باش بەتكە قايتىڭ » خەۋەر » ئۆز خەۋىرىمىز » شىۋېتسىيەدە«ھىمالايادىن ھالقىپ ئۆتكەن ئايال» ناملىق شىۋېدچە كىتاب نەشرىدىن چىقتى
شىۋېتسىيەدە«ھىمالايادىن ھالقىپ ئۆتكەن ئايال» ناملىق شىۋېدچە كىتاب نەشرىدىن چىقتى

شىۋېتسىيەدە«ھىمالايادىن ھالقىپ ئۆتكەن ئايال» ناملىق شىۋېدچە كىتاب نەشرىدىن چىقتى

imageمارگارېتا ھۆك ۋېنفورس خانىمنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەتىنىگە دائىر يېڭى كىتابى – «ھىمالايادىن ھالقىپ ئۆتكەن ئايال» شىۋېتسىيەدە نەشر قىلىندى.

14-فېۋرال كۈنى شىۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولمنىڭ لىدىنگۆ ئارىلىدا «ھىمالايادىن ھالقىپ ئۆتكەن ئايال» ناملىق كىتابنىڭ نەشرىدىن چىققانلىقى مۇناسىۋېتى بىلەن تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمغا كىتاب ئاپتورى مارگارېتا ھۆك ۋېنفورس خانىم ،شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ باش كاتىپى نىجات تۇرغۇن ۋە باشقا كۆپلىگەن ئىلىم ئادەملىرى قاتناشتى.

مۇراسىمغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ئۇيغۇر زىيالىيسى بەختىگۈل خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 192 بەتلىك مەزكۇر كىتابقا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 1931-يىلىدىن 1938-يىلىغىچە بولغان ۋەزىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان 100 پارچىدىن ئارتۇق تارىخىي سۈرەت ۋە جۇغراپىيىلىك خەرىتىلەر كىرگۈزۈلگەن.

مەزكۇر كىتاب ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 1930- ۋە 1940-يىللىرىدىكى ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى چۈشىنىش نۇقتىسىدىن زور قىممەتكە ئىگە ئىكەن. نىجات ئەپەندىمۇ بۇ كىتابتىكى تارىخىي سۈرەتلەر بىلەن ھۆججەتلىك بايانلارنىڭ ئەينى دەۋردىكى ئۇيغۇرلار يۇرتىنىڭ ئىجتىمائىي تارىخىنى چۈشىنىشتە مۇھىم ماتېرىياللىق قىممىتىگە ئىگە.

بۇ كىتاب 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان شىۋېت مىسسىيونېرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى تەرىپىدىن يېزىلغان ئۇيغۇر دىيارىغا دائىر يەنە بىر يېڭى كىتاب ھېسابلىنىدۇ.

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>