باش بەتكە قايتىڭ » قانۇندىن مەسلىھەت » ختاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى ئالۋاستىلىرىنىڭ تەھدىتكە ئۈچۇردىڭىزمۇ؟
ختاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى ئالۋاستىلىرىنىڭ تەھدىتكە ئۈچۇردىڭىزمۇ؟

ختاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى ئالۋاستىلىرىنىڭ تەھدىتكە ئۈچۇردىڭىزمۇ؟

«خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى ئۇنسۇرلىرى» شەرقى تۈركىستاننى ختاينىڭ تېرىتورىيىسىگە  تەلتۆكۈس قېتىۋېلىشتىن ئىبارەت رەزىل جىنايى مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، ھەر خىل ۋاسىتىلەر بىلەن شەرقى تۈركىستان خەلقىنى دىنسىزلاشتۇرۇش ئەسەبىي ئىدىيەنى سىڭدۈرۈپ،ئاسسىمىلاتسىيە سىياسىتىنى تېخىمۇ تېزلەشتۈرۈپ قارا قولىنى چەتئەللەرگە قەدەر سوزدى، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن دىنسىزلاشتۇرۇش ئەسەبىي ئىدىيە ۋە ھەرخىل تەھدىت تۈسىنى ئالغان ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ،چەتئەللەردە تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان شەرقى تۈركىستانلىقلارنىمۇ زەھەرلەشكە، ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىق ئىرادىسىنى چىرىتىشكە ئۇرۇنۇپ،ھەر قايسى دۆلەتلەردە ھالال ئەمگەك قىلىپ جېنىنى بېقىپ،مۇستەملىككە قارشى تېنىچ ئۇسۇل بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ روھى  ساغلاملىقىغا،كىشىلىك ئەركىنلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئەڭ چوڭ تەھدىتكە ئايلاندى. «خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى ئۇنسۇرلىرى»نىڭ بىزدىن شەرقى تۈركىستان خەلقىنى، تەھدىت قىلىش،ئارىمىزغا جاسۇس سېلىش ئارقىلىق تالىشىش كۈرىشى ئەزەلدىن توختاپ قالغان ئەمەس.
شىۋېتسىيە،خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ قانۇنسىز جاسۇسلۇق قىلىش،ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن ئىچىدە قالغان ئۇرۇق تۇققانلىرىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ئارقىلىق ئۇلارغا تېلىفون  ئۇرۇپ ئاشكارا تەھدىت سېلىش قىلمىشلىرىغا قارشى كۈرەشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپى بولۇپ خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ چەتئەلگە سۇنغان قارا قولىنى قانۇن تورى ئارقىلىق كىشەنلىگەن تۈنجى دۆلەت.
 2009-يىلى6-ئاينىڭ 5-كۈنى شىۋېتسىيە بىخەتەرلىك تارماقلىرى شىۋېتسىيىدە سىياسىي پاناھلىق تىلەپ تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن، 1997‏ – يىلىدىن بۇيان شۋېتسىيە، نورۋېگىيە، گېرمانىيە ۋە ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار توغرىسىدا خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان بابۇر مەخسۇت ئەبلەخنى قولغا ئېلىپ چارە كۆرۈپ خەلقئارا مىقياسىدا خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئالۋاستىلارغا ئىشلىگەن بارلىق ئۇيغۇر شايكىلارنىڭ ھەيۋىسىنى يەر بىلەن يەكسان قىلدى.
ھېلى ھەم شىۋېتسىيە بىخەتەرلىك تارماقلىرى، شىۋېتسىيە چىگراسى ئىچىدە يۇشۇرۇن ھالدا ختاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلىرىغا جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان،تىبەتلىك،شەرقى تۈركىستانلىق،ۋە جۇڭگولۇق جاسۇسلارنىڭ پېيىدە.تېخى بىر نەچچە كۈن ئالدىدا شىۋېتسىيە بىخەتەرلىك تارماقلىرى،49 ياشلار چامىسىدىكى بىر تىبەتلىك جاسۇسنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى،مەزكۇر تىبەتلىك جاسۇسنىڭ 2015-يىلدىن2017 يىلغىچە بولغان ئارلىقتا خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئالۋاستىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ شىۋېتسىيەدە پاناھلىنىۋاتقان ناتىۋان تىبەت خەلقىنىڭ سىرلىرىنى بەيجىڭ ھۆكۈمىتىگە ساتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
گەرچە شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى ختاينىڭ قانۇنسىز جاسۇسلۇق ھەركەتلىرىنى ئالدىن بايقاپ كونترول قىلىۋاتقان بولسىمۇ،شەرقى تۈركىستاندىن سىرتقا چىقماي خەلقارا قانۇن نىزامنامەلەردىن خەۋەرسىز ھالدا ئوقۇماي ساقچى بولۇپ قالغان بەزى قارا قۇساق ئۇيغۇر چىرىكلەرھەددىدىن ئېشىپ،نامەرت خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى ئالۋاستىلىرىنى ئۆزىگە ئارقا تېرەك قىلىپ،شىۋېتسىيەدىكى بىر نەچچە ئائىلىگە بىۋاسىتا تېلىفۇن ئۇرۇپ،ئۇلارغا ئاشكارا تەھدىت سالغانلىقى بايقالدى.بىز شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇشبۇ قانۇنسىز ھەركەتلەر ھەققىدە دىلو تۇرغۇزۇپ شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىگە رەسمى ھالەتتە سۇندۇق.
مۇبادا سىزمۇ،مۇشۇنداق قانۇنسىز تېلىفۇن تەھدىدىگە ئۇچۇرغان بولسىڭىز،قەتئى ئەنسىرمەي ئۆزىڭىز تۇرىۋاتقان رايۇندىكى بىخەتەرلىك خادىملىرىغا مەسىلىنى بىۋاسىتا مەلۇم قىلىڭ!ياكى ئۇيۇشمىمىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ!  مەسىلىنىڭ ئېغىز يىنىكلىك دەرىجىسىگە قاراپ ئۇيۇشمىمىز ئالاھىدە دىلو تۇرغۇزۇپ قانۇن تارماقلىرى بىلەن سىزنى ئۇچراشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
ھۆرمەت بىلەن:
شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى مەسئۇلى
نىجات تۇرغۇن

Share Button

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>