باش بەتكە قايتىڭ » جەمئىيەت پائالىيەتلىرى » شىۋېتسىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ( مۇسۇلمان ئائىلىلەر كۈنى ) ناملىق كونفېرانىس غەلىبىلىك ئاخىرىلاشتى
شىۋېتسىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ( مۇسۇلمان ئائىلىلەر كۈنى ) ناملىق كونفېرانىس غەلىبىلىك ئاخىرىلاشتى

شىۋېتسىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ( مۇسۇلمان ئائىلىلەر كۈنى ) ناملىق كونفېرانىس غەلىبىلىك ئاخىرىلاشتى

شىۋېتسىيىدە ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئەتىياز مەزگىلدە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ( مۇسۇلمان ئائىلىلەر كۈنى ) نامىدىكى 2018- يىللىق كونفېرانىس بۇ يىل 30- مارتتىن 01- ئاپرېلغىچە 3 كۈن داۋاملاشقان بولۇپ، مەزكۇر يىغىننى، ئشىمالىي ياۋروپا ئىسلام بىرلىكى (رابىت ئەل ئىسلام)، (ئىنبى رۇشىد) تەلىم تەربىيە مەركىزى ۋە شىۋېتسىيە ئىسلام يەردەم فوندى (ئىسلامىك رېلىيېف) قاتارلىق بىرقانچە چوڭ تەشكىلاتلار قوللاپ قۇۋۋەتلىدى.
بۇ،يىللىق يىغىنغا ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۆزگە كۆرۈنگەن دىنني ئالىملار تەكلىپ قىلىندى. تەكلىپلىك  لىكسىكانتلار،مۇسۇلمان ياشلىرىنىڭ كۈنىمىزدە دۈچ كېلىۋاتقان رىئال مەسىلىلىرى توغرىسىدىكى  سوئاللىرىغا ئەتراپلىق جاۋاب بەردى، يىغىن ئاخىر دا ئالىملار سەھنىگە چىقىپ مۇنازىرە ئۆتكۈزۈش قاتارلىق پائالىيەتتە بۇلدى.
ئۇيۇشمىمىز «شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى» بۇندىن بۇرۇنمۇ مەزكۇر كونفېرانىسنى ئىزچىل قوللاپ كەلگەن بولۇپ، ھەر يىلى دېگۈدەك يىغىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتكى ئەھۋالىنى يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا كۆزگە كۆرۈنگەن دىنىي ئالىم ئۇستازلارنى تەكلىپ قىلىپ يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش، يىغىننىڭ كۆرگەزمە زالىدىن ئورۇن ئېلىپ شەرقىي تۈركىستانغا ئائىت كىتاب ژورناللارنى قۇيۇپ تارقىتىش، شىۋېدچە ۋە ئېنگىلىزچە تىللاردا ھازىرلانغان تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىنى تارقىتىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى.
ئۇيۇشمىمىز «ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى»نىڭ رەئىسى ئابدۇللاھ كۆكيارمۇنداق دېدى:بۇ يىلىمۇ ئىلگىرىكىگە ئوخشاش يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن ( شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى )نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزنى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئىدۇق، ئەپسۇس!ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزىنىڭ ۋىزا ئىشلىرى ھەل بولماي بۇ يىللىق كونفېرانىسقا كېلەلمىدى. بۇ،سەۋەبلىك بۇ، يىللىق كونپىراستا شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ تەشۋىقاتى ئىلگىركى يىللارغا سېلىشتۇرغاندا بىر ئاز ئاجز بولۇپ قالدى.

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>