باش بەتكە قايتىڭ » جەمئىيەت پائالىيەتلىرى » شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى 7-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىن چاقىرىپ يېڭى رەھبەرلىك ھەيئەتلىرىنى سايلاپ چىقتى
شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى 7-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىن چاقىرىپ يېڭى رەھبەرلىك ھەيئەتلىرىنى سايلاپ چىقتى

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى 7-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىن چاقىرىپ يېڭى رەھبەرلىك ھەيئەتلىرىنى سايلاپ چىقتى

ئۇيۇشمىمىز2018يىلى07 – ئاپرېل شەنبە كۈنى شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى ستوكھولم شەھىرى رىسنى رايونىغا جايلاشقان «تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى»نىڭ ئىشخانىسىدا 7– نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىن چاقىرىپ ئۇيۇشما ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ سايلىمىنى ئۆتكۈزدى.saylam-saylam

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ئاكتىپ ئەزالىرى تولۇق يىغىلغان بۇ يىغىن ئالدى بىلەن قۇرئان تىلاۋىتى ۋە شەرقى تۈركىستاننىڭ ئىستىقلال مارشى بىلەن باشلاندى. قۇرئاندىن بىر نەچچە ئايەت تىلاۋەت قىلىنغاندىن كىيىن ئىستىقلال مارشى ئۇقۇلدى.ئارقىدىن، ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشقان رەئىسى ئابدۇللاھ كۆكيار ئەپەندى ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغان 12يىلدىن بۇيان ئىشلەنگەن خىزمەتلەر، قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ۋە يېتەرسىزلىكلەر ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتۈپ،ئۇ،4-نۆۋەت ۋەزىپە ئۆتىگەن ئىككى يىل جەريانىدا ئەمەلىيلەشكەن خىزمەتلەر توغرىسىدا تەپسىلىي دوكلات بەردى. ئۇ،مەسئۇل بولغان ئىككى يىل ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان كۆپ قاتلاملىق خىزمەتلەرنى خۇلاسىلەپ مۇنداق دېدى:ئۇلۇق ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى ۋە شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى شۇنداقلا شىۋېتسىيەدە تارقاق ياشاۋاتقان بارلىق پىداكار ئۇيغۇرلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ياردىمى بىلەن،ئومۇمغا خالىسانە مۇلازىمەت قىلىش،ۋەتەن مىللەتنىڭ  ئاھۇ زارلىق ئاۋازىنى خەلقئاراغا يەتكۈزۈش،خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئالۋاستىلارنىڭ قەبىھ  ماھىيتىنى خەلىق ئالەمگە بىلدۈرۈش،ياشلار تەربىيىسىنى كۈچەيتىش ۋە ئۇيغۇر ئانا تىلنى قوغداشنى ئاساسى نىشان قىلغان ھالدا2016-ۋە 2017-يىللىق خىزمەت پىلانلىرىمىزنىڭ كۆپ قىسمىنى غەلبىلىك ئۇرۇنداپ،شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ ئۇيۇشمىمىزدىن  كۈتكەن ئۈمىدلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئاقلاشقا مۇۋەپپەق بولدۇق.

ئابدۇللاھ كۆكيار ئەپەندىنىڭ دوكلاتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شىۋېتسىيە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار سايلام تەرتىپى ۋە ئۇسۇلى بويىچە، ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ  7-نۆۋەتلىك يېڭى رەئىسى ۋە ھەيئەت ئەزالىرى  دېمۇكراتىك شەكىلدە سايلاپ چىقىلدى.
كەسكىن رىقابەت ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا،نىجات تۇرغۇن ئەپەندى مۇتلەق كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ 7-نۆۋەتلىك رەئىسى بولۇپ سايلاندى.
 ئۇيۇشما دائىمى ھەيئەت ئەزالىرى ئىچىدىن چىكىنىپ چىقىپ كېتىش ۋە ئۇيۇشما بىلەن ئۈزۈل كېسىل ئالاقىسىنى ئۈزۈش توغرىسىدا ئىلتىماس سۇنغان «نەبىجان ئەلا»نىڭ ئىستېپا نامىسى بۇ،نۆۋەتلىك ئۇمۇمى يىغىندا رەسمى تەستىقلىنىپ،ئۇنىڭ شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىدىكى ھەيئەت ئەزالىق سالاھىيىتى ۋە باشقا بارلىق ۋەزىپىلىرى رەسمى ھالەتتە ئېلىپ تاشلاندى.
يىغىندا، يەنە ئۇيۇشما نىڭ نازارەت ۋە كاتىباتلىق ھەيئەتلىرى،تەشۋىقات ۋە ئۇچۇر بۆلۈملىرىمۇ سايلاندى.
بۇ قېتىمقى سايلامدا، ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ  8 نەپەر دائىمىي ھەيئەت ۋە4 نەپەر زاپاس كاندىدات ھەيئەت نامزاتلىرى بېكىتىلىش بىلەن بىرگە، نازارەت قاتلىمىدا2 نەپەر دائىمىي نازارەتچى ۋە2 نەپەر زاپاس نازاەت ھەيئىتىمۇ سايلاپ چىقىلدى.
ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىغا يىڭدىن رەئىس بولۇپ سايلانغان نىجات تۇرغۇن ئەپەندى، ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككى يىللىق خىزمەت تەسەۋۋۇر ۋە پىلان لايىھەلىرىنى چۈشەندۈرۈپ، ئالدى بىلەن ئىدارى خىزمەتلەرنى ياخشى تەڭشەپ تەرتىپكە سېلىۋالغاندىن كىيىن،ياشلارغا بىر ياقتىن تەربىيلىنىش يەنە بىر ياقتىن ئۈگەنگەن بىلىملىرىنى ۋەتەن مىللەتنىڭ پايدىسى ئۈچۈن ئىشلىتىشىگە تېخىمۇ كەڭ پۇرسەتلەرنى يارتىپ بىرىش ئارقىلىق ئۇيۇشمىنىڭ كۆپ قاتلاملىق خىزمەت پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ جانلىق ۋە كەسپىي سەۋىيىدە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ،نۆۋەتلىك سايلام، ئۇيۇشما ئەزالىرىنىڭ پارلاق كەلگۈسىگە بولغان يۈكسەك ئۈمىد – ئارزۇلىرى بىلەن قىزغىن ۋە دوستانە كەيپىيات ئىچىدە غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>