باش بەتكە قايتىڭ » جىددىي ئۇقتۇرۇش » خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئالۋاستىلارغا قارشى نامايىش پائالىيىتىدە شېھىت بولغان قەھرىمانلارنى ئەسلەش چاقىرىقى
خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئالۋاستىلارغا قارشى نامايىش پائالىيىتىدە شېھىت بولغان قەھرىمانلارنى ئەسلەش چاقىرىقى

خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئالۋاستىلارغا قارشى نامايىش پائالىيىتىدە شېھىت بولغان قەھرىمانلارنى ئەسلەش چاقىرىقى

خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچىلىرىدىن خالى بولغان ھور شەرقى تۈركىستاننى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تىن ئىبارەت «شەرقى تۈركىستان ئارزۇسى»نى روياپقا چىقىرىش  نىشانىمىزغا يېتىش ئۈچۈن خەلقىمىز ئارىسىدىن تېخىمۇ كۆپ قەھرىمانلارنىڭ چىقىشىغا ۋە ئۆزىمىز باشلامچى بولۇپ بىر نىيەت بىر مەقسەتتە تېخىمۇ كۆپ خالىسانە پىداكارلىق كۆرسىتىشكە موھتاج بولىمىز.شۇنىڭ ئۈچۈن يېقىنقى تارىخىمىزدا شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىپ ئازراق بولسىمۇ تۆھپە قوشقان 5-پىۋرال غولجا ۋەقەسى قەھرىمانلىرىنى ئېسىمىزدە چىڭ تۇتۇپ،شەرقى تۈركىستان تارىخىدا خىزمەت كۆرسەتكەن بارلىق قەھرىمانلارنى ياد ئېتىپ،قەھرىمانلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىپ، قەھرىمانلارنىڭ روھىدىن  ئۆگىنىش، تەشۋىقات پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇشىمىز كېرەك.

ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاننىڭ غولجا شەھىرىدە 1997-يىلى 5- فېۋرال كۈنى،شەرقى تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت ئۆلكىلىرىدىن يىغىلغان قەھرىمانلىرىمىز  جاللات خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ چېكىدىن ئاشقان بىمەنە قانۇن سىياسەت ۋە ھەر تۈرلۈك ھەقسىز مۇئامىلىسى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ،مەيدىسىنى كېرىپ مەردانىلارچە غولجانىڭ كوچىلىرىغا چىقىپ،تىنىچ شەكىلدە نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بارغان ئىدى.قانخور خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلار قاتتىق كۈچ ئىشلىتىپ،ئۇلارنى قانلىق باستۇرۇپ، كۆپلىگەن قەھرىمان ئۇغۇل قىزلىرىمىزنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ئىدى. بارلىق شەرقى تۈركىستان خەلقى ئۇشبۇ قانلىق قىرغىنچىلىقتا ھاياتىدىن ئايرىلغان تىنچلىقپەرۋەر قەھرىمانلارنى ئەسلا ئۇنۇتمايدۇ.بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيۇشمىمىز ئالاقىدار ئورۇنلاردىن رۇخسەت ئېلىپ نامايىش ئورۇنلاشتۇردى.

شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان بارلىق شەرقى تۇركىستانلىقلارنى نامايىشقا قارىتا ھازىردىن باشلاپ ئىدىيۋى تەييارلىق قىلىپ قۇيۇشقا ۋە نامايىشقا ئاكتىپ قاتنىشىپ خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ۋەتىنىمىز دە يىللاردىن بىرى ئۈزلۈكسىز ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقلىرىنى ئەيىبلەپ نارازىلىق بىلدۈرۈشكە چاقىرىق قىلىمىز!

نامايىش ۋاقتى: 2018-يىلى 02- ئاينىڭ 04- كۈنى، يەكشەنبە سائەت 14:00 دە باشلىنىدۇ.
ئورنى: ستوكھولمدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا. Lidovägen 8, 115 25 Stockholm
ھۆرمەت بىلەن: شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى

Share Button

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>