىيەتتىكى ھەممە نەرسە بىردۇر›› دەيدىغان سەپسەتىسى بىلەن خوشلىشىشغا نەزەرىيۋى ئۇل ھازىرلاندى ۋە ‹‹مەۋجۇدىيەتتىكى ھەر شەيئى ئۆز ئالدىغا بىردۇر›› دەيدىغان پەلسەپىۋى فورما ئىتىراپ قىلىندى. نەتىجىدە ماددى دۇنيانىڭ كۆپ قاتلاملىقلىقدىن ئىبارەت رىئاللىقنى ئاساس قىلىپ بارلىققا كەلگەن ‹‹ئاتۇم ئەندىزىلىك لوگىكىلىق ئانالىز›› (logical atomism) مىتودى ئىلىم-پەن ساھەسىدە كەڭ ئومۇملاشتى.ئۆز گىپىمىزگە قايتىپ كەلسەك، دىكارتنىڭ پەلسەپەنىڭ تەتقىقات ئوبىكتىنى، گۈزەللىك، ۋاپادارلىق، خۇشاللىق قاتارلىق قۇرغاق تېمىلاردىن قۇتۇلدۇرۇپ بىلىش ۋە مەرىپەتتىن ئىبارەت ئەمەلى جەريانغا يىتەكلىشى نەتىجىسىدە ئىنسانلارنىڭ بىلىش جەريانىدا ناھايىتى زور ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا كەلدى. بۇنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئىپادىسى يەنىلا نىيوتۇننىڭ يەنە شۇ زامان-ماكاننىڭ مۇتلەقلىكى ھەققىدىكى تەلىماتى بولدى، ئەمدىلىكتە بىلىش ئارىستوتىلنىڭ ئاتۇم مەركەزچىلىكىدىن قۇتۇلۇپ، زامان-ماكاندىن ئىبارەت كونكىرىت ۋە ئۆلچەملىك تېمىغا يۆتكەلدى. ئىۋكلىد گىئومىتىرىيسىنىڭ ۋە زىپىسى يەر يۈزىگىلا قالدۇرۇلدى.
زمان-ماكاننىڭ مۇتلەقلىكى ھەققىدىكى تەلىمات ئىلىم -پەن تارىخدىكى تۈنجى ئەڭ زور كۆلەملىك ئۇلۇغ ئىنقىلاپ سۈپىتىدە تەبىئى پەنلەرنى مۇكەممەل رامكا بىلەن تەمىن ئەتكەن بولسىمۇ كائىناتتىن ئىبارەت چەكسىز لىكگە بىرىلگەن بۇ چەكلىك تەبىرنى يەنىلا چولتا دىيىشكە بولاتتى. ئەمما مەزكۇر نەزەرىينىڭ داغدۇغىسى ھەممىنى جەلب قىلدى. ئۇ ئىنسانلارغا كائىناتنى غايەت زور, مەھكەم دۈملەنگەن, ئىنتايىن مۇكەممەل, نوقۇل مىخانىك سىستىما قىلىپ كۆرسەتتى.
ئەمدى بۇ دۇنيادا ھەممە نەرسە مۇقەررەرلىك ئىدى،مۇمكىنچىلىك، ئىھتىماللىق قاتارلىقلارمۇ يوق ئىدى. بولغاندىمۇ ئۇلامۇ مۇەقەررەرلىك ئىدى.
ئىنسانلار كائىناتتىكى ھەرقانداق بىر شەيئىگە ئوخشاشلا كائىناتنى تولدۇرغان بويۇمغىلا ئوخشاپ قالدى. ئۇلارنىڭ كۈلۈشىمۇ، ئۆلۈشىمۇ مۇقەررەرلىك، ئۆتمۈش-كەلگۈسى ,ئىجادىيەت….. قاتارلىقلارنىڭ ماھىيەتلىك ئايرىمسىمۇ خىرەلەشتى. چۈشكۈنلۈك باش كۆتۈردى. ماددي نۇقتىدىن قىشتا باھارغا تەلپۇنۇپ، سەپەردە ئۆيگە تەلپۈنۇپ قىسقىسى زاماندىن زامانغا، ماكاندىن ماكانغا، ئىھتىماللىقتىن ئىھتىماللىققا كۆچۈپ ئەرمەك بولۇپ كەلگەن ئىنسانىيەتنىڭ زامان-ماكاننىڭ بۇ يىڭى قىياپىتىدىن تېنى شۈركىنىپ روھى چۈشۇپ كەتتى.
ئەمدى ئۇلار چىكىنەي دېسە ئىللىق ماكان ياكى ئىللىق زامان يوق ئىدى. شۇڭا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پاناھگاھىغا تەلپۈنمەكچى بولدى-يۇ؛ تۇيغۇسىغا ئالداندىمۇ ئەيتاۋۇر بىردىنلا ئۆز قەلبىگە چىكىنىشكە باشلىدى. خىيالپەرەسلىك، جىمغۇرلۇق ئەۋج ئالدى. بۇ خىل ھالەتتنىڭ سەنئەتتىكى تەسۋىرى سۈپىتىدە رومانتىزىم، سىھرى رىئالىزىم، سۈر رىئالىزىم ئىقىملىرى باش كۆتۈرۈپ رىئالىزىمنىڭ ئورنىنى ئىگەللەشكە باشلىدى.كىلاسسىك سىزما نەزەرىيىلىرىگە بىقىنمايدىغان،پەقەت رەسسامنىڭ ئىچكى دۇنياسىغىلا روشەن بولغان چۈشنىكسىز رەسىملەر، ئاۋازسىز تىياتىرلار، بىر-ئىككى جۈملىلىك رومانلار مەيدانغا كېلىشكە باشلىدى. سەنئەتنىڭ، ئەخلاقنىڭ، دىننىڭ چەك-چىگىرىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى . ئىلمى ساھەدىكى ئىپادىسى روھى ئانالىز ئىلمى بارلىققا كەلدى. .
20- ئەسردە كائىناتنىڭ بۇ قۇرقۇنچلۇق قىياپىتى ئېينشتىيىن تەرىپىدىن نەزەرىيە جەھەتتىن ئىنكار قىلىنىدى. نىسپىيلىك نەزەرىيسى زامان-ماكاننىڭ مۇتلەقلىقىنى ئىنكار قىلىش بىلەن بىرگە زامان-ماكاننىڭ نېسپىيلىكىنى بىر قەدەر مۇكەممەل ئسىپات بىلەن تەمىن ئەتتى، شۇنداقلا ماددى دۇنيانى ئۇزۇنلۇق، كەڭلىك، چۇڭقۇرلۇقتىن ئىبارەت ئۇچ ئۆلچەملىك كىلاسسىك نەزەرىيۋى ئەندىزىدىن زامان ئۆلچىمى قوشۇلغان تۆت ئۆلچەملىك سېستىمىغا ئايلاندۇرۇپ ئانالىز قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى,ئەمدىلىكتە ئىلگىرىكى نەزەرىيلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۆز فۇنكىيسىنى يوقىتپ قويدى.دېمەك نىسپىيلىك نەزىرىيسىنىڭ ئىنسانلار تەپەككۇرىدىكى تەسىرىنى ئىلىم –پەن تارىخىدىكى مىسلى كۆرۈلمىگە ن ئىنقىلاپ دىيىش ئارتۇقچە ئەمەس. چۈنكى نىيوتۇن مۇتلەق زامان-ماكاننى ماددى مەۋجۇدىيەت ۋە رىئاللىقنى چۈشىنىشنىڭ ئۆلچىمى قىلغان بولسا ئېينىشىتىين بۇنىڭ ئەكسىچە ماددى مەۋجۇدىيەت ۋە رىئاللىقنى زامان-ماكاننى چۈشىنىشنىڭ ئۆلچىمى قىلىپ قوللاندى شۇنداقلا يۈرەكلىك ھالدا مەلۇم بىر پەرەزى مۇساپىنىڭ A نۇقتىسىدىكى زامان بىلەن B نۇقتىسىدىكى زامان ئوخشىمايدۇ دەپ ئوتتۇرىغا قويدى. نەتىجىدە مەۋھۇم ئەمما مۇتلەق زامان-ماكان ئۇقۇمىغا شەرتسىز ئىشىنىش شەرتى ئاساسدا ماددى دۇنيانى چۈشنىشكە كۆنۈكۈپ قالغان ئىنسانلار تەپەككۇرى بىردىنلا بۇرۇلۇپ ئېنىق ۋە نىسپى زامان-ماكانغىلا ئىشىنىش ھالىتىغا قاراپ يۈزلەندى.‹‹زامان ئۇقۇمىنى تولۇق چۈشىنىمەن، ئەمما ئۇنىڭ نىمە ئىكەنلىكىگە ئاغزاكى جاۋاب بەرسەملا خاتالىشىمەن ›› ( ئاۋگۇستىن) دېگەندەك ئابىستىراكىت جاۋاپلار ئەمدى ئۇلارنى ئەرمەك قىلالمايدىغان بولۇپ قالدى، ئەلۋەتتە ئىنسانلار زاماننىڭ بۇ كونكىرت تەسۋىرىدىن ھاياجانغا چۈمدى، ئەمدى ئۇلار ئۆزلىرىنى تارىختىن بۇيان گاڭگىرتىپ ، تاڭ قالدۇرۇپ كېلىۋاتقان بۇ شەيئىنى تولۇق چۈشەنگەندەك ھەتتا ئۆز قولىغا ئېلىپ سىلاپ كۆرەۋاتقاندەك ھىسىياتقا كىلىپ قىلىشىتى-دە بىردىنلا خورىكى ئۆسۈپ ئۆزلىرىنىڭ ئاچالمايدىغان سىرى يوقتەك تۇيغۇغا كېلىشتى، ”ھەممىنى پەن ۋە ئەقىل ھەل قىلالايدۇ“ دەيدىغان ئەقىل ۋە پەن خۇراپاتلىقى باش كۆتۈردى. ئەمدى ھەركىمنىڭ ئۆز مەسىلىسىنى ئۆزى ھەل قىلغۇسى كىېلىۋاتاتتى . نەتىجىدە مەنپەئەتپەرەسلىك، ئۆزەمچىلىك ،ھەممىگە گۇمانى، نىسپى نەزەردە ئۆكتچىلىك ۋە ئىنكارچىلىق نۇقتىسىدىن قاراش باش كۆتۈردى. ئەدەبىيات- سەنئەتتە تاشقى پىلانت ھۇجۇمى مەزمۇنىدىكى فانتازىيەلەر جاھاننى بىر ئالدى. چۈنكى زامان –ماكان توسالغۇسى ئىلگىرى ئىنسانلارنىڭ ئەپسانىۋى تەپەككۇرىدا يىمىرىلگەن بولسا ئەمدىلىكتە ئىلمى نۇقتىدىمۇ يىمىرىلۋاتاتتى.
دەرۋە قە بۇنىڭغا ماس ھالدا ئىنسانلار نىڭ ماددى دۇنيا ئۇستىدىكى غەلبىسى جاكارلاندى ھەمدە ئىنسانلار ئەقلى ھەزىمىدىن ئۆتكۈزەلمەيۋاتقان نۇرغۇن ھادىسىلەر ئايدىڭلاشتى. ئەسھابۇلكەھپنىڭ غاردا 309 يىل ئۇخلاپ ئويغانغانلىقى ھەققىدىكى قىسسە ۋە ‹‹ ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدىكى بىركۈن سىلەر سانايدىغان مىڭ يىلچىلىكتۇر›› قاتارلىقلار ئايەتلەرگە يالغۇز ئەقىدىۋى نۇقتىدىنلا ئەمەس بەلكى ئەقلى ۋە نەزىرىيىۋى نۇقتىدىنمۇ ئىشەنمەسلىك ياكى چۈشەنمەسلىك مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. ئەمدىلىكتە يوقلۇق بىلەن بوشلۇقنى، ماكان بىلەن ماددىنى، زامان بىلەن ھادىسىنى بىلىۋېلىش خۇددى مۇخبىر بىلەن شائىرنىڭ پەرقىنى بىلگەندەك ئاددى بولۇپ قالغان ئىدى. ھەتتا، 1905-يىلى ئېلان قىلىنغاندا ئالتە ئادەم چۈشەنگەن،1915-يىلىغا بارغاندىمۇ ئاران ئون توققۇز ئادەم چۈشىنىلگەن دەپ قارالغان تار ۋە كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزىرىيسى ئەمدىلىكتە، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خاراكتىردىكى ئاممىباپ كىتاپچىلار سۈپىتىدە تارقالماقتا.، ياۋرۇپادىكى قايسىدۇ بىر ئەلنىڭ مۇنداق بىر خەلق قوشىقىنى كۆرگىنىم ئىسىمدە:
بىر خانىم بارشوئىدۇر ئېىتى،
نۇردىن تېزدۇر سۈرئىتى.
يول ئۈستىدە بىركۈنى-
چاپلاشقاچ ئاڭا نىسپىيلىك جىنى.
ئىشقا كىتىپ تۈنۈگۈن،
قايتىپ كەلدى ئۈلۈشكۈن.
شۇڭا ئېينىشتىيىن:“ ئىلىم ھەقىقەت بىلەن باشلىنىپ ھەقىقەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ“ دىگەن ئىدى.
(4)
چوڭ پارتلاش تەلىماتى(big bang) ئالەمنىڭ بارلىققا كېلىش ھەققىدىكى ئەڭ يېقىنقى نەزىرىيۋى تەلىمات بولۇش سۈپىتى بىلەن بايقىلىشتىن ئىبارەت پاسسىپ خاراكتىرى بىلەنلا تەپەككۇرىمىزدىمۇ بىر قاتار كەڭ كۆلەملىك پارتىلاشلارنى پەيدا قىلدى. چۈنكى، پارتىلاش بىزنىڭچە ئەسلىدە مۇنتىزىم قانۇنىيەتكە ۋە گۈزەللىككە نىسبەتەن چوقۇم ۋەيران قىلىش خاراكتىرىنى ئېلىشى كېرەك ئىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق بولمىدى. ئەكسىچە چوڭ پارتىلاشتىن مۇنتىزىم سىېستىمىغا، گۈزەل ۋە سىرلىق ئارقا كۆرۈنۈشگە ئىگە، ھەر لەھزىدە چەكسىزلىككە شىددەت بىلەن كېڭيىپ تۇردىغان ئاجايىبات دۇنياسى كائىنات بارلىققا كەلدى. بۇ بىزنىڭ ياخشىلىق-يامانلىق ھەققىدىكى تالاي ئەسىرلىك شەرھلىرىمىزنى بىردىنلا داۋالغۇتۇپ تەپەككۇرىمىزدىكى مەۋجۇدىيەت ئالىمىنىڭ ياخشىلىق-يامانلىق ئوتتۇرسىغا تىكلىگەن ماھىيەتلىك چىگىرسىنى يىمىرىپ تاشلىغىلى تاس-ماس قالدى.كۆردۇقكى، بىز يامان كۆرۈپ يۈرگەن بەزىبىر نەرسىلەر بىز ئۈچۈن ياخشىلىق، بىز ياخشى كۆرۈپ يۈرگەن بەزىبىر شەيئىلەر بىز ئۈچۈن يامانلقلارنى ئاپىرىدە قىپتۇ.
دىمەك، ھەر ئىككىلا نۇقتىدا گۈزەللىك ئۇل ماھىيەت ئىكەن.گەرچە بىز بۇنۇقتىدا مىلادى 8-، 9- ئەسىرلەردىكى ئىسلام ئەقلىيەتچىلىرى مۇئتەزىللەر ۋە سانائەت ئىنقىلابى دەۋرىدىن كىيىنكى غەرب ئوپتىمىستىلىرى ئوتتۇرغا قويغان، يامانلىق تۈپ مۇستەقىل مەۋجۈدلۇق ئەمەس، ئۇ پەقەت ياخشىلىقنىڭ يوقىلىشى ياكى ئاجىزلىشىشى نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان ئىككىلەمچى ھادىسە. بۇ خۇددى قاراڭغۇلۇقنىڭ ماھىيتى نۇرنىڭ يوقىلىشىدىنلا ئىبارەت بولغانلىقىغا ئوخشاش، دېگەندەك تەلىماتلىرىنى ياقلاپ كەتمىسەكمۇ ئومۇمەن گۈزەللىكنىڭ مەۋجۈديىەتتىكى ئاساسى ماھىيەت ئىكەنلىكىنى ئىتىراپ قىلماي تۇرالمايمىز.
ئىنسانىيەتنىڭ ئەقىل كۆزىنى ئۆز جامالىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ئەمەس ئۆزىدىكى ھىكمەت تەجەللىسى بىلەن قاماشتۇرۇش ئارقىلىق ئەقىدە باغلىتىپ كېلىۋاتقان يامانلىقنىڭ ئىلاھى ياراتما كاتىگۇرىيسىدە بولۇش ياكى بولماسلىقىدىن ئىبارەت بۇ مۇرەككەپ مەسىلە ئىنسانىيەتنىڭ ئىدىئولۇگىيە تارىخىدىكى داۋان سۈپىتىدە ئەجدادلىرىمىز بىر مەھەل ئىشەنگەن ھەتتا تۇرمۇش ۋە تەپەككۇرىمىزدىن ھىلىھەم تەسىرى يوقالمايۋاتقان زورو ئاستىر ۋە مانى دىنلىرى ئەقىدىسىدىكى ئىلاھىنىڭ نۇر ۋە زۇلمەتتىن ئىبارەت ئىككى بولۇشدىن ئىبارەت مەنتىقى زىدىيەتنى ۋە باشقا دىنلاردىكى مۇشرىكلىق (كۆپ خۇدالىق) ئەقىدىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن ئىدى.
بۇ تەبىئىكى شۇ خىل مەدەنىيەت ساھىبلىرى بولغان مىللەتلەرنىڭ ئىجتىمائى قاتلىمىدىكى تەبىقىچىلىكنىڭ ئەڭ چوڭ پىكرى دەستىكى بولۇپ شەكىللەنگەن، ئارقىدىن ئىرقى تەبىقىچىلىك, ئىرقى تەبىقىچىلىك خاھىشىدىن ئىرسى تەبىقىچىلىك خاھىشى بىخ سۈرگەن بولۇشى مۇقەررەر. تارىخنىڭ نۇرغۇن بەتلىرى شۇ سەۋەپتىن قان بىلەن يېزىلىپ، ياش بىلەن يۇيۇلغان. نۇرغۇن مىللەتلەر يىلتىزىدىن قۇرۇپ كەتكەن.
پارس بىلەن تۇرانلارنىڭ ئامۇ دەريا بويىدىكى ئىككى مىڭ يىللىق قانلىق توقۇنۇشىنىڭ سەۋەبىنى بۇددا بىلەن ئاتەشپەرەسلىكنىڭ توقۇنۇشى ياكى زىمىن تالىشىشى نۇقتىسىدىنلا ئەمەس بەلكى مۇشۇ نۇقتىدىن چۈشىنىشكىمۇ ھەقلىقمىز. بۇنىڭ دەلىلى ھەر ئىككى مىللەت ئىسلامغا ئىتىقاد قىلغاندىن كىيىنلا بۇ قانلىق تارىخ خاتىمىلەندى.ئەمما پارىسلارنىڭ قېنىغا سىڭىپ كەتكەن بۇ ئېرقى ئايرىمىچىلىق خاھىشى ئۇلارنىڭ ئىسلامنى پارس مىللەتچىلىكى سۈپىتىدە شىئەلەر نامىدا مەيدانغا چىقىرىشقا سەۋەپ بولۇپ قالدى. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى دۇنيادىكى مەدەنى ۋە سىياسى يىتىمىلىكىنى كەلتۇرۇپ چىقاردى .
تارىختا ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنىڭ ماھىيىتى ھەققىدىكى پىكرى داۋالغۇشلار يەنە نۇرغۇن مىللەتلەرنى كۆپ دىن ئالماشتۇرۇش ياكى كۆپ دىنغا بىرلا ۋاقىتتا ئىشىنىشكە مەجبۇر قىلغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلگەن. ئالايلۇق ؛«جوڭگۇلۇقلار ئۇتۇق قازانسا كۇڭزىچىلىقتىن،مەغلۇپ بولسا داۋ جىياۋ دىنىدىن كۆرىدۇ» دىگەن سۆز بىكارغا ئېيتىلمىغان. كېيىنچە ئۇلار ھەر ئىككىلىسىدىن بۇددا تەلىماتلىرى ئارقىلىق روھى قانائەت ھاسىل قىلىدىغان پىسخىكا شەكىللەندۈرگەن. چۈنكى كۇڭزىچىلىق ئەخلاقى مەسلەك بولۇشى سۈپىتى بىلەن يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا «ئۇرۇشمايلى- تالاشمايلى » دىگەن بىر جۈملە سۆزنىڭ يەنە بىر خىل ۋارىيانتىئىدى. داۋجىياۋ دىنى ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى ئا سىاسىەن شەكلى جەھەتتىكى پەرق دەپ قارايدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ «ھەقىقى مۇزەككەر(阳) مۇئەننەس (阴)ئىچىدىكى مۇزەككەردۇر»- دېگەن تەلىماتىدا روشەن گەۋدىلەنگەن. بۇ تەلىماتقا تۆۋەندىكى شەكىل سىموۋۇل قىلىنىدۇ:
مەنىسى: داۋجىياۋنىڭ قارىشىچە- ھاياتلىق 阴 (مۇئەننەس. قاراڭغۇلۇق. مەنپى)ۋە 阳 (مۇزەككەر.يورۇقلۇق. مۇسپەت) تىن تۈزۈلىدۇ. ھەر ئىككىلىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقى بىر-بىرىنى شەرت قىلىدۇ. يىن ئىچىدىمۇ ياڭ، ياڭ ئىچىدىمۇ يىن بولىدۇ، ئەمما ھەقىقى ياڭ يىن ئىچىدىكى ياڭدۇر.
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، داۋجىياۋ توغرىسىنى ئېيتقاندا دىن ئەمەس، ئۇ پەقەت بىر خىل دۇنيا قاراش-تەرىقەت . دېمەك ئۇلارنىڭ نەزىرىدىكى يامانلىقمۇ ياخشىلىقنىڭ پوستىدۇر. بۇ توغرىدا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن شەرقى جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرىگىچە تارالغان مۇنداق بىر ھىكايەت بار. “ بىر كەمبەغەل بوۋاي بولۇپ, بار- يوق بىر ئوغۇل ۋە بىر ئېتى بار ئىكەن. بىر كۈنى تۇيۇقسىز ئات يوقاپ كېتىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان قوشنا-قۇلۇملار بوۋايغا ئىچ ئاغرىتىپ ھال سوراپ كەپتۇ. -كىم بىلۇر بۇنىڭدا بىر ياخشىلىق باردۇربەلكىم،- دەپتۇ بوۋاي.
دەرۋەقە بىر نەچچە كۈندىن كىيىن ئات بىر مۇنچە ياۋا ئاتلارنى باشلاپئەگەشتۈرۈپ قايتىپ كەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان قوشنىلار خۇشاللىقىدىن بوۋاينى تەبىرىكلەپ كەپتۇ.
-ئېھتىمال بۇنىڭدا بىر يامانلىق باردۇر بەلكىم؟- دەپتۇ بوۋاي. خوشنىلار لام-جىم دېمەي چىقىپ كىتىپتۇ. ئەتىسى بوۋاينىڭ ئوغلى ئاتلارنىڭ بىرىنى كۆندۈرىمەن دەپ يىقىلىپ پۇتىنى سۇندۇرۋاپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان قوشنىلار بوۋا ينىڭ دانالىقىدىن ھەيران بولۇپ، يەنە ھال سورىغان قىياپەتتە يېتىپ كەپتۇ.
-ئېھتىمال بۇنىڭدا بىر ياخشىلىق بولىشى مۇمكىن؟ – دەپتۇ بوۋاي ئادىتى بويىچە. قوشنىلارنىڭ ئەمدى رەسمى ئاچچىقى كەپتۇ-يۇ يەنە چىقىپ كېتىپتۇ.
ئەتىسى يات ئەلگە تاجاۋۇزچىلىققا ماڭغان پادىشاھ يېزىدىكى بارلىق ياشلارنى مەجبۇرى لەشكەرلىككە ئېىلىپ كىتىپتۇ. بوۋاينىڭ ئوغلى بولسا سالامەت قاپتۇ“
ئۇنىڭ ئۈستىگە داۋجىياۋ (道教) سۆزىدىكى داۋ (道) يول مەنىسىدە بولۇپ ھەرقانداق بىر شەيئى ياكى ھالەتتىن چىقىش يولى ياكى ئىلگىرلەش نۇقتىسى ئىزدەش مەنىسىدە ياكى ھەرقانداق بىر ھالەتنىڭ چۇقۇم چىقىش (ھەل قىلىش ) يولى بارلىقى مەنىسىنى ئاساس قىلغان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭىلاشقا بۇ تەرىقەتتە بارلىق شەيئىلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىتلىق مۇناسىۋىتى كۈچەپ تەكىتلىنىش بىلەن بىرگە تەبىئەتنىڭ مەزكۇر زىتلىقنى سىغدۇرغۇچى گۈزەل مەۋجۇدىيەت ئىكەنلىكى مۇئەييەشلەشتۈرگەن، بىلىش مەسىلىسىدە شەيئىلەرگە مەپتۇن بولۇش ياكى ھەيران قېلىش مەرىپەتنىڭ يۇقىرى چېكى بولۇپ ھېساپلانغان،ئەمەلى ئۈنۈم (يول) قوغلىشىلغان.
كۇڭزىچىلىق تەرىقىتى بىلەن دا ۋجىياۋ نىڭ ئاستا- ئاستا بىرلىشىپ كېتىشى نەتىجىسىدە كۇڭزىچىلىق تەرىقىتىدىمۇ كىشىلىك ھاياتنى ئىككى ياقلىمىلىق نۇقتىئىنەزەر بويىچە كۈزىتىش مىتودى قوبۇل قىلىنىپ قوللىنىلغان. ئەمما تەبىئەت ۋە ھاياتلىق ھەققىدىكى تەلىماتلار يەنىلا داۋجىياۋ تەرىقتىىنىڭ ، ئائىلە، تەلىم-تەربىيە ۋە ئىقتىسادى ئاڭ كۇڭزىچىلىقنىڭ كونتىروللىقى ئاستىدا بولۇپ كەلگەن. ئىجتىمائى تۈزۈلمە نۇقتىسىدىن ئانالىز قىلغاندا, داۋجىياۋدا- ئىنسان پائالىيىتى بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئۆز ئارا تولۇقلاش مۇناسىۋىتىدە ئىكەنلىكىنىڭ تەكىتلىنىشى؛ كۇڭزىچىلىق تەرىقىتىدە كىشىلىك ھاياتتىكى ھەمكارلىقنىڭ تەكىتلىنىشى بىردەك كوللىكتىپ پائالىيەتنىڭ قىممىتىنى شەخسى پائالىيەتتىن ياكى ئاز سانلىقلار پائالىيىتىدىن ھەمىشە ئۈستۈن كۆرۈش قارىشنى شەكىللەندۈرگەن.
مەدەنىيەتشۇناسلار يەنە جوڭگۇ تىبابىتىدىكى يىڭنە سانجىش ۋە دورا ئۈسۈملۈكلىرىگە تايىنىش ئۇسلۇبىنىڭ باشقا ھەرقانداق ئەلدىن پەرقلىق ھالدا كۆپ قوللىنىشى ۋە تەرەققى قىلىشى، ئوپراتسىيە ياكى يەرلىك ئەزانى كىسىۋېتىش خاراكتىرلىك داۋالاشنىڭ يوقلۇقىنىمۇ داۋجىياۋ دىنىدىكى يىن-ياڭ تەلىماتى ۋە شۇ ئاساستىكى تەبىئەتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى ئەزالار ئوتتۇرىسىدىكى گارمۇنىيلىك مۇناسىۋەتنىڭ مۇتلەقلىقى نۇقتىسىدىن قارىغان. ئەدەبىيات-سەنئەت نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ، خەنزۇ شىئىرىيىتىدىكى تەبىئەت تەسۋىرىگە ئائىت شىئىر-نەزمىلەرنىڭ، فار-فۇر بۇيۇملار ۋە رەسساملىق سەنئىتىدىكى ئوۋچى، ئوتۇنچى، نىلۇپەر يېنىدىكى، كۆل بويىدىكى نەيچى ئوبرازى قاتارلىقلارنىڭ كۆپ سالماقنى ئىگەللىشىنى جۇغراپىيۋى سەۋەبنى نەزەدىن ساقىت قىلماسلىق بىلەن بىرگە داۋجىياۋ تەرىقىتىنىڭ تەسىرىدىن دەپ قاراشقا ھەقلىقمىز. شۇنداقلا ئائىلە، كوللىكتىپ ئەمگەك، تاماق ئۈستىلىدە چوڭلارغا تاماق ئۆتۈنۈش قاتارلىق ئوبرازلارنى كۇڭزىچىلىقتىن دەپ كۆرۈشكە بولىدۇ.مەزكۇر ئارلاشما ھالەتتىن كىيىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تارقالغان بۇددا دىنى يۇقارقى ھەر ئىككى تەرىقەتتە كەم بولغان بىلىش نەزەرىيىسىگە ئائىت تەلىماتلارنىڭ تارقىلىشىغا سەۋەب بولغان. ئەمما بۇ دىندىكى ھەددىدىن زىيادە پاسسىپ دۇنيا قاراش، خىيالپەرەسلىك، ۋاز كېچىش يەنە ۋاز كېچىش قاتارلىقلارنىڭ قارشى ئېلىنماسلىقى تەبىئى ئىدى.
ئەلۋەتتە بۇددا دىنىنىڭمۇ ئىجتىمائى تۈزۈلمە ۋە ئەدەبىيات-سەنئەتتىكى تەسىرى ئۆزى تارقالغان رايۇنلاردا ناھايىتى زور بولغان بولۇشى تەبىئى. ئەمما دىنشۇناسلار بىردەك خەنزۇ ۋە ياماماتو(ياپۇنلارنىڭ ) مىللىتىنىڭ تارىختىن بۇيان مونۇسىزىم (تەۋھىد ياكى بىر خۇدالىق دىن ) قوبۇل قىلىپ باقمىغانلىقىنى ياكى ئۆز مەدەنىيىتىدە شۇنىڭغا ئائىت دۇنيا قاراش ياكى پىكرى ئىزنالارنى ساقلاپ قالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇنداقتا, داۋجىياۋ تەرىقىتىنىڭ شەيئىلەر ئوتتۇرىسىدىكى قارمۇ-قارشىلىقنىڭ بىردەكلىكى قارىشى دىئالىكتىك ماتىريالىزىمنىڭ, كۇڭزىچىلىقتىكى ھەمكارلىق تەلىماتى كوللىكتىۋىزىمنىڭ، تەۋھىد ئەقىدىسىدىكى (monotheism) مۇرەسسەسىز بىر ھەق- بىر خۇدالىق قاراشنىڭ خەنزۇلار بىلەن ياماماتولار ئارىسىدا يوقلۇقى ئاتىئىزىمنىڭ -قىسقىسى، ماركىسىزىمنىڭ جوڭگۇدا تىزلا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشىنىڭ تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشى دەپ قاراشقا بولامدۇ-قانداق؟ بۇنى تەھلىل قىلىشنى ئۆز ئەھلىگە- ماركىسىزىمچىلارغا قالدۇرىمىز.
(5)
شۇنى تەكىتلەش كېرەككى كۆز بار جايدا سىرغا ئورۇن يوق، مەسىلە سىردا ئەمەس كۆزدە.ئەمما غەيبى ھىكمەتنىڭ تامغىسى بېسىلغان سىرلارنىڭ ئېچىلمايدىغانلىقىنى بىلىشمۇ بىر خىل ئېچىشتۇر. چۈنكى ئېچىلماسلىق، غۇۋالىق سىرنىڭ مەۋجۇتلىقىنىڭ تۈپ كاپالىتى. ئېچىش، بايقاش كۆزنىڭ تۈپ قىممەت كاپالىتى . بۇ يەردىكى كۆز- نوقۇل فىزىئولۇگيلىك مەنىدىكى كۆز بولمىسىمۇ شۇ كۆزنىڭ فونكىسىيسنى مەنبە قىلغان تەپەككۇر ياكى كۆڭۈلنىڭ كۆزىدۇر. كۆزدىن ئىبارەت بۇ تەڭداشسىز نىئمەت بىزنىڭ سىرتقى دۇنيانى كۈزىتىشتىكى كۆزنىكىمىز بولۇش سۈپىتى بىلەن بىزنى كائىناتتىكى گۈزەللىكتىن بەھىرلەندۇرۇپ تۇرىدۇ.
ئەمدى يۇقارقى مەسىلىنىڭ يىقىنقى زامان دۇنيا مەدەنىيەت تارىخدىكى تەسىرى -مىنىڭچە مۇنداق بولدى دەپ قارايمەن.
ۋىلىيام جىمىسنىڭ پىراگماتىزىم تەلىماتى چارلىز دارۋىن ئوتتۇرغا قويغان “ تۈرلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى“ نەزىرىيسىنىڭ سىياسى-ئىقتىساد ساھەسىدىكى كۆلەڭگىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرا ئەسىر خىرىستىئان جاھالىتى ئىچىدىكى بۇرۇختۇملۇقتىن ئەمدىلا تىن ئېلىشقا باشلىغان ئىنسانىيەت تەپەككۇرىنى ئۆزىگە رام قىلىۋالدى. ‹‹ توڭغاقلا ئوت ئىلاھىغا، ئىسسىغاقلار مۇز ئىلاھىغا چوقۇنۇش›› تىن ئىبارەت بىدئەت ئەقىدە ئەمدى زامانىۋى تۈستە مەيدانغا چىقتى.
ۋىليام جىمىس ۋاپاتىدىن بىر نەچچە يىل ئۆتۈپلا جوسىيا رويس كەبى مۇتەپەككۇرلارمۇ مەيدانغا چىقتى. شىمالى ئامرىكا قىتئەسىدىكى ئىلاھىيەت پەلسەپە ئېقىمىنىڭ نوپۇزلۇق ۋەكىلى ھىساپلانغان بۇ مۇتەپەككۇر بىر قاتار تەلىماتلارنى ئوتتۇرغا قويۇپ نەزەرىيە جەھەتتىن پىرگماتىزىمنىڭ ئۇلىنى تەۋرىتەلىگەن بولسىمۇ ئىنسانلارنىڭ بۇنى ئاڭلايدىغانغا قۇلىقى يوق ئىدى.
ئۇ ئۆز تەلىماتلىرىدا: ”يامانلىقنىڭ خۇدا تەرەپتىن يارىتىلىشى ئىلاھنىڭ كامالى سۈپىتىنى تېخىمۇ ئېچىپ بىرىدۇ“ دەپ قارىدى.
جوسىيا رويسنىڭ نېمىس پەلسەپە پىشۋالىرىدىن گېگىل، شۇپىنخائور قاتارلىقلارنىڭ قاراشلىرىنى ئۆزلەشتۇرۈش ئاساسىدىكى بۇ قاراشلىرى ئۆز نۆۋىتىدە ئاساسى جەھەتتىن ئىسلام شەرقىنىڭ كىلاسسىك(سەلەپلەر) ئەقىدە سېستىمىسى ئىدى. چۈنكى ساپ ئىسلام پەلسەپىسى شۇنداق قارايدۇكى، يامانلىقمۇ مۇستەقىل تۈپ مەۋجۇدىيەت بولۇپ ئۇمۇ گۈزەللىكگە ئوخشاشلا الله تەرپىدىن يارىتىلغان. چۈنكى ،ھەرقانداق بىر شەيئىنىڭ يارىتىلمىش مەنبەسىنى بىر ياراتقۇچىدىن باشقىغا مەنسۇپ قىلىش ئىلاھى قۇدرەتنىڭ شەيئىلەردىكى تەسىرىنىڭ جۈزئى بولۇپ قىلىشىدىن ئىبارەت ئېغىر مىتافىزىك ۋە ئەقىدىۋى خاتالىققا ئېلىپ بارىدۇ. يامانلىقنىڭ بىر ياراتقۇچى تەرپىدىن يارىتىلىشى ياراتقۇچىنىڭ كامالىتىگە نۇقسان بولماستىن ئەكسىچە كامالى قۇدرەتنىڭ ئىپادىسىدۇر. ياخشىلىق-يامانلىق، ھايات-ئۆلۈم قاتارلىق مەۋجۇدىيەتنىڭ ئۆز ئارا ئەكسى قۇتۇپلىرىنى ئوخشاشلا ئۆز ئىرادىسى ۋە قۇدرىتىگە بويسۇندۇرۇش بۇ زاتنىڭ ھەممىگە ئوخشاشلا قادىر ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياخشىلىق-يامانلىق، پايدا-زىيان قاتارلىقلار تۈپ مەنىدىن ئېلىپ ئىيتقاندا ئىنسانىيەتنىڭ سوتسىيال پائالىيەت فورمىلىرىنى دەۋرى قىلىپ بارلىققا كەلگەن ئوبىكتىپ بەلگىلەر. ئەمما، ئۇنى ئىلاھى ھىكمەتكە تەتبىقلىغاندا يەنىلا ئىنسانلار ئېڭىدىكى سۇبىكتىپ ئۇقۇمىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.
(6)
1997- يىلى يانۋار ئېيىدا پۈتكۈل دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان كىلون تېخنىكىسىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە ئۇتۇق قازىنىشى قارىماققا، بىئولوگىيە ساھەسىدىكى دەۋر بۆلگۈچ ئىنقىلاب ھېساپلانسىمۇ، ماھىيەتتە ئۇنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ تەپەككۇر قۇرۇلمىسىدىكى نۇرغۇن قاتماللىقلارنى پاچاقلاپ تاشلاش جەھەتتىكى ئۈنۈمىمۇ بىر خىل ئىنقىلاب تۈسىنى ئېلىشى مۇمكىن.
چۈنكى جانلىقلارنى – مەسىلەن: ئىنساننى جىنىسسىز رەۋىشتە پەقەت ھۈجەيرە ۋە ھۈجەيرە يادروسىدىكى ھالقىلىق بىئو-خىمىيىلىك ئالاھىدىلىكلەرنىڭ ياردىمىدىلا (ئەلۋەتتە تولۇق تەجرىبىخانا شارائىتىدا) ئۆز پېتى نۇسخىلاپ چىقىش ئىمكانىيىتىنىڭ نەزەرىيە جەھەتتىن مۇمكىنلىكى كىشىگە ساماۋى كىتاپلاردىكى قىيامەت كۈنىدە، ئۆلگەن ئىنسانلارنىڭ ئۆز پېتى تىرىلىپ سۇئال-سوراققا ھازىرلىنىدىغانلىقىنىڭ ئەقلى ئىسپاتىغا ئىشارە قىلىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. چۈنكى چەكلىك ئىنسانى پاراسەت ۋە قۇدرەتنىڭ ياردىمىدە ئۆز پېتى نۇسخىلانغان جانلىقلارنىڭ، چەكسىزلىكنى چۈشىنىشتە ئىنساننىڭ ئەقلى ھەزىمى بەرداشلىق بىرەلمەيدىغان ئىلاھى قۇدرەت قولىدا قايتا تىرىلىشى ھېچگەپ ئەمەس.
يەنە ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاتىسىز يارىتىلغانلىقىنى ئۆزىنىڭ ئەقلى ھەزىمىدىن ئۆتكۈزەلمەي «خۇدانىڭ ئوغلى» دەپ ئىلاھلاشتۇرۇپ مۇشرىكلىققا يۈزلەنگەن ئىنسانلار توپى ئۈچۈنمۇ بۇنى ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى دېمەي بولمايدۇ.
ئەقىللىق ئوقۇرمەنگە ئايانكى، بۇ ئەلۋەتتە ئىيسا ئەلەيھىسسالام شۇ تەرىقىدە (كىلون شەكلىدە) بارلىققا كەلگەن دېگەنلىك ئەمەس. بۇ پەقەت ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاتىسىز يارىتىلىش ئىمكانىيىتىنىڭ يالغۇز ئەقىدىۋى تەلەپنىڭ تۈرتكىسىدىنلا ئەمەس، بەلكى ئەقىل تەرىپىدىنمۇ تامامەن قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى شۇنداقلا، ئىيسا ئاللاھنىڭ ئوغلى دىيىشنىڭ بۆھتان ۋە سەپسەتە ئىكەنلىكىگە قىلىنغان ئەقلى ئىشارە خالاس.
ھازىرقى زامان ھىندى ئىسلام مۇتەپەككۇرى ۋەھىدۇددىن خان 60-يىللارنىڭ ئاخىرىلىرىدا بۇ ھەقتە توختىلىپ:“ئالدىنقى ئەسىردىكى سەۋەپ-نەتىجە مۇناسىۋەتنىڭ مۇتلەقلىقى ھەققىدىكى نەزەرىيىلەر ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاتىسىز يارىتىلىشىنى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ بۇ ئەسىردىكى بىلگىلى بولماسلىق نەزەرىيىسى بۇ خىل يارىتىلىشنى مۇمكىن دەپ قاراۋاتىدۇ“
كىلون تېخنىكىسىنىڭ ئۇتۇق قازىنىشى يەنە ئىنسانلار تەپەككۇرىنىڭ تېخى تولۇق ئېچىلىش ھالىتىدە ئەمەسلىكىنى سەمىمىزگە سالىدۇ. چۈنكى ، بىر ئايالنىڭ تەن ھۈجەيرە يادروسىنىڭ شۇ ئايالنىڭ يادروسىزلاندۇرۇلغان تۇخۇم ھۈجەيرىسىگە سەپلىنىپ، ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ھۈجەيرىسى ھالىتىگە كەلتۈرۈلگەندىن كىيىن يەنە شۇئايالنىڭ بالىياتقۇسىغا «تېرىش» ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن «كىلون پەرزەنت»نىڭ تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋەت تورى ئىچىدىكى «تىپى» ئىنتايىن غەلىتە بولۇپ، «پەرزەنتنىڭ ئۆز ئانىسىنىڭ بىر تۇغقىنى بولۇپ چىقىشى» دەك تارىختىن بېرى ئىنسانلارنىڭ ئەپسانىۋى تەپەككۇرىغىمۇ سىغىپ باقمىغان ھادىسە بولۇپ قالىدۇ. ئەمما، ئۇ ئەمەلىيەت. چۈنكى، پەرزەنتنىڭ دۇنياغا كىلىشىگە يېرىم ئاساس سالغان نۇسخىلانغان ھۈجەيرە ئانا تىنىنىڭ بىر قىسمى بولۇش نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا ئانىنىڭ ئاتىسىنىڭ «بالىسى» ئەمما، بۇ پەرزەنت ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ھۈجەيرىسى ۋە تۇغۇلۇش نۇقتىسىدىن يەنىلا ئانىغا مەنسۇپ. ئامرىكا تىمېيل ئۈنۋېرىسىتىتىنىڭ پروفىسورى، مىكرو-بىئولوگىيە پەنلىرى دوكتۇرى ئابدۇلھادى: «بۇ ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنىڭ نۇسخىلىشى بولماستىن بەلكى ئۆزىنى ئۆزى سۈرىتى مۇبەددەل قىلىشى» دەيدۇ. ئۇيەنە: «بۇ پەرزەنت ئۆز ئانىسىنىڭ ئىنىسى ياكى سىڭلىسى بولۇپ چىقىدۇ. بۇ ئەرلەرگە قىلىنغان ھاقارەت بولۇش بىلەن بىرگە ئىنسانلارنىڭ الله تەرەپتىن بەلگىلەپ بېرىلگەن نۇرمال ھاياتلىق تەرتىپىدىن چىقىپ ئۆز قەدىر-قىممىتىنى دەپسەندە قىلىشتىن دېرەك بىرىدۇ، مىھىر-مۇھەببەت، مىراس، تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتى قاتارلىق ئۇقۇملارغا مۇرەككەپ شۇنداقلا سەلبى تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر تۈركۈم مەخلۇقلار پەيدا بولىدۇ» دەيدۇ.
گىرمانىيلىك ئىرسىيەتشۇناس ۋە خىرىستىئان دىنى ئىپىسكوپى دىنىر بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئىنسانلار خۇدانىڭ رولىنى ئېلىشقا ئۇرۇنغاندا ئەڭ كۆپ خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولىدۇ. ئىلىم ئەخلاقى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئالىملارنىڭ ھۇقۇقى بۇنچە زور ئەمەس. ئەمما، خۇدا يەنىلا يوقتىن بار قىلغۇچى. ئالىملار مەزكۇر يارىتىلمىلار ئاساسىدا ئۆز ئىجادىيەتلىرىنى بەرپا قىلغۇچىلاردۇر»
دېمەكچىمىزكى، ئىنسانلارنىڭ تەپەككۇر سىغىمى مەزكۇر رىئال ھادىسە ئاساسىدا يەنە كېڭەيدى. ئىھتىمال بىزگە مەۋھۇم كەلگۈسىدە بۇخىل ھادىسلەر يەنە تالايلاپ مەيدانغا چىقار.
دىكارتمۇ « تەپەككۇر قىلغاچقىلا مەۋجۇتمەن »دېيىش ئارقىلىق ئىنسانى قەدىر-قىممەتنىڭ تەپەككۇر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.
تەپەككۇر تارىخىمىزدىكى بۇخىل ئوڭچىللىق ۋە سولچىللىق ھەمىشە بىزدىن ئەقلى سەگەكلىك تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە شەخىسنىڭ ئەقلى ۋە پىكرى ئەركىنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ تۇرىدۇ، ھەمدە شۇ ئارقىلىق بىزنى كىشىلىك قەدىر-قىممەت بىلەن تارتۇقلاپ تۇرىدۇ.
شۇڭىلاشقا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: « تەپەككۇرغا يېتىدىغان ئىبادەت يوق » دېگەن ئىدى.
پىكرى ئەندىزىلەرگە نوپۇزنىڭ سۈرى ياكى جىلۋىسى تۈپەيلى ئەگىشىپ كىتىش خۇددى مۇرت-مۇخلىسلارنىڭ ساقالنىڭ ‹‹مىللى ساقال›› ياكى ‹‹دىنى ساقال›› ئىكەنلىكىنى ئايرىيالماسلىققا ئوخشايدۇ. بۇ كىشىنى ئۆز قىممىتىنى دەپسەندە قىلىشقا، قىسقىسى گۇمراھلىققا ئىلىپ بارىدۇ.
ئەينى دەۋىر نىشاپۇر ۋەزىيتىدىكى ئىجتىمائى تەڭپۇڭسىزلىق ئۆمەر ھەييام رۇبائيلىردىكى ئۆتكۈر كىنايە ۋە چەكتىن ئاشقان مەسخىرىلىك تىلنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى ھىسابلانسا مەزكۇر رۇبائىېلار پەيدا قىلغان سولچىل پىكرى ئېقىم تەخمىنەن 30 يىلدىن كىيىنلا سەئدى شىرازىدەك ئۇلۇغ ئەمما پاسسىپ خاھىشقا ئىگە شائىرنى ئوتتۇرغا چىقارغان.
ئۇلار بەرپا قىلىپ چىققان پىكرى لىنىيە بىر تۈز سىزىق سۈپىتىدە پەرەز قىلىنغاندا، مەزكۇر تۈز سىزىقنىڭ ئىككى قۇتۇپى خاتا، ئوتتۇرا قىسمى توغرا بولغان بولىدۇ. مەركىزى نۇقتىغا ئىنتىلگەنلەر توغرا يولغا ماڭغان بولىدۇ. ئىككى تەرەپكە مايىل بولغانلار ئۆزىنىڭ قۇتۇپلارغا يىقىنلىشىشى گىرادۇسى بويىچە خاتالاشقان بولىدۇ. چۈنكى ‹‹ئىشلارنىڭ ياخشىسى ئوتتۇراھال بولغىنىدۇر››
دەرۋەقە، ئوتتۇرھاللىقمۇ ھەممىلا مۇتەپەككۇرغا نىسىپ بولۇۋەرمەيدۇ. نىسىپ بولغانلار ئۆز تەپەككۇرىنىڭ سەركىگە، قىلىچقا، مەكتەپكە ئايلانغانلىقىنى كۆرەلمەستىن دۇنيادىن كېتىپ قېلىشىدۇ. ”ئىسلامنىڭ ھۆججىتى“ دېگەن نامغا مۇشەررەپ بولغان مۇتەپەككۇر ئىمام غەززالى (1111-1058) ئۆز دەۋردىكى دىندارلار، دىنسىزلار، مۇشرىكلار، پەيلاسۇپلا، سوپى-ئىشانلار ۋە مەزھەب ئەسەبىيلىرى ھەممسنىڭ پىكر ى دۇنياسى بىلەن تونۇشقان ۋە ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە ئالدى بىلەن گۇمانى نەزەردە قاراپ چىققان، ئىمام غەززالى: ‹‹ گۇمانلانمىغان قارىماس، قارىمىغان كۆرمەس، كۆرمىگەن تەپەككۇر قىلماس، تەپەككۇر قىلمىغان بىلمەس ›› دىگەن مەشھۇر تەلىماتىنى ئۆزىنىڭ ھەقىقەت ئىزدەش يولىدىكى مىتودى ۋە پىكرى رامكىسى قىلىپ بىكىتكەن. ئاندىن مەزكۇر مەزھەب ۋە پىرقىلەرگە بىر-بىرلەپ ئۆز جاۋابىنى بەرگەن.
ئىمام غەززالىنىڭ دىنسىزلارغا بەرگەن جاۋابى:
“ ھەرقانداق بىر ھادىسىنىڭ بەرپاچىسى بولىدۇ، دۇنيامۇ ھادىسە،دىمەك ئۇنىڭ بەرپاچىسى بار“
”جانسىز شەيئىلەرنىڭمۇ ئەقلى ۋە ئىرادىۋى خۇسۇسىيەتتىن خالى تۇرۇقلۇق مۇنتىزىم قانۇنىيەت بويىچە ھەرىكەت قىلىشى مەزكۇر قانۇنىيەتنىڭ چەكسىز قۇدرەتنى ئارقا كۇرۇنۇش قىلغانلىقىنىڭ ئىپادىسى بۇ قۇدرەت نە دىن كەلگەن؟“
خرىىستىئان، يەھۇدى ۋە شامان ئەقىدىسىدىكى مۇشرىكلارغا بەرگەن جاۋابى:
“ سىلەر ئىلاھنى كۆپ دەپ ئىتىقاد قىلىسلەر، سىلەر ئىلاھ بىر ئەمەس كۆپ، ئۇلار زات، سۈپەت ۋە قۇدرەت جەھەتلەردە تەپمۇ-تەپ دەپ قارىساڭلار، ئەلۋەتتە خاتالاشقان بولىسلەر، ئىلاھ ئەسلىدە بىر بولۇپ سىلەر ئۇنى كۆپ دەپ ئويلاپ قالغان، چۈنكى سىلەر ئېيتقاندەك ھەممە جەھەتتىن تەپمۇ-تەڭ، ئوپئوخشاش ئىككى ياكى بىر نەچچە شەيئى بولمايدۇ، بار دىيىلگەندىمۇ ئۇ ئەسلىدە بىرلا نەرسە بولۇپ سىلەر كۆپ دەپ ئويلاپ قالغان، بۇ تۇيغۇدىكى خاتالىق.
– ئىلاھلار ئىچىدىكى ھەرقانداق بىرىنى باشقىلاردىن يۈكسەك مەرتىۋىگە ئىگە دەپ قارىساڭلار، بۇمۇ خاتا، چۈنكى ئۇلار ئىچىدىكى ئەڭ يۈكسەك مەرتىۋىدىكىسى ئىلاھ، قالغانلار يەنىلا بەندە، چۈنكى ئىلاھتا ئاجىزلىق ياكى تۆۋەنلىك خۇسۇسىيتى بولمايدۇ، سىلەر ئۇلۇغلارنى ئىلاھ دەپ ئويلاپ قالغان، بۇ ئەقىدىدىكى خاتالىق“
مۇئتەزىللەر ۋە گرىك پەلسەپىسى بىلەن يىڭى پىلاتونىزىم ئېقىمىغا ئايىنىپ كەتكەن ئىككى ئۇستاز – فارابى ۋە ئىبن سىنا قاتارلىق ئەقلىيەتچىلەرگە بەرگەن جاۋابى:
“ ئەقىل ھەممىنى بىلىشكە قادىر ئەمەس، ئەقىل ھەممىنى بىلىشكە قادىر بولسا ئىدى، ئ پەيغەمبەرلەرگە ساماۋى كىتاپلارنى نازىل قىلىنمىغان بولاتتى. چۈنكى ئەقىل كونكىرت ياكى ئابىستىراكت بولسۇن شەيئى ياكى مەۋجۇدلۇق كاتىگۇرىيسىنى قىسمەن بىلىشكە قادىر. ئەقىلنىڭ شەكل بىلەن مەزمۇن ئوتتۇرسىدىكى ۋاستىچىسى بەش سەزگۈ ئەزا. سەزگۈ ئەزالار شەيئىلەرنى ئۆز پېتى بىلىشكە قادىر ئەمەس. بەلكى جۈزئى يوسۇندا بىلىشكىلا قادىر. شۇڭا غەيبى مەسىللەردە ۋەھىيگە تايىنىش كېرەك“
ئەقلىيەتچىلىكنى مۇتلەق ئىنكار قىلغان نەقلىيەتچىلەرگە بەرگەن جاۋابى:
”سىلەر دەۋەت قىلماقچى بولغان دىن (ئىسلام) ئالدى بىلەن شەخىستىكى ئەقىدىگە ئەمەس ئەقىلگە خىتاب قىلىدۇ. چۈنكى ،ۋەھىنىڭ نازىل بولۇشى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكى قاتارلىق تۈپ ئاساسلار ئۇلارنىڭ ئەقىلگە خىتاپ بولۇشى كېرەك ۋە ئۇلارنىڭ ئەقلى تاسقىمىدىن ئۆتۈشى كېرەك، دېمەك ئەقىل ئەقىدىنىڭ ئاچقۇچىدۇر“
قىسقىسى، ئىمام غەززالىنىڭ كۆپ تەرەپلىمە تەلىماتى ئىچكى نىزا، پىكرى نامراتلىق، شىئە-ئىسمائىلىيە مەزھىپى ئەسەبىيلىرىنىڭ ئىچكى جەھەتتىن ھالسىرتىشى، خىرىستىئان دۇنياسىنىڭ خىرىسى قاتارلىق تۈرلۇك بېسىملار ئالدىدا داۋالغۇپ تۇرىۋاتقان مۇسۇلمانلار دۇنياسىغا ھاياتى كۈچ ۋە پىكرى جۇشقۇنلۇق ئېلىپ كەلگەن. مەزكۇر تەلىمات تېزلىكتە ھەرقايسى ئايماقلاردا كۆپلەپ مەدرسلەرنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئىمام غەززالىنىڭ پىكرى ئەندىزىسىنى قوللانما قىلىش بىلەن خاراكتىرلەندى. شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلاردىكى پىكرى ۋە ئەقىدىۋى بىرلىكنىڭ مۇقەددىمىسى ئېچىلغان. ئىمامنىڭ شاگىرتلىرىدىن بىرى بولغان ئبن تومىرتنىڭ ماراكەشتە مۇۋەھھىدلەر ھاكىمىيتىنى تىكلىشى؛ سالاھىددىن ئەييۇبى جەمەتنىڭ مەزكۇر مەدرسلىرىدىن بىرى بولغان ئەدىييە مەدرسىنىڭ مۇخلىسلىرى بولۇش بىلەن بىرگە سالاھىددىن قوشۇندىكى تايانچ كۈچلەر ۋە چەۋەندازلارنىڭمۇ مەزكۇر مەدرس مۇخلىسلرىدىن بولۇشى قاتارلىقلاردىن غەززالىنىڭ تۆھپىسىنى كۆرىۋىلىش تەس ئەمەس.
دېمەك، سالاھىددىن ئەييۇبىنىڭ 1178-يىلى ئىرۇسالىمنى خىرستىئانلار قولىدىن تارتىۋىلىشتىن ئىبارەت ئالەمشۇمۇل غەلبىنى ئىلگىرى ئىمام غەززالىنىڭ دەمەشق جامەسىدىكى ھۇجرىدا ئىككى يىل ئىزچىل ئىلىپ بارغان پىكرى ئىستىقامەت ۋە ئىتىكاپلىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
قىسقىسى، شەرق ۋە غەربنىڭ تارىخى سەھىپىلىرىدە بۇخىل ئوبرازلارنى ھەمىشە چىلىقتۇرۇپ تۇرىمىز.
ئىسكەندەرنىڭ ئۇستازى ئارستوتىل، تاغ-تۇرا پالۋانلىرىغا باشچى بولغان سۇڭ جىياڭ، سەيفۇددەۋلە ھەمەدانىنىڭ ھەربى يۈرۈشىلرىدە ھەمراھ بولغان ئۇلۇغ پەيلاسۇپ ئەبۇنەسىر فارابى، سۇلەيمان بۇغراخانغا مۇشاۋۋۇر بولغان يۇسۇپ خاس ھاجىپ، ھۇسەين بايقارا ھۇزۇرىدىكى ئەلىشىر ناۋائى، فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىنىڭ روھى ئۇستازى ژان ژاك روسسو، گىتلىرنىڭ مەنىۋى ئۇستازى فىردرىخ نىچىشى، پرولتارىيات ئىنقىلابىنىڭ داھىلىرىدىن ماركىس، ئىنگىلىس… مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن ئەلەمنىڭ سەپ يۆنىلىشىنى بەلگىلەۋاتقان قەلەمنىڭ سىماسى-تەپەككۇرنىڭ كۈ چىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
ھاسىلكالام: دۇنيا بىزنىڭ تەپەككۇر قۇرۇلمىمىزغا خىرىس قىلماقتا. ھەر بىر مەغلۇبىيتىمىز ۋە ئىللەتلىرىمىزنىڭ ئارقا كۇرۈنۇشىدە بىرخىل خاتا پىكرى ئەندىزىنىڭ كۆلەڭگىسى ئەلەڭلەپ يۈرىدۇ،ئالايلۇق، ئالىم-ئەدىبلىرىمىز، ياش ھەۋەسكارلىرىمىز ئىشقىلىپ ئۆز تەرجىمھالىنى ئېلان قىلىش پۇرسىتىگە ئىرىشكەن ھەر بىرەيلەن دىگۈدەك ئۆزىنى كۈچەپ كەمبەغەل ياكى پىرۇلتار ۋە ياكى پىرۇلتارنىڭ ئەۋلادى قىلىپ ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنۇشلىرىدىن، ئەدەبى ئەسەرلىرىمىزدە مەركەزلىك ھالدا باي-ھالدارلارنىڭ سەلبى پىرسۇناژ قىلىپ يارىتىلىشىدىن ‹‹ مەدەنىيەت ئىنقىلابى ›› دەۋرىدە يۇققان ‹‹ ياماق چاپان كىيىپ قەھرىمان بولۇش مەپكۇرىسى›› نىڭ ھىلىھەم تەپەككۇرىمىزغا ئىستىخىيلىك ھالدا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى؛ ئالىم, زىيالىلىرىمىزنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن تارتىپ، دىن بىلەن روھقىچە ھەممىلا نەرسىگە كەسپى تەلەپچانلىق بىلەن تەتقىقات نەزىرىدە قاراپ پىكىر قىلىشلىرىدىن بىر قېلىپتا قۇيۇلۇپ كەتكەن مىخانىكىلىق تۇرمۇش ئەندىزىسىنىڭ تەسىرىنى كۆرىۋىلىش تەس ئەمەس.
دەۋرىمىزدە بىزدىن مىللى گەۋدە سۈپىتىدە كۈتۈلۈۋاتقان رىقابەت شۈنچە كەسكىنكى، بىز ئەقەللىيسى تۇرمۇش قامداش ئۈچۈنمۇ دۇنيا نۇپۇسىنىڭ بەشتىن بىرى ئۈچۈن ئېسىلغان بىر داشقازاندىن تاماق ئېلىشىمىز كېرەك. مەزكۇر نىسبەت تەلەپ قىلىدىغان ماددى ئىھتىياج چىقىش نۇقتا قىلىنىپ بەرپا قىلىنغان غايەت زور شۇنداقلا مۇرەككەپ ئىقتىساد سېستىما مىخانىزىمى مەۋجۇتلۇقىمىزنى باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاشلا ئىقتىسادتىن ئىبارەت سىرلىق ئەڭگۈشتەرگە باغلاپ قويغان.
يەرشارىلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتقان شىددەتلىك ئىقتىسادى دولقۇن بىزدىكى يوقنىڭ ئورنىدا جان ساقلاپ كېلىۋاتقان ئايلانما قۇرۇلمىلىق مىللى ئىقتىسادى سېستىمىغا ئاۋۋال تەھدىت ئاندىن خىرە-شىرە پۇرسەت ئېىلىپ كەلمەكتە. بىز شۇندىلا ئۆزىمىزنىڭ ئەمدىلىكتە يۆلىگەنگە، تىلىگەنگە، تىجىگەنگە جان بىقىش ئىمكانىيتىنىڭ كەلمەسكە كەتكەنلىكىنى ھىس قىلماقتىمىز. ئەمما بىزدىن نۆۋەتتە كۈتۈلۈۋاتقىنىنىڭ سالماق ئىلمى ۋە كەسپى ساپا ھەمدە توغرا تەپەككۈر قۇرۇلمىسى ئىكەنلىكىنى گەۋدە سۈپىتىدە ھىس قىلىپ بولالمىدۇق. ئۆزىمىز ھەققىدىكى پىكرى تەلقىنلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسى بەرپاچىلىق تۈسىدە ئەمەس، تەنقىدى فورمىدا ئىپادىلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە تەنقىدى فورمىمۇ بېسىپ ئۆتمىسەك بولمايدىغان بىر باسقۇچ . بىزنىڭ تەپەككۇر قۇرۇلمىمىزمۇ مەدەنىيتىمىز ۋە روھىيتىمىزنىڭ ‹‹ گىن خەرىتىسى ›› دۇر. بىز بۇ خەرىتىنى سىزىپ چىقالىساق ئۆزىمىزنى تۈپتىن چۈشىنەلەيمىز. بۇ نوقۇل ھالدا بىزدىكى ئىلىمى ساپاغىلا باغلىق بولۇپ قالماستىن بەلكى بىزنى ھەمىشە تەلپۈندۇرۈپ تۇرىدىغان، ئۆزىمىزنى مەۋجۇدىيەت، رىئاللىق ۋە ‹‹ بىز ›› دىن ئىبارەت مۇپەسسەل پەلسەپىۋى قاتلام ۋە ماكرو نۇقتىلاردىن تونۇتۇپ تەپەككۇرىمىزدىكى چىچىلاڭغۇلۇق ۋە مەنتىقى زىددىيەتلەرگە، ۋۇجۇدىمىزدىكى پەسكەشلىكلەرگە خاتىمە بېرەلەيدىغان؛ بىزنىڭ دۇنيانىڭ ماھىيتىنى دۇنيا سوبىكتىدىن ئىزدەشتىن ئىبارەت‹‹ قۇلاققا پاختا تىقىۋىلىپ قوڭغۇراق ئوغرلاش ›› تىراگىدىيسدىن قۇتۇلۇشىمىز ئۈچۈن بىزنى مۇكەممەل پىكرى رامكا بىلەن تارتۇقلايدىغان ساپ ئەقىدە ۋە ئۇنىڭ تۈپ تەلىپى ئەمەلنىڭ بولماسلىقىنىمۇ ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان. شۇڭلاشقا ئىلمى ئەسەرلىرىمىزدىكى نەزىرىيۋى قىممەت ياكى ئەدەبى ئەسەرلىرىمىزدىكى پەلسەپىۋى ئىزچىللىقتىن سەنئەت تۈسى يۇقىرى ئورۇندا تۇرۇپ كېىلىۋاتىدۇ.
شۇڭلاشقا مەن دەيمەن: زىيالىلىرىمىز ئالىم ۋە مۇتەپەككۇر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىندەك ئارىفلىق ماقامىنى كۆتۈپ ئولتۇرماي ۋاقتىدا بىر ئاللاھقا چوقۇنغىنى ياخشى. 2004 -يىلى مىسىر. قاھىرە.ئىلاۋە: دوكتۇرانت ھەبىبۇللا توختىنىڭ بۇ ماقالىسى 2004-يىلى يېزىلغان بولۇپ،2008 -يىلى“شىنجاڭ مەدەنىيىتى“ ژۇرنىلىنىڭ 4- سانىدا ئىلان قىلىنغان.

مەنبە: كىتاپخۇمار بىلوگى

Share Button

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>