باش بەتكە قايتىڭ » تەلىم - تەربىيە » قۇرئان دەرىسلىرىگە يىتەكچىلىك قىلىۋاتقان ئاق كۆگۈل مىننەتسىز ئوقۇتقۇچى ياسىن تۈردى
قۇرئان دەرىسلىرىگە يىتەكچىلىك قىلىۋاتقان ئاق كۆگۈل مىننەتسىز ئوقۇتقۇچى ياسىن تۈردى

قۇرئان دەرىسلىرىگە يىتەكچىلىك قىلىۋاتقان ئاق كۆگۈل مىننەتسىز ئوقۇتقۇچى ياسىن تۈردى

ئابدۇللا كۆكيار

ئۆتكەن شەنبە كۈنى بالىلىرىمنى  مەلۇم بىر سۇ ئۈزۈش زالىغا ئېلىپ بېرىپ،ماشىنامنى توختۇتۇپ قويۇش ئۈچۈن بىلەت ئېلىشقا ئۆچىرەتتە تۇرىۋاتقان قىسقىغىنا بوش ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ئادىتىم بويچە تېلىفون كۆچىلاش جەريانىدا ئۇيۇشمىمىزنىڭ خۇسۇسى توپىغا يوللانغان بىر قىسقا سىن فىلىم ئىختىيارسىز ھالدا دىققىتىمنى تارتتى.فىلىمدە 25 نەپەردىن ئارتۇق قىز ئوغۇل ئۆسمۈر بالىلار تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىدە رەتلىك ئولتۇرۇپ قۇرئان ئۆگىنىۋاتاتتى. مەزكۇر قىسقا فىلىمدە بالىلارنىڭ قۇرئان ئۆگىنىشىگە يىتەكچىلىك قىلىۋاتقان ئاق كۆگۈل ئوقۇتقۇچى «ياسىن تۈردى »نىڭ پاك ئىخلاسىنى نامايان قىلىۋاتقان ئەمىلى ئوبراز،مىنى چوڭقۇر سۆيۈندۈرۈپ،قەلبىمنىڭ ئىچكىرى قاتلاملىرىدا بۇ،ئادەمگە بولغان مەقسەتسىز ئېھتىرام دولقۇنلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى.شۇ، ھامان سىن فىلىم ھەققىدە ھىس قىلغانلىرىمنى ئۈن دىدار توپىدىكى داۋا دوستلىرىم بىلەن ئورتاقلاشتىم.بىر ئازدىن كىيىن قەدىناس دوستۇم ياسىن تۇردىغا تەشەككۈر ئېيتىش يۈزىسىدىن تېلىفون ئاچتىم، ئەمما تېلىفۇنى تاقاق چىقتى.توپ توغرا بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كىيىن تۆنۈگۈن مەن قازانغان كىچىككىنە بىر غەلبىدىن خەۋەر تاپقان ياسىن تۇردى مۇئەللىم ئۆزى ئالاھىيتەن تېلىفون ئۇرۇپتۇ.گەپتىن گەپ چىقىپ،ئۇ،مەخسۇس تەربىيىلەۋاتقان 7 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ قۇرئان يادلاش ئىشلىرىدا ئالاھىدە ئىلگىرلەش بولۇۋاتقانلىقىنى،2017-يىلى بالىلارنىڭ قۇرئان دەرسىدە زور ئىلگىرلەش بولغانلىقىنى،بۇ يىللىق تەراۋىھ نامىزىدا پىراكتىكا قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان ئىككى نەپەر بالا قۇرئان كېرىمنىڭ تەڭ يېرىمىنى پىششىق يادلاپ بولغانلىقىنى دوكلات قىلىپ مىنى تېخمۇ مەمنۇن قىلىۋەتتى.
ھەرقانداق بىر جەمئىيەت تەرەققى قىلىپ قانچە ئىلغار، قانچە مەدەنىيلەشكەنسىرى،بىر پۈتۈن جەمىئيەت ئەزالىرىنىڭ بولۇپمۇ ئاتا ئانا بولغۇچىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىغا، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەجرىگە بېرىدىغان باھاسىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىشى تەبىئى بىر ئىش.ھەر بىر ئائىلىدەھەر ئايلىق دارامەتنىڭ سوممىسىنى ئاشۇرۇش بىلەن بالىلار تەربىيسىنى كۈچەيتىش ئۆز ئارا  كەسكىن ۋاقىت تالىشىۋاتقان ياۋروپا جەمئىيىتىدە بىركىم ئىشلەپ پۇل تېپىشتىن ۋاز كىچىپ بىرە يېرىم كۈن ئاممىنىڭ پەرزەنتلىرىگە خالىسانە بىر نېمە ئۈگەتسە ئۇنداق بىر پىدائىيغا بىرىدىغان باھا تېخىمۇ ئالاھىدە.بىزدە ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىنى خۇددى ئۆز ئاتا-ئانىسى ئورنىدا ھەتتا ئۇنىڭدىن يۇقىرى كۆرۈپ ھۆرمەتلەيدىغان ياخشى ئەنئەنە بار.ئاتا ئانىلار مۇ پەرزەنتلىرىگە ئىلىم ئۆگىتىۋاتقان ئوقۇتقۇچىنىڭ ئالغان ئىلمى ئۇنۋان دېپلوملىرىنىڭ يۇقۇرىي تۆۋەن بولىشىدىن قەتئى نەزەر،ئۇنىڭ بالىلارغا يۇقتۇرغان ئىلمىغا ئەخلاقىغا بېقىپ،قەلىبلىرىدىكى ھۆرمەت تەختىنىڭ ئەڭ تۆرىدىن ئورۇن بىرىپ ئادەتلەنگەن. ئادەم قايسى سەۋيەدىكى ۋە قايسى ئۇرۇندىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشتىن قەتئى نەزەر باشقىلار بىلمىگەن ھەرقانداق بىر بىلىمنى ئۇلارغا پىدائىيلارچە ئۈگىتىش بىلەن شوغۇللانسا«مۇئەللىم» دېگەن ئەڭ قەدىرلىك، ئەڭ ھۆرمەتلىك نامنى ئېلىشقا ھەقلىق. شۇڭىمۇ بۇ نام توغرىسىدا مەدھىيە يازغان، ھېكمەت پۈتكەن مۇتەپەككۇرلار بەك كۆپ. ئوقۇتقۇچى ـــ بىر مىللەتنىڭ نادانلىقتىن ئىبارەت مەنىۋى كېسەللىكىنى شىپا تاپقۇزۇش يولىدا تىنىمسىز ئىزدەنگۈچى،ساۋاتسىزلىقنى تۈگۈتۈپ،ئەقىل دۇردانىلىرىنى قازغۇچى پىداكارلاردۇر.شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئەجىر-مېھنىتى تۈرلۈك ئۇسۇل ۋە شەكىللەر ئارقىلىق تىللاردا داستان بولىدۇ.ئۇيۇشمىمىز قۇرۇلغان 12 يىلدىن بۇيان،ئۇيۇشمىمىز قارمىقىدىكى «مەھمۇت قەشقىرى ئانا تىل مەكتىپى»دە ھەقسىز ئۇقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان پىدائىيلارنى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈپ،ئۇلارنىڭ ئەمگىكىگە يۇقىرى باھا بەردى.ئوقۇتقۇچىلارنى بېشىغا ئېلىپ كۆتەردى. ھەر يىلى كېلىدىغان ئىككى ھېيت بايرام كۈنلىرى،پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىنسانىيەت روھىنىڭ ئىنژېنېرلىرى بولغان بۇ مېھنەتكەش ئۇستازلار ياراتقان خىزمەتلەرگە ئاددى بولسىمۇ رەھمەت ئېيتىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى.

مۇشۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ياسىن تۇردىغا ئوخشاش پەردە ئارقىسىدا ھارماي-تالماي تەر ئاققۇزۇپ ,جاھالەتكە قارشى تىنىمسىز كۈرەش قىلغان بارلىق مۇئەللىم ۋە خانىم ئۇستازلىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە شىۋېتسىيەدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن پەرزەنتلىرىمىز يۇقىرىقىدەك ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. بىز بۇ جاپاكەشلەرنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئىشلىرىغا ئۇتۇق، تۇرمۇشىغا خاتىرجەملىك تىلەيمىز.

Share Button

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>