باش بەتكە قايتىڭ » جەمئىيەت پائالىيەتلىرى » ئۇيۇشمىمز2018-يىللىق خىزمەت تەسەۋۋۇر ۋە پىلان لاھىيەلىرىنى مۇزاكىرە قىلىپ ئالدىن پىلانلاش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
ئۇيۇشمىمز2018-يىللىق خىزمەت تەسەۋۋۇر ۋە پىلان لاھىيەلىرىنى مۇزاكىرە قىلىپ ئالدىن پىلانلاش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئۇيۇشمىمز2018-يىللىق خىزمەت تەسەۋۋۇر ۋە پىلان لاھىيەلىرىنى مۇزاكىرە قىلىپ ئالدىن پىلانلاش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى نىڭ دائىمى ھەيئەت ئەزالىرى 5-يانۋار جۈمە كۈنى كەچ ئۇيۇشما مەركىزىگە يىغىلىپ 2017-يىللىق خىزمەتلەرنى خۇلاسىلاش ۋە 2018-يىللىق خىزمەت تەسەۋۋۇر ۋە  لاھىيەلىرىنى مۇزاكىرە قىلىپ ئالدىن پىلانلاش مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئۇيۇشمىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇللا كۆكيار  شىۋېتسىيە دە  2017-يىلى ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان كۆپ قاتلاملىق خىزمەتلەرنى خۇلاسىلەپ مۇنداق دېدى:ئۇلۇق ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى ۋە شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى شۇنداقلا شىۋېتسىيەدە تارقاق ياشاۋاتقان بارلىق پىداكار ئۇيغۇرلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ياردىمى بىلەن،ئومۇمغا خالىسانە مۇلازىمەت قىلىش،ۋەتەن مىللەتنىڭ  ئاھۇ زارلىق ئاۋازىنى خەلقئاراغا يەتكۈزۈش،خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى ئالۋاستىلارنىڭ قەبىھ  ماھىيتىنى خەلىق ئالەمگە بىلدۈرۈش،ياشلار تەربىيىسىنى كۈچەيتىش ۋە ئۇيغۇر ئانا تىلنى قوغداشنى ئاساسى نىشان قىلغان ھالدا 2017-يىللىق خىزمەت پىلانلىرىمىزنىڭ كۆپ قىسمىنى غەلبىلىك ئۇرۇنداپ،شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ ئۇيۇشمىمىزدىن 2017-يىلى ئىچىدە كۈتكەن ئۈمىدلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئاقلاشقا مۇۋەپپەق بولدۇق.ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ھەر دەرىجىلىك شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتلىرى،جۈملىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمىيتى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىلەن بولغان قېرىنداشلارچە ئالاقە ۋە ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىقلىرىمىزنىڭ سىجىللىقىنى ساقلاپ كۈچەيتىپ، ئۆز ئارا ئىشەنچ ۋە ئورتاق ئىرادىنى تېخىمۇ چىڭىتىپ چوڭقۇرلاشتۇردۇق.بۇ،مۇناسىۋەت بىلەن  ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ تەركىۋىدە كىچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ خالىسانە ھالدا جاپالىق ئىشلىگەن بارلىق خىزمەتداشلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا تۇرغان ئائىلىسىگە ئۇيۇشما نامىدىن سەمىمى رەھمەت ئېيتىمەن! جانابى ئاللاھتىن ئۇلارنىڭ تەنلىرىگە ساغلاملىق ۋاقىتلىرىغا بەرىكەت ۋە مەنا ئاتا قىلىشنى سورايمەن!ئالدىمىزدىكى بىر يىل ئىچىدە يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا بارلىق خىزمەتلىرىمىزنىڭ سۈپىتى ۋە ئەمىلى ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ،يىڭى بىر پەللىگە كۆتۈرۈشكە،كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن،ھەممەيلەننى مۆرىنى-مۆرىگە تىرەپ،ئۈمۈتۋار ھالدا تېخىمۇ كۆپ پىداكارلىق ۋە غەيرەت كۆرسىتىشكە چاقىرىق قىلىمەن.

 

 

Share Button

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>