باش بەتكە قايتىڭ » جىددىي ئۇقتۇرۇش » يىراق مۇساپىلىق جىنازا نامىزى ئېلانى
يىراق مۇساپىلىق جىنازا نامىزى ئېلانى

يىراق مۇساپىلىق جىنازا نامىزى ئېلانى

خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلار،شەرقى تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ۋەكىللىك سىمۋولى بولۇپ دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا تۇنۇلغان ئاتاقلىق دىني ئالىم، مىسىر ۋە ماراكەشتە ئۆتكۈزۈلگەن خەلىقارالىق چوڭ مۇراسىملاردا سۆزلىگەن ئەرەپچە نۇتقى بىلەن بىرىنچى بولۇپ باھالانغان ۋە پادىشاھنىڭ ئالى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن،قۇرئان كېرىم ۋە سەھىھۇلبۇخارى نىڭ تەرجىمانى، ھۆرمەتلىك ئالىمىمىز مۇھەممەد سالىھ داموللاھاجىمدىن ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدە ئۇنى  ئائىلە تاباتى بىلەن قوشۇپ قولغا ئېلىپ  قاتتىق تەن جازاسى بىرىپ ئۇنىڭ بىگۇناھ جېنىغا زامىن بولدى.ئۇنى تۈرمىگە ساق ئېلىپ كېتىپ،نومۇس قىلماي شېھىت قىلىپ جەسىدىنى تۈرمىدىن چىقاردى.
ئۇشبۇ قايغۇلۇق مۇسىبەت خەۋىرى ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ دەرتلىرىگە دەرد قېتىپ،مۇسىبەتتىن خەۋەر تاپقان ھەر قانداق بىر ئاۋام خەلىقنىڭ خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئالۋاستىلارغا بولغان غەزەپ نەپرىتى تېخىمۇ ئاشتى.
بۇ،مۇناسىۋەت بىلەن شىۋېتسىيەدىكى ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرى قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، پايتەخت ستوكھولمدىكى كۆپىنچە مەسچىتلەردە مەرھۇمنىڭ روھىغا ئاتاپ 2018-يىلى 02-فېۋرال كۈنى جۈمە نامىزىدىن كىيىن يىراق مۇساپىلىق جىنازا نامىزى قىلماقچى.
سۇتۇقبۈغراخان مەسچىتمۇ بىرلا ۋاقىتتا يەنى( 02-فېۋرال كۈنى جۈمە نامىزىدىن كىيىن) مەرھۇمنىڭ جىنازا نامىزىنى چۈشۈرىدۇ.بارلىق شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ ۋاقىپ بولۇپ قېلىشىنى سورايمىز!
 ھۆرمەت بىلەن:
تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>