باش بەتكە قايتىڭ » جەمئىيەت پائالىيەتلىرى » ئەردوغاننىڭ باش مەسلىھەتچىسى شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلدى
ئەردوغاننىڭ باش مەسلىھەتچىسى شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلدى

ئەردوغاننىڭ باش مەسلىھەتچىسى شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلدى

ئەردوغاننىڭ باش مەسلىھەتچىسى شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلدى

ياۋروپا تۈرۈك دېمۇكراتلار بىرلىكى ئورگىنى (قىسقارتىلىپ UETD دېيىلىدۇ ) نىڭ شىۋېتسىيە شۆبىسى رەئىسى  ئۆزەر ئېكىن ئەپەندىم نىڭ تەكلىپكە بىنائەن، ‹‹ياۋروپادىكى تۈرۈك جەمئىيەتلىرى›› نى يوقلاش ۋە تېرورىزىم -زوراۋانلىق ھەركىتىنىڭ دۇنيا تېنىچلىقى ۋە جەمىيەت ئامانلىقىغا يەتكۈزىدىغان زىيانلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن كونفىرانس پائالىيىتىگە قاتناشقىلى شىۋېتسىيەگە كەلگەن تۈركىيە رەئىسى رەجەپ تەييىب ئەردۇغاننىڭ قانۇن باش مەسلىھەتچىسى (گۈلشەن ئۇرخان) خانىم شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنى زىيارەت قىلدى.

ئۇيشمىمىزنىڭ ئاياللار بۆلىمى جىددى تەييارلىق قىلىپ،گۈلشەن خانىم ۋە ئۇنىڭ ھەمرالىرىنى قىزغىن كۈتىۋالدى.كەچلىك تاماقتا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرخىل مىللى غىزالىرىغا ئېغىز تەككۈزگەن گۈلشەن خانىم غىزالىنىش جەريانىدا سۆز قىلىپ،ئۇيۇشمىمىزنىڭ تۇرۇك تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان كۆپ قاتلاملىق ھەمكارلىقىلىرىغا يۇقۇرى باھا بىرىدىغانلىقىنى بۇ،نۆۋەتلىك زىيارىتىدىن ئىنتايىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۇردى.

مەزكۇر ئۇچرىشىش شىۋېتسىيە ۋاقتى كەچ سائەت 18:30 دىن 20:30 گىچە ئىككى سائەت داۋام قىلدى. ئۇچرىشىش ئىنتايىن قىزغىن كەيپىياتتا داۋام قىلدى. سۆھبەت جەريانىدا   ئۇيۇشمىمىزنىڭ چەتئەل ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى ئەخمەت تۇرسۇن،ئەپەندى گۈلشەن ئۇرخان خانىمغا راۋان تۈرۈك تىلىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى جىددى ۋەزىيەت ئەھۋالىنى تەپسىلى چۈشەندۈردى.

ئۇ سۆزىدە، خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان ھەر تۈرلۈك زۇلۇملىرىنى تەپسىلى ئاڭلىتىش بىلەن بىرگە،جاللات خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى كۈچلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تەربىيىلەش مەركىزى نامىدىكى يىغىۋېلىش ئورنىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى، چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەندىكى ئائىلىسى بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزگەنلىكى، ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ بىر قانچە يىلدىن بېرى ۋەتەندىكى ئائىلىسى بىلەن ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈلگەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكى ھەققىدىمۇ ئالاھىدە توختالدى.

گۈلشەن خانىم، دۇنيانى بەش چوڭ دۆلەتنىڭ ئىگىدارچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ سەۋەپتىن مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە زۇلۇم تۈگىمەيۋاتقانلىقىنى، بۇ زۇلۇملارنىڭ پات يېقىندا تۈگىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، جۇمھۇر رەئىسى ئەردوغاننىڭ دۇنيا بەشتىن چوڭ دېگەندىن كېيىن پ ك ك، پ ي د ۋە باشقا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ ئېشىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.

سۆھبەتتىن كېيىن گۈلشەن خانىمغا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن مالايسىيا ۋە تايلاند ئارقىلىق تۈركىيىگە كېلىپ يەرلەشكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقامەت ئىشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى ھەل قىلىشقا ياردەم قىلىشىنى، تاجاۋۇزچى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تەلىپى بىلەن ئىككى يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بېرى تۇتۇش ئورنىدا تۇرۇۋاتقان ئابدۇقادىر ياپچان مەسىلىسىنىڭ ھەل بۇلىشى قاتارلىق تەلەپلەر بىلەن 25 بەتلىك راپورت سۇندى. مەزكۇر تەلەپلەر بىلەن راپورتنى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تايىپ ئەردوغانغا يەتكۈزۈپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىندى. گۈلشەن خانىممۇ تەلەپلەر بىلەن راپورتنى مەمنۇنىيەت بىلەن جۇمھۇر رەئىسى ئەردوغانغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن گۈلشەن خانىمغا ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ لوگۇسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى چۈشۈرۈلگەن شارپا ھەدىيە قىلىندى.

  25mart3

25mart5

25mart4

25mart1

25mart2

25mart6

Share Button

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>