باش بەتكە قايتىڭ » ماقالىلار » شىۋېتسىيە دىن تارقاتقۇچىلىرى ئۇيغۇريېزىقىغاقانداق تەسىركۆرسەتتى؟
شىۋېتسىيە دىن تارقاتقۇچىلىرى ئۇيغۇريېزىقىغاقانداق تەسىركۆرسەتتى؟

شىۋېتسىيە دىن تارقاتقۇچىلىرى ئۇيغۇريېزىقىغاقانداق تەسىركۆرسەتتى؟

«لەيلىنى كۆرەي دېسەڭ مەجنۇننىڭ كۆزى بولغىن». بۇ داڭلىق پارس شائىرى سەئىدى شىرازىنىڭ كىلاسسىك ئەسىرى «گۈلىستان» دىن ئېلىنغان بىر مىسرا.

سەئىدىنىڭ بۇ سۆزى مىڭ يىلدىن بۇيان شىنجاڭدا كەڭ تارقالغان بولۇپ، لەيلى-مەجنۇننىڭ ئاجايىپ ھېكايىسى خەلق قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان. پارس مەدەنىيىتى شىنجاڭغا مۇھىم تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن بولۇپ، بىز بۇ يەردە سۆزلىمەكچى بولغان ئۇيغۇر خەت نۇسخىسىنىڭ پارس خەت نۇسخىسى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋىتى بار. بىز يېقىنقى يۈز يىللىق ئۇيغۇر يېزىق تارىخىنى ئەسكە ئېلىشتىن بۇرۇن بۇ ماقالىدە تىلغا ئېلىنىدىغان ئاتالغۇلارنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتەيلى:

ئەرەب يېزىقى: بۇ يېزىق ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقىدا ياشايدىغان ئەرەبلەرنىڭلا يېزىقى بولۇپ قالماستىن يەنە ئىرانلىقلار، پاكىستانلىقلار، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۆزلەشتۈرمە يېزىقى. ئۆتمۈشتە ياۋروپادىكى بوسنىيەلىكلەر، ئوسمان تۈركلىرى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى مالايسىيەلىكلەر، جۇڭگودىكى خۇيزۇلارمۇ ئەرەب يېزىقىنى ئۆزىنىڭ يازما يېزىقى قىلىپ ئىشلەتكەن. بۇ يۇقىرىدىكى تىللارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەرەب تىلى ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، بۇ خەنزۇ تىلىدىكى پىنيىن لاتىن يېزىقىدا يېزىلغانلىقى ئۈچۈنلا خەنزۇ تىلىنى لاتىن تىلى دېيىشكە بولمىغانلىقىغا ئوخشايدۇ. ئوخشاشلا ئۇيغۇر تىلى ئەرەب تىلى بىلەن ئوخشاش بىر يۈرۈش يېزىق سىستېمىسىنى ئىشلەتكەن بولسىمۇ، ئۇيغۇر تىلى ئەرەب تىلى ئەمەس.

ئۇيغۇر يېزىقى: كەڭ دائىرىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇيغۇرلار ئىشلەتكەن قەدىمكى تۈرك يېزىقى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى، ئەرەب يېزىقى، لاتىن يېزىقى، سىلاۋىيان يېزىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق يېزىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ماقالىدە ئاساسلىقى ئەرەب يېزىقىنى ئاساس قىلغان ئۇيغۇر يېزىقى تىلغا ئېلىنىدۇ.

يىراقتىكى سىكاندىناۋىيە ئارىلىغا جايلاشقان1893-يىلى شىۋېتسىيەدىكى بىر چېركاۋ بىر قارار چىقاردى، نەچچە ئون يىلدىن كېيىن بۇ قارار شىنجاڭنىڭ باسمىچىلىق ئىشلىرىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتتى.

شىۋېتسىيەلىك لارس ئېرىك خوگبېرگ 1894-يىلى چېركاۋنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمىي شەھەر قەشقەرگە كېلىپ بۇ يەردە دىن تارقىتىش نۇقتىسى تەسىس قىلدى. ئەمما ئۇنىڭ ۋە باشقا مىسسيونېرلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى دىن تارقىتىش ئىشلىرى ئاسانغا توختىمىدى، ئۇلار دەرھال دىن تارقىتىشنى داۋالاش ۋە مائارىپ بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەكلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دوختۇرخانا ۋە مەكتەپ سالدى.

ئەينى ۋاقىتتا قەشقەردىكى كىتابلارنىڭ كۆپىنچىسى قولدا كۆچۈرۈلگەن بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىن كىرگۈزۈلگەن تاش مەتبەئەدە بېسىلغان كىتابلارمۇ بار ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن شىۋېتسىيەلىكلەر زامانىۋى مەتبەئە تېخنىكىسىنى ياۋروپادىن بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىشنى قارار قىلدى. 1912-يىلى شىنجاڭدىكى تۇنجى باسمىخانا قەشقەردە قۇرۇلۇپ، بارلىق ئۈسكۈنىلەر شىۋېتسىيەدىن ئېلىپ كېلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە پۈتۈن يۈرۈشلۈك ئەرەبچە ھەرپ قېلىپى، لاتىنچە ھەرپ قېلىپى ۋە ئاز ساندىكى سىلاۋىيانچە ھەرپ قېلىپى بار ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى 30 يىلدا بۇ باسمىخانىدا ئاساسەن ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ماتېرىياللار بېسىلغان بولۇپ، خىرىستىيان دىنى مەزمۇنلىرىدىن باشقا يەنە 1935-يىلى بېسىلغان «ئېلىپبە» گە ئوخشاش پەننىي مەزمۇنلارمۇ بار ئىدى.

بۇ مەزگىلدىكى ئۇيغۇرچە ھەرپ قېلىپى بىۋاسىتە شىۋېتسىيەدىن ئېلىپ كېلىنگەن بولۇپ، بىز بۇ ھەرپ قېلىپلىرىنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى سۈرۈشتە قىلمىدۇق، ئەمما ھازىر ساقلىنىپ قالغان ماتېرىياللار ئارقىلىق پارسچە ئالاھىدىلىككە ئىگە خەت نۇسخىلىرىنى كۆردۇق. بۇ ھەرپ قېلىپلىرىدا ئەرەب ئېلىپبەسىدە يوق پارس ھەرپلىرى بار بولۇپلا قالماستىن يەنە پارسلارنىڭ ئاساسلىق خەت نۇسخىسى بىلەن ئوخشىشىپ قالاتتى، بۇ شىۋېتسىيەلىك مىسيونېرلارنىڭ ئىراندا دىن تارقىتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. ھازىرقى ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىغا سېلىشتۇرغاندا بۇ مەزگىلدىكى خەت نۇسخىسىدا تېخىمۇ كۆپ بىرلەشمە ھەرپ، تېخىمۇ كۆپ ھەرپ ئۆزگىرىشى بار ئىدى. ئەلۋەتتە قوغۇشۇن ھەرپ تېخنىكىسىنىڭ چەكلىك بولۇشى تۈپەيلىدىن ھەرپلەرنىڭ قوشۇلۇپ يېزىلىشىمۇ تازا ياخشى ئەمەس ئىدى.

1938-يىلى ۋەزىيەت داۋالغۇپ شىۋېتسىيە دىن تارقاتقۇچىلىرى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، باسمىچىلىق ئۈسكۈنىلىرى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن مۇسادىرە قىلىندى ياكى تەلتۆكۈس ۋەيران قىلىۋېتىلدى.

1930-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرى بارغانسېرى زورىيىپ، شىنجاڭ ھۆكۈمىتىمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن تېخنىكا كىرگۈزۈپ ئۈرۈمچىدە يېڭى باسما زاۋۇتى قۇردى. 1950-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلدى، بۇ مەزگىلدىكى خەت نۇسخىسىدىمۇ بەك چوڭ ئۆزگىرىش بولمىدى، ئەمما ئۈرۈمچىدىكى خەت نۇسخىلىرىنى ئىلگىرىكى قەشقەر باسمىخانىسىدا بېسىلغان باسما بۇيۇملارغا سېلىشتۇرغاندا سۈپىتى ئازراق تۆۋەنلىگەن ئىدى، خەت ئۇسلۇبىدىمۇ خېلى چوڭ ئۆزگىرىش بولغان ئىدى.

1960-يىلىغا كەلگەندە بىر يۈرۈش لاتىن ئېلىپبەسىنى ئاساس قىلغان يېڭى ئۇيغۇر يېزىقى قوللىنىلىشقا، شۇنىڭدىن باشلاپ ھەر قايسى باسما بۇيۇملارنىڭ ھەممىسىگە لاتىن ھەرپى ئىشلىتىلدى. بۇ ئېلىپبەدە ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان ƣ،ⱬ ھەرپلىرى بار ئىدى. بۇ يەردە يېڭى ئۇيغۇر يېزىقى خەت نۇسخىسى ئۈستىدە تەپسىلىي توختالمايمىز.

1982-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئەرەب ئېلىپبەسىنى ئاساس قىلغان ئۇيغۇر يېزىقىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈردى. بۇ ئالدىنقى قېتىم ئەرەب ئېلىپبەسىدىكى يېزىق ئىشلەتكەن ۋاقىتتىن 20 يىل ئۆتكەن بولۇپ، بۇ 20 يىلدا جەمئىيەتتە ئاسمان زېمىن ئۆزگىرىش بولدى، كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئاڭ شەكلىدىمۇ ئۆزگىرىش بولدى. 1982-يىلىدىن كېيىنكى باسما خەت نۇسخىسى ئىلگىرى خەت نۇسخىسى بىلەن كۆرۈنەرلىك ئوخشىمايتتى، بۇنىڭ كۈچلۈك تەسىرى ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە ئىدى.

1982-يىلى ئىشلىتىشنى باشلىغان ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى شۇنىڭ بىلەن ئوخشاش دەۋردىكى پارس تىللىق دۆلەتلەر (ئىران، ئافغانىستان قاتارلىقلار) نىڭ خەت نۇسخىسىنى ئاساس قىلىپ، ئۇيغۇر تىلىدىكى بىر نەچچە ئالاھىدە ھەرپلەرنى كىرگۈزدى. ھازىرقى پارس تىللىق دۆلەتلەرنىڭ گېزىت ژۇرناللىرىدا ئاساسلىقى مۇشۇ خەت نۇسخىسى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ خىل خەت نۇسخىلىرىنى ئەرەب دۆلەتلىرى (مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستان، لىۋان قاتارلىق) دىكى ئاساسلىق خەت نۇسخىلىرىغا سېلىشتۇرغاندا رومانتىزم پۇرىقى تېخىمۇ كۈچلۈك ئىپادىلەنگەن ئىدى، خەت شەكلى تېخىمۇ ئاددىي، راۋان ۋە نەپىس بولۇپ پارس سەنئىتى بىلەن يىلتىزداش ئىدى.

1950-يىلىدىكى خەت نۇسخىسىغا سېلىشتۇرغاندا 1982-يىلىدىكى خەت نۇسخىسىدا ئىلگىرى ئەدەبىي پۇراق ئازلىغان بولۇپ تېخىمۇ رەتلىك كۆرۈنەتتى. تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنىڭ ئىزنالىرى كۆرۈنەرلىك ئازلاپ، خەت نۇسخىلىرىدا ھەتتا بىر قىسىم غەيرى ئەنئەنىۋى ئالاھىدىلىكلەر كۆرۈلگەن ئىدى. ھەرپ سىزىقلىرىنى زىيادە ئاددىيلاشتۇرۇش، ئۈسكۈنىلەرنى خاتا ئىشلىتىش ۋە گۈزەللىك تۇيغۇسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۆزگىرىشى قاتارلىقلار ھازىرقى ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنىڭ دۇنيادىكى باشقا ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى خەت نۇسخىسى بىلەن كۆرۈنەرلىك ئوخشىماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

1982-يىلىدىن كېيىن بۇ تۈردىكى خەت نۇسخىلىرى ئاساسەن دېگۈدەك ئۆزگىرىپ باقمىدى. كومپيۇتېرنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، رەقەملەشكەن ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى ئەينى دەۋردىكى قوغۇشۇن خەتنىڭ شەكلىنى كۆچۈرۈپ كەلدى ھەمدە ماھىيەت جەھەتتىن تەرەققىي قىلمىدى. يېقىنقى ئون يىل ئىچىدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئەرەبچە خەت نۇسخىلىرىنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولدى، مەسىلەن مونو خەت نۇسخىسى شىركىتىنىڭ ئەرەب يېزىقى مۇتەخەسسىسى نادىنە چاھىنە Frutiger Arabic، Palatino Arabic قاتارلىق كىلاسسىك غەرب خەت نۇسخىسىدىكى ئەرەبچە خەت نۇسخىسىنى لايىھەلەپ چىقتى، ھەر قايسى چوڭ خەت نۇسخىسى شىركەتلىرىمۇ ئەرەبچە خەت نۇسخىسىغا زور ئەھمىيەت بەردى. 2009-يىلى يازدا مەن دوستۇم گۈلمىرەنىڭ ياردىمى بىلەن Frutiger Arabic نى جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى 50 نەپەر ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا كۆرسەتتىم، 49 ئوقۇغۇچى Frutiger Arabic نى غەلىتە ھەم ئازراق كۈلكىلىك ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئەگەر ھازىرقى ئايرودۇرۇم كۆرسەتكۈچ تاختىسىدىكى خەت نۇسخىسىنى ئوقۇشقا تېخىمۇ قولاي بولغان Frutiger Arabic غا ئۆزگەرتكەندە پىرىنسىپ بويىچە ناھايىتى ئېسىل بولاتتى، چۈنكى Frutiger ئەسلىدىنلا كىلاسسىك يول باشلاش سىستېمىسى خەت نۇسخىسى بولۇپ، ئەرەبچە خەت نۇسخىسىمۇ بۇ نۇقتىغا ۋارىسلىق قىلغان ئىدى، ھېچ بولمىغاندا ئوتتۇرا شەرقتىكى تەرەققىي قىلغان چوڭ شەھەرلەر بۇ خەت نۇسخىسىنى ئىشلەتكەن ئىدى. ئەمما مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدىغىنى شۇكى بۇ خىل ئۇسۇل ئۈرۈمچىدە ناھايىتى زور توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. ئومۇمىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇيغۇرلار باشقا جايلاردىكى زامانىۋى ئەرەب يېزىقىنى ئانچە قوللىمايدۇ.

بۇنىڭ ئوقۇش ئادىتى ۋە مۇھىت تەسىرىدىن باشقا يەنە چوڭقۇر سەۋەبى بار، ئۇ بولسىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئەنئەنىگە بولغان كۈچلۈك قوغداش تۇيغۇسى، نېمىلا دېگەن بىلەن ھەر قانداق بىر ئۆزگىرىش ئەسلىدىكى مەدەنىيەت ئامىلىنى بوشاشتۇرىۋېتىدۇ. خەت نۇسخىسى ئەلۋەتتە مىللەت تارىخى، مىللەت ئالاھىدىلىكىنىڭ كىچىككىنە ۋەكىلى. بىز ئادەتتە خەت نۇسخىسىنى ئىشلىتىش مۇھىتى، خەت نۇسخىسىنىڭ ئوقۇلۇشچانلىقى، ئاسان ئوقۇغىلى بولىدىغانلىقى ۋە OpenType ئىقتىدارى قاتارلىقلارنى ئويلىشىمىز. ئەمما بىز ئەڭ ئاساسلىق بىر مەسىلىگە سەل قارىدۇق، ئۇ بولسىمۇ خەت نۇسخىسى ئۆز ئۈستىگە ئالغان مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى. شىنجاڭدا بىز گېزىت-ژۇرنال، كىتاب، ئايروپىلان كۆرسىتىش تاختىسى، كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى، تېلېفون ئەپ دېتالى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك بىر خىل خەت نۇسخىسى ئىشلەتكەنلىكىنى كۆردۇق، كىشىلەر ھازىرقى خەت نۇسخىسى شەكلىگە كۆنۈپ كەتكەن بولۇپلا قالماستىن يەنە توغرا خاتاسىنى ئېنىق ئايرىيالمىغان ئەھۋال ئاستىدا بەك زامانىۋى نەرسىلەردىن ناھايىتى ئېھتىيات قىلاتتى. شىنجاڭ ھەقىقەتەن بەك سىرلىق ۋە مۇرەككەپ ئىدى. زامانىۋىلىشىش، يەر شارىلىشىش، يەرلىكلىشىش، كىشىلەر كۆپ قېتىم بۇ خىل ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا ئەنئەنىگە قايتتى، چۈنكى كىشىلەر ئەنئەنىنىڭ روھنى باغلاپ تۇرىدىغان ئەڭ ئىشەنچلىك نەرسە ئىكەنلىكىگە ئىشىنەتتى.

ھازىر بىز تۇرمۇشقا قايتىپ كەلسەك مۇنداق بىر ئەھۋالنى بايقايمىز، باشقا مىللەت كىشىلىرى تاماق يېگىلى چىققان ۋاقىتتا دائىم قايسىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاشخانىسى ئىكەنلىكىنى، قايسىسىنىڭ باشقا مۇسۇلمانچە ئاشخانىلار ئىكەنلىكىنى ئايرىيالمايدۇ، چۈنكى كۆپىنچە ئاشخانىلار ۋىۋېكىسىغا ئەرەب يېزىقى ئىشلەتكەن بولۇپ، بۇنى ھېچكىم چۈشەنمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ناھايىتى ئاسان. ئومۇمىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاشخانىسى 1982-يىلىدىن كېيىنكى باسما خەت نۇسخىسىنى ئىشلىتىدىغان بولۇپ، رەتلىك تۈز كۆرۈنىدۇ؛ خۇيزۇلارنىڭ ئاشخانا ۋىۋېسكىسىدىكى ئەرەب يېزىقىغا كۆپىنچە ھاللاردا خەنزۇچە خەتتاتلىق ئۇسلۇبىدىكى قوليازما خەت نۇسخىسىنى ئىشلىتىدۇ. ھازىرقى زامان ئەرەب يېزىقىنى ئۇيغۇرلار ۋە خۇيزۇلار ئىشلەتمەيدىغان بولۇپ، پەقەت گۇاڭجۇدىكى بىر قىسىم ئەرەب ئاشخانىلىرىدا كۆرگىلى بولىدۇ.

دۇنيادىكى خەت نۇسخىسى بار جاينىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە خەت نۇسخىسى بولۇشى ناتايىن، ئەمما كۆپلىگەن جايلاردا كىشىلەر لايىھەلىگەن خەت نۇسخىسى ياكى خەت نۇسخىسىنى ئىشلىتىش ئادىتىنىڭ ئارقىسىدا ئالاھىدە سەۋەب بار، بۇ خەت نۇسخىسى مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى.

مەنبەسى: ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>