ئىنسان قېلىپىدىن چىقىپ كەتكەن خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ شەرقى تۈركىستاندا يىللاردىن بىرى ئىزچىل يۈرگۈزۈپ كىلىۋاتقان ھەر تۈرلۈك زۇلۇملىرى،شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ جېنىدىنمۇ ئېزىز بولمىش مۇقەددەس دىينى ۋە گۈزەل ئۆرپ-ئادەت خاسلىقلىرىنى ئۆچ كۆرۈپ،ئۇنى يوقىتىش ئۈچۈن نامەردلەرچە قوللىنىۋاتقان قەبىھ سىياسەت ۋە بىمەنە بەلگىلىمىلىرى،ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ ئىچىنى سىقىپ،ئوغىسىنى قاينىتىپ،سەبرى قاچىسىنى تولدۇرۇپ،دۇنيا مىقياسىدا خىتاي ئىشغالچىلىرىغا قارشى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان غەزەپ ئوتلىرىنى ئۇلغايتتى.
كۈندىن كۈنگە غالجىرلىشىپ كىتىپ بېرىۋاتقان جاللات خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلىرى ياراتقان بۇ،بىنۇرمال ۋەھىمىلىك ۋەزىيەتكە قارىتا ئۇزاقتىن بىرى ئىلاجىسىزلىقتىن سۈكۈت قىلىپ،چىشىنى چىشىغا چىشلەپ سەۋرى قىلىپ كىلىۋاتقان كۈرەشچان ئۇيغۇر خانىم قىزلىرى،بۇ نۆۋەت ئورنىدىن بىرلىكتە دەس تۇرۇپ،60 نەچچە يىلدىن بىرى ئايىغى چىقمىغان ئاچچىق سۈكۈتكە تەلتۆكۈس خاتىمە بىرىش توغرىسىدا قەسەمياد قىلىپ،«بىر ئاۋاز بىر قەدەم» شوئارىنى ئېگىز كۈتۈرۈپ،بىرلا ۋاقىتتا ئون نەچچىدىن ئارتۇق دۆلەت ۋە شەھەرلەردە نارازىلىق نامايىشى قىلىش ئارقىلىق،خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ ئەسلىدىكى قەبىھ ماھىيتىنى خەلىق ئالەمگە جانلىق سازايى قىلىش،ۋەتىنىمىزدە ناھەق زۇلۇم چېكىۋاتقان ناتىۋان قەۋم قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاھۇ زارلىرىنى,مۇستەقىللىققا تەشنا بولغان كەسكىن ئىرادىسىنى خەلقئارادىكى ئىنسانپەرۋەر خەلىق ۋە ئادالەت ياقىلىغۇچى دۆلەتلەرگە تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئاڭلىتىش سەپەرۋەرلىك خىزمىتىگە ئاتلاندى.
شىۋېتسىيەدىكى بارلىق شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ ئۈشبۇ نامايىشنى پائال قوللاپ قۇۋۋەتلىشىنى،ۋە بىر نەچچە سائەت ۋاقتىنى چىقىرىپ ،باتۇر خانىم قىزلىرىمىز تەشكىللىگەن بۇ، نامايىشقا ئاكتىپ قاتنىشىپ بىرىشنى سورايمىز!
نامايىش ۋاقتى:2018-يىلى03-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت12:00دىن 14:00گىچە
ئورنى:شىۋېتسىيە پارلامىنېت بىناسى ئالدىدىكى مىنتوريىت مېيدانىدا
ھۆرمەت بىلەن:
شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى مەسئۇلى
ئابدۇللا كۆكيار