باش بەتكە قايتىڭ » جىددىي ئۇقتۇرۇش » ياۋرۇپا پارلامېنتى ئالدىدىكى 5000 كىشىلىك نامايىش ئۈچۈن ئالغا!
ياۋرۇپا پارلامېنتى ئالدىدىكى 5000 كىشىلىك نامايىش ئۈچۈن ئالغا!

ياۋرۇپا پارلامېنتى ئالدىدىكى 5000 كىشىلىك نامايىش ئۈچۈن ئالغا!

خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى ئالۋاستىلىرىنىڭ قەبىھ ماھىيتىنى خەلىق ئالەمگە تۇنۇتۇش،شەرقى تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى مەسىلىسىگە خەلقارانىڭ دىققىتىنى چىكىش مەقسىتىدە 4 – ئاينىڭ 27 – كۈنى بېلگىيە پايتەختى بىرۇسسېلدىكى ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان 5000 كىشىلىك نامايىشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى شىۋېتسىيەدە جىددىي داۋام قىلماقتا.

ئۇيۇشمىمىز«شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى»نىڭ قوللىشى،دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ۋەكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى (UNPO) ۋە ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدىكى ھەر دىرىجىلىك تەشكىلاتلاردىن <<نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى>>، <<فىنلاندىيە شەرقىي تۈركىستان جەمىيىتى>>، <<بېلگىيە ئۇيغۇر جەمىيىتى>>، گوللاندىيەدىكى <<ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمىيىتى>>، <<شىۋېتسارىيە شەرقىي تۈركىستان جەمىيىتى>>، <<ئەنگىلىيە ئۇيغۇر جەمىيىتى>>، <<فرانسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى>>، <<گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللار كومىتېتى>> ۋە گېرمانىيەدىكى <<ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى>> قاتارلىق 10 ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۆز ئارا ھەمكارلىشىپ تەشكىللىشى ئاستىدا <<نامايىش تەييارلىق كومىتېتى>>  قۇرۇلدى. مەزكۇر كومىتېتقا ئەزا تەشكىلاتلار ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردە نامايىشقا سەپەرۋەرلىك قىلىش خىزمەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرماقتا.
بۇ قېتىمقى نامايىشقا ياۋرۇپادىكى ئۇيغۇرلاردىن سىرت، شىمالىي ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق 20 گە يېقىن دۆلەتتىن ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ قاتنىشىدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.
شىۋېتسىيەدىكى بارلىق ۋەتەنداشلارنىڭ ئۈشبۇ نامايىشقا جىددىي قاراپ، ئۇيۇشمىمىز بىلەن ئالاقىلىشىپ، 4 – ئاينىڭ 27 – كۈنىدىكى 5 مىڭ كىشىلىك نامايىشقا ھازىردىن باشلاپ بىرلىكتە تەييارلىق قىلىشىنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى مەسئۇلى
ئابدۇللاھ كۆكيار

Share Button

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>