باش بەتكە قايتىڭ » جەمئىيەت پائالىيەتلىرى » شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلارئىپتار داستىخىنىدا جەم بولدى
شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلارئىپتار داستىخىنىدا جەم بولدى

شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلارئىپتار داستىخىنىدا جەم بولدى

ئاللاھنىڭ مەرھىمىتى بىلەن ئون ئىككى ئاينىڭ سۇلتانى،مۇبارەك رامىزان ئېيى كىرگەن،ھەممە يەردە، مۇستەملىكتىن قۇتۇلۇپ، ئەركىنلىككە يۈرۈش قىلىشنىڭ كۈچلۈك چاقىرقى، «ھەممە ئىتتىپاقلىشىپ بىر نىيەت بىر مەقسەتتە مۇستەملىككە قارشى بەد دۇئا قىلىش» پائالىيىتىنىڭ جۇشقۇن ساداسى ياڭراۋاتقان مۇبارەك رامىزان ئېيىدا، شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار 5-ئاينىڭ 19-كۈنى كەچقۇرۇن قۇتلۇق بىر كۈنگە شاھىت بولدى.
بۇ كۈنى شىۋېتسىيەدە «شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى» بىلەن  «تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى»  بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ«ئىپتار داستىخىنىدا جەم بولۇپ دىدارلىشىش» پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ھەممەيلەننىڭ چېھرىدە شادلىق، قەلبىدە ھاياجان ئەكس ئېتەتتى.
ئىپتار پائالىيىتى ئەل جامائەتنىڭ ،خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلىرىغا قارشى قىلغان بەد دۇئاسى ۋە باشقا ھەرخىل ياخشى تىلەكلەر بىلەن باشلىنىپ،ئىپتارغا ئىشتىراك قىلغان ئۇيغۇرلار يەنە بىر قېتىم  ئاللاھقا تەشەككۈر ئېيتىش،ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسىگە ئىگە قىلىندى. يىراق يېقىندىن كىلىپ ئىپتارغا ئىشتىراك قىلغان جامائەت ئىپتار داستىخىنىدا غىزالانغاچ ئۆز ئارا سىردىشىپ، ھال-مۇڭ بولۇشۇپ، مېھىر-مۇھەببىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى.ئىپتار زىياپىتى ئاخىرلىشىپ بولغاندىن كىيىن تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئىمامى ئومەر ئەزىز جامائەتكە «<ختاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلىرى>نىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى بىگۇناھ مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىنى ئەركىنلىكىنى بوغۇپ زىيانكەشلىك قىلىشىغا سۇكۇت قىلىش جىنايەت»، «مۇقەددەس دىينىمىزنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە تولۇق ئەمەل قىلىپ،رامزاننى مۇكەممەل تۇتايلى! بىر نىيەت بىر مەقسەتتە ،چوڭقۇر ئىخلاس ۋە ئىشەنچ  بىلەن، مۇستەملىككە قارشى قۇنۇت دۇئاسى ئوقۇيلى» دېگەن تېمىلاردا ۋەز ئېيتىپ، ئەل جامائەتنى مۇقەددەس ئىسلام دىينىمىزنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە تولۇق ئەمەل قىلغان،مۇستەملىككە قارشى مەيدانىنى ئېنىق بەلگىلىگەن ئاڭلىق ۋە تەقۋادار مۇسۇلمانلاردىن بولۇشقا چاقىردى.

Share Button

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>