باش بەتكە قايتىڭ » قانۇندىن مەسلىھەت » شىۋېتسىيەدە پىراۋا ئېلىش تېخىمۇ تەسلەشتى
شىۋېتسىيەدە پىراۋا ئېلىش تېخىمۇ تەسلەشتى

شىۋېتسىيەدە پىراۋا ئېلىش تېخىمۇ تەسلەشتى

جەمئىيەتنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتوموبىل، ئات ،ئېشەك ،تۈگە قېچىر قاتارلىق ئىپتىدائى قاتناش قۇراللىرىنىڭ ئورنىنى تولۇق ئىگىلەپ،ھەر قانداق بىر ئادەمنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان زامانىۋى قاتناش قورالىغا ئايلىنىپ قالغىلى خېلى ئۇزاق بولدى.شۇنىڭغا ئەگىشىپ پىراۋا ئېلىپ شوپۇرلۇق سالاھىتىگە ئىگە بولۇشمۇ ئىشلەيدىغان كىشىلەر قىزىقىدىغان قىزىق نۇقتىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.ئات مىنىش،سۇ ئۈزۈش،ئوقيا ئېتىش،قاتارلىقلارنى ئەۋلادلارغا ئۈگىتىش،دىننى جەھەتتىن سۈننەت ھىساپلىنىدۇ.قۇرامىغا يەتكەن بالىلارنى،ئاتنىڭ ئورنىنى ئاللا بۇرۇپ ئىگىلەپ بولغان ئاپتوموبىلنى باشقۇرۇپ ھەيدەش بويچە پىششىق تەربىيلەپ،ماھىر شۇپۇر قىلىپ چىقىشمۇ دىننى جەھەتتىن سۈننەت ھېسابلانسا كېرەك.شىۋېتسىيەدە پراۋىسى بار كىشىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىمكانىيتى ھەقىيقەتەن يۇقۇرىي.
ئادەتتە تۈمەن مىڭ كىشىلەر «دۇنيادا پىراۋىسىزمۇ،ياشاپ جاھاندارچىلىق قىلىپ كەتكىلى بولىدۇ» دەپ قاراپ پىراۋا ئىشلىرىغا ئانچە قىزىقىپ كەتمەيدۇ.دىمىسىمۇ تېنى ساغلام  ،پۇلى بار،كىشىلەر سېتىۋالغان ماشىنىلىرىنى ھەيدەپ بېرىدىغانغا كەسپى شوپۇر تېپىپ ئىشلىتىپ ياشاپ كىتىپ بېرىۋاتىدۇ.يەنە نۇرغۇن كىشىلەر«ھاۋا،دېڭىز،قۇرۇقلۇقتا ماڭىدىغان خۇسۇسى قاتناش قۇراللىرىنى ھەيدەش سالاھىيتىگە ئىگە بولۇشنى» دەۋىرنىڭ تەقەززاسىغا تولۇق ماسلاشقانلىق دەپ قاراپ ئولتۇرسا قوپسا پىراۋا غېمىدە يۈرۈيدۇ. ئەمما لېيكىن كىشىلەر پىراۋىنى لاياقەتسىز تۇرۇپ ئالغان تەقدىردە، ئۇنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان قورقۇنۇشلۇق ئاقىۋىتى ئالدى بىلەن شۇ،لاياقەتسىز كىشىنىڭ سالامەتلىكىگە ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ھايات ماماتىغا بېرىپ تاقالغانلىقىنى كۆرەۋاتىمىز.ئادەتتە شىۋېتسىيەدە 70-يىللاردىن كىيىن پىراۋا ئالغان كىشىلەر ماشىنىنى  قاتناش قانۇنلىرىغا دىققەت قىلغان ھالدا ياخشى ۋە سالقىن ھەيدەيدۇ,ھېچ كىم ماشىنىغا ئولتۇرۋېلىپ پىيادە ماڭغان يۇلىچىلارغا جىددىچىلىك يارتىدىغان ،ئۆز ئارا يول تالىشىپ جىدەل چىقىرىدىغان ئىشنى ئەسلا قىلىشمايدۇ.ئالاھىدە بىخەتەرلىك ئىھتىياج تۇغۇلمىغان ئەھۋال ئاستىدا قالايمىقان لابا چېلىش بەك ئەدەبسىزلىك ھىساپلىنىدۇ.توققۇز يېرىم مىليون نۇپۇسقا ئىگە شىۋېتسىيەدە ئوتتۇر ھېساب بىلەن ھەر ئۈچ نەپەر نوپۇس بېشىغا بىر تال ماشىنا توغرا كىلىدىغا دەرىجىدە قاتناش بەك كۆپ،يوللار بەك تېيىلغاق بولغىنى بىلەن،قاتناش ساھەسى بەك تىنىچ ۋە بىخەتەر.پۇتۈن شىۋېتسىيە مىقياسىدا پەقەت ئاپتۇمبىل ۋەقەسىدە يىلىغا ھاياتىدىن ئايرىلىدىغان ئادەمنىڭ سانى 450 نەپەرگە يېقىنلىشىدۇ.دۆلىتىمىز قاتناش مىنىستىرلىكىنىڭ ئەڭ ئالى نىشانى قاتناش ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلىدىغان كىشىلەرنىڭ سانىنى يىلدىن يىلغا ئازايتىپ،ئەڭ ئاخىرقى نىشاندا ئۇمۇمى قازا نىسبتىنى «نۆل»باسقۇچقا چۈشۈرۈشتۇر.
شىۋېتسىيە قاتناش ئىشلىرى مىنىستىرلىكى، قاتناش ساھەسىدە تولۇق بىخەتەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇپ «نۆل» باسقۇچقا يىتىش ئۈچۈن،يوللارنى تېخىمۇ ياخشىلاش،يوللاردىكى قاتناش بەلگىلىرىنى ئېنىق ۋە روشەن قىلىپ بېكىتىپ چىقىش،سۈرئەت بەلگىلىمىلىرىنى شەرت شارائىتقا بېقىپ ئاستىلىتىش،قاتناش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش ۋەقەلىرىگە بولغان نازارەتنى كۈچەيتىش،قاتارلىق بىر يۈرۈش يىڭى بەلگىلىمىلەرنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ كىلىۋاتقان بولۇپ،بۈگۈن يىڭى بىر خىل تۈزۈمنى يولغا قويدى.
يولغا قۇيۇلغان يىڭى تۈزۈمنىڭ ئاساسى مەقسىتى،پىراۋا ئېلىش ئۈچۈن ئۇقۇۋاتقان كاندىداتلارنىڭ ئۇمۇمى قاتناش قائىدىلىرى بويچە ياخشى تەربىيىلىنىشى ۋە ئاپتوموبىل بىلەن پىششىق تونۇشۇپ چىقىشى،قاتارلىق نەزەرىيىۋى بىلىملەرنىڭ سىناق ئىمتىھانىغا بولغان نازارەتنى تېخمۇ قاتتىق كۈچەيتىشتىن ئىبارەت بولۇپ،يىڭى ئۆزگەرتىلگەن ئىمتىھاندا كېلىدىغان سوئاللار16 تۈركۈمدىن تەركىب تاپىدىكەن.بىرىنچى قېتىمدا كەلگەن سوئال ئىككىنچى قېتىمقى ئىمتىھانغا ئەسلا چۈشمەيدىكەن.
يىڭى ئىمتىھانغا كىرىپ ئۆتكەنلەرنىڭ نىسپىتى ئاران بەش پىرسەنت بولۇپ،بۇ، ئەھۋال شوپۇرلۇق پىراۋا ئېلىش ئۈچۈن ئۇقۇۋاتقانلارنى ئويغا سالماقتا.
https://www.msn.com/sv-se/nyheter/inrikes/nu-ska-det-bli-svårare-att-ta-körkort-–-så-ändras-teoriprovet/ar-BBK7HCG?li=BBqxCu3&ocid=mailsignout

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>