باش بەتكە قايتىڭ » جەمئىيەت پائالىيەتلىرى » شىۋېتسىيىدە مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇلدى
شىۋېتسىيىدە مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇلدى

شىۋېتسىيىدە مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇلدى

شىۋېتسىيىدە مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇلدى

 خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى ئۇنسۇرلار، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنني ئېتىقادىنى سۈسلاشتۈرۈپ،ئۇلارنى دىينىدىن ياندۇرۇش،مىللى كىملىكىنى ئۆزگەرتىپ مىڭىسىنى يۇيۇش ئۈچۈن ئاچقان  ئاتالمىش «تەربىيىلەش مەركىزى» نامىدىكى قانۇنسىز تۈرمىلەردىن بىرى ھىساپلانغان يېغىۋېلىش مەركىزىگە ئۇيغۇرلارنىڭ پەخرى مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنىمۇ ئېلىپ كېتىلىپ ئارىدىن 45 كۈن ئۆتكەندە،ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر تۈرمىدە ھاياتىدىن ئايرىلىپ شېھىت بولغانلىقىنى ئاشكارلىغان ئىدى.
سەكسەن نەچچە ياشتىن ھالقىغان مۇھەممەد سالىھ داموللام ھاجىمنىڭ تۈرمىدە ۋە قىيىن قىستاق ئاستىدا ۋاپات بولغانلىقىدەك بۇ، ئېچىنىشلىق خەۋەر ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى چوڭقۇر قايغۇغا سالدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ۋە تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى جىددى ھەركەتكە ئۆتۈپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، شىۋېتسىيىنىڭ پايتەختى ستوكھولم ئەتراپىدىكى بارلىق مەسچىتلەرنىڭ ئىدارە ھەيئەتلىرىگە مەرھۇمنىڭ مۈسىبەتلىك خەۋىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلىش نەتىجىسىدە مۇسۇلمانلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىن بېرى بولغان رىنكېبۈي، تېنستا، گەۋلې ۋە رىسسنېيدىكى سوتۇق بۇغراخان ئۇيغۇر مەسچىتى قاتارلىق 4 مەسچىتتە، 02- فېۋرال جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىدىن كېيىن مەرھۇم دىنىي ئالىم مۇھەممەد سالىھ ھاجىمنىڭ غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇلدى.
مەرھۇمنىڭ جىنازا نامىزىنى ئوقۇشتىن بۇرۇن جۈمە نامىزىنىڭ خۇتبىسىنى ئوقۇغا رىنكېبۈي مەسجىتىنىڭ ئىمامى فيسەل غوجا، مۇھەممەد سالىھ ھاجىمنىڭ قۇرئان كەرىم ۋە ئۇنىڭدىن باشقا بىرقانچە ھەدىس كىتابلارنى ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىپ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا تارقىتىش ئارقىلىق ئىسلامغا قوشقان تۆھپىسىنى ئاڭلاتتى.
ئۇ يەنە خۇتبىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئىشغالچى كوممۇنىست خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان 30 مىليۇندىن كۆپ مۇسۇلمان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا سېلىۋاتقان زۇلۇم ۋە ئىسكەنچىلىرى، دۇنيانىڭ ھېچبىر يېرىدە يوق. پەلەستىن، سۈرىيە، يەمەن، سومالىي ۋە سودان قاتارلىق دۆلەتلەردە زۇلۇم بار دەيمىز، ئەمما شەرقىي تۈركىستاندا بۇلۇۋاتقان زۇلۇم ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە كۆپ، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ شۇنداق زۇلۇملارنى تارتىشىدىكى جىنايىتى پەقەت ۋە وەقەت مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈندۇر. ئاللاھقا ۋە وەيغەمبەرگە ئىشەنگەنلىكى، نامازدىن ئىبارەت دىنىي ئىبادەتلەرنى قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن دىن مىللەت تونۇمايدىغان خىتاي ئۇلارغا زۇلۇمنى ئاشۇرماقتا، دۇنيادا بىرەر ھايۋانغا بىرەر ئەرزىيەت كەلسە چىدىمايدىغان ھايۋانلارنىڭ ھەقلىرىنى قوغدايدىغانلار، ئىنسانلارنىڭ ھەقلىرىنى قوغدايدىغانلار شەرقىي تۈركىستاندا ئۆلۈۋاتقان ئىنسانلارنىڭ ھەقلىرىنى كۆرمەيۋاتىدۇ، 82 ياشتىكى مۇھەممەد سالىھ ھاجىمنىڭ جىنايىتى نېمە؟ ئۇنىڭ قۇرئان كەرىم تەرجىمە قىلىشىمۇ؟ ياشانغان بىر ئادەمنى تۇتۇپ قىيناپ ئۆلتۈرۈش بۇ نۇمۇس قىلارلىق بىر ئىش، دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن ئىمام، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزىۋاتقان زۇلۇمىغا قارشى 04- فېۋرال يەكشەنبە كۈنى سائەت 14:00 خىتاينىڭ ستوكھولمدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدا، نارازىلىق نامايىش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى، بۇ نامايىشقا بىر مۇسۇلمان بۆلۇش سۈپىتىمىز بىلەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەق ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن قاتنىشىشىمىز كېرەك دېدى.

2DC1E8EE-7E35-4272-850C-C38B6F51FD4F

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>