باش بەتكە قايتىڭ » جىددىي ئۇقتۇرۇش » ﺑﺮﯛكسىلدە ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ 5000 ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺗﯩﭗ – ﺋﯩﻨﺘﯩﺰﺍﻣىنى بىلىۋېلىڭ!
ﺑﺮﯛكسىلدە ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ 5000 ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺗﯩﭗ – ﺋﯩﻨﺘﯩﺰﺍﻣىنى بىلىۋېلىڭ!

ﺑﺮﯛكسىلدە ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ 5000 ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺗﯩﭗ – ﺋﯩﻨﺘﯩﺰﺍﻣىنى بىلىۋېلىڭ!

مۇشۇ، ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 27 – ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯩﻠﮕﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﺑﺮﯛﺳﺴﻪﻟﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟمەكچى بولغان 5000 ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺶ ، شەرقى تۈركىستانلىقلار ﮪﺎﺯﯨﺮﻏﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ  ﻏﻪﺭﯨﭗ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﺪﺍ ئۆتكۈزۈپ كەلگەن نامايىشلارغا سېلىشتۇرغاندا بىقەدەر ﻛﻪﯓ ﻛﯚﻟﻪﻣﻠﯩﻚ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩش بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.

بۇ نۆۋەتلىك بىرلەشمە ﻧﺎﻣﺎﻳىشنىڭ ھەيۋىسى،مەزلۇم شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ سۇلغۇن رۇھىغا زور ئۈمۈت بېغىشلاۋاتقان بولسا، ﺧﯩﺘﺎﻱ كوممۇنىست مۇستەملىكچى ئالۋاستىلىرىنىڭ ئۇخلىماي كۆرىۋاتقان شىرىن چۈشلىرىنى بۇزۇپ، ئۇلارنى ئۇڭايسىزلاندۇردى.شۇنىڭ ئۈچۈن،مۇستەبىت ختاي كوممۇنىست ئالۋاستىلىرى  ﮪﺎﺯﯨﺮﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ  ﺋﯩﭽﻜﻰ – ﺗﺎﺷﻘﻰ ﯞﺍﺳﺘﯩﻠﯩﺮﯨﻨىڭ ھەممىسىنى ئىشقا سېلىپ،بۇ نامايىشنى ئاقسىتىشقا،ياكى بولمىسا تېنىچلىقنى ئاساس قىلغان بۇ،نامايىشنىڭ مەزمۇنىنى قالايمىقان قىلىشقا ئۇرنىۋاتقانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

ئۈشبۇ، ﻧﺎﻣﺎيىشنى ئەزەلدىن تېنىچلىقنى سۆيىدىغان،مۇستەملىككە قارشى قوغدۇنۇش ھەق ھوقۇقلىرىنىمۇ بىلىدىغان ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺷﺎﻥ – ﺷﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ ﻻﻳﯩﻖ ﮪﺎﻟﺪﺍ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﻚ، ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺘﯩﺰﺍﻣﭽﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﻩ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻘﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ئېلىپ بېرىشﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ،بىر تەرەپتىن ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﭽﯩلىكىگە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تېنىچلىقپەرۋەر، ۋە سەۋىرچان ﺋﻮﺑﺮﺍﺯﻧﻰ نامايان قىلىش، ﻳﻪﻧﻪ بىر تەرەپتىن ﺧﯩﺘﺎﻱ كوممۇنىست مۇستەملىكچى ئالۋاستىلارنىڭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ مۇستەقىللىق ﮪﻪﺭﯨﻜەتلىرىنى يالغاندىن ﻗﺎﺭﯨلاشتەك پورپۇگاندالىرىنىڭ رەزىل ماھىيتىنى ئېچىپ تاشلاش ،ھەر دەرىجىلىك نامايىش تەشكىللىگۈچى تەشكىلاتلارنىڭ ئەڭ ئالى نىشانى.مەزكۇر نىشانغا يىتىش ئۈچۈن، 5000 ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻘﺎ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩق ﻗﯩﻠﯩﺶ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴىدىكى رەھبەرلەر،ﺑﯩﻠﮕﯩﻴﻪ ﺩﯙﯞﻟﯩﺘﯩﻨﯩﯔ يەرلىك ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ ﯞﻩ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ئورتاق ﻗﺎﻧﯘﻥ – ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩلغان ھالدا ئۆز ئارا كېڭىشىپ بىر قاتار ﺗﻪﺭﺗﯩﭗ – ﺋﯩﻨﺘﯩﺰﺍم ﯞﻩ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﻪﮔﯩﺸﻠﯩﻚ ﻧﯘﻗﺘﯩﻼﺭ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ تەپسىلى بەلگىلىمىلەر(پات يېقىندا ئېلان قىلنىدۇ)نى ﺑﯩكىتىپ ﭼﯩﻘتى.

شۇنىڭغا ئەگىشىپ،ئۇيۇشمىمىز مۇشۇ ئاينىڭ 8-كۈنى شىۋېتسىيەدىكى مەۋجۇت تەشكىلات رەھبەرلىرى ۋە نامايىش ئاكتىپلىرىنى چاقىرىپ يىغىن ئېچىپ،شىۋېتسىيەدىن نامايىشقا بارىدىغان ئاممىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە ھەرخىل ئىھتىياجلىرىنى رەسمى شەكىلدە قامداش ئۇچۈن تۈۋەندىكىدەك قارارلارنى ماقۇللىدى.

1-شىۋېتسىيەدىن بىخەتەرلىككە مەسئۇل بولۇپ بارىدىغانلارنىڭ سانى جەمى 5 نەپەر بولۇپ ئۇلار تۈۋەندىكىچە:

بەختىيار جاپپار

تۇرسۇنجان

سابىت ئابدۇمىجت

شاكىرجان

تاھىر ناسىر

2-شىۋېتسىيەدىن بارىدىغانلار ئاساسلىقى ئايرۇپىلان بىلەن ئوخشىمىغان ۋاقىتلاردا يولغا چىقسىمۇ27-جىسلا ئەتتىگە نامايىش مەيدانىدا بىرخىل شاپا ئېسىپ،نامايىشنىڭ بىخەتەرلىكىگە رەسمى مەسئۇل بولغان خادىملارنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرشىغا شەرتسىز بويسۇنۇش.10492013_543054392473018_4031792031452711370_n

ھۆرمەت بىلەن: شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى مەسئۇلى

نىجات تۇرغۇن

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>