باش بەتكە قايتىڭ » شەرقىي تۈركىستان خەۋەرلىرى » خىتاي كادىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى «ماكان» قىلىۋېلىشى كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى
خىتاي كادىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى «ماكان» قىلىۋېلىشى كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى

خىتاي كادىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى «ماكان» قىلىۋېلىشى كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى

ئۇيغۇر دىيارىدا 2017-يىلىدىن باشلاپ ئەۋج ئېلىشقا باشلىغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» ۋە «تۇغقانلىشىش» سىياسىي شوئارى ھەرقايسى جايلاردىكى خىتاي كادىرلىرىنى «تۆۋەنگە چۈشۈش» كە شۇنىڭدەك ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جايلاردىكى ئۇيغۇر ئائىلىلىرى بىلەن «تۇغقانلىشىش» قا رىغبەتلەندۈرگەن ئىدى. بۇ يىل كىرگەندىن باشلاپ بۇ خىلدىكى «تۇغقانلىشىش» پائالىيىتىنىڭ ئۆتكەن مەزگىللەرگە ئوخشاش ئايدا بىرەر-ئىككى قېتىم «يوقلاپ بېرىش» بىلەن كۇپايىلىنىش ئورنىغا، مۇنتىزىم ھالدا شۇ ئائىلىلەردە يېمەك-ئىچمەك، يېتىپ-قوپۇش پائالىيەتلىرىدە بىرگە بولۇش، شۇ ئارقىلىق «بىر ئائىلە بولۇش» نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. خىتاي ئاخباراتلىرى بولسا بۇ ھالنى «قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتىنىڭ بىر مۇھىم تەركىبى قىسمى سۈپىتىدە تەشۋىق قىلماقتا.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە ھەرقايسى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى خەۋەر ھەمدە سۈرەتلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2018-يىلىدىن باشلاپ خىتاي ئىشچى-خىزمەتچىلىرى قەرەللىك يوسۇندا ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە بېرىپ «يېتىپ-قوپۇشتا بىرگە بولۇش» نى ئومۇملاشتۇرغان. بۇنىڭدا خىتاي كادىرلىرى ئۆزلىرىگە تەقسىملەنگەن ئۇيغۇر ئائىلىلىرى بىلەن «بىر ئۆيدىكى بىر سۇپىدا بىللە ئۇخلاش» نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كىرىشكەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىل قەرەللىك «بىر ئائىلە بولۇش» تا ئۇيغۇر ئائىلىلىرى «زىيارەت» كە كەلگەن خىتاي كادىرلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ دۇنيا قارىشى، سىياسىي قارىشى ھەمدە دائىملىق تۇرمۇشى قاتارلىقلارنى مەلۇم قىلىپ تۇرۇشى لازىم ئىكەن.

ئامېرىكىدىكى ئاكتىپ ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن روشەن ئابباس ئۆزىنىڭ دەسلەپ بۇ ھەقتىكى ئەھۋالنى ئاڭلىغاندا بەدەنلىرىنىڭ شۈركىنىپ كەتكەنلىكىنى، شۇنداقلا نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

«كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى دوكلاتىدا خىتاي كادىرلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى «مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك زىيارەت» پائالىيەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئائىلىلىرى بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك شەخسىيەت ھوقۇقى، كۈندىلىك تۇرمۇش ھەمدە مەدەنىيەت ھەقلىرىگە قىلىنغان دەخلى-تەرۇز ئىكەنلىكى كۆرسىتىلىدۇ ھەمدە «خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش ‹قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى› نى ھەمدە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ھەق-ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى دەرھال توختىتىشى شەرت،» دەپ خىتاب قىلىنىدۇ.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ خادىملىرىدىن مايا ۋاڭ بۇ ھەقتە توختىلىپ، بۇنى «ھازىر شىنجاڭدىكى مۇسۇلمان ئائىلىلىرىنىڭ يېمەك-ئىچمەك ھەمدە يېتىپ-قوپۇش ئادەتلىرى، جۈملىدىن ئۇلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتى ئۆزىگە تەۋە ھاياتلىق ماكانىدا ئىزچىل ھۆكۈمەتنىڭ كۈچلۈك نازارىتىدە بولۇپ كەلمەكتە،» دەپ كۆرسىتىدۇ.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» تەشۋىقاتىنىڭ نۆۋەتتىكى «ھەممە مىللەت بىر ئائىلە بولۇش» قا يۈزلىنىشىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇم ۋە ئۇنىڭغا قايتۇرۇلغان ئىنكاسنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

مەزكۇر دوكلاتتا ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن يەنە بىر نۇقتا شۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش نامىدا «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» نامىدىكى پائالىيەتنى پائال قانات يايدۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ بولسا يېقىنقى مەزگىلدە «مىللەتلەر ئارا ئىناقلىق بەرپا قىلىش» دېگەن نامدا «بىر ئائىلە بولۇش» پائالىيىتىگە تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقى بولغان. مەلۇم بولۇشىچە، 2017-يىلى دېكابىر ئېيىدىلا خىتاي ھۆكۈمىتى بىر مىليوندىن ئارتۇق خىتاي كادىرنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ، يېزا-قىشلاقلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىدە «ئاز دېگەندە بىر ھەپتە بىللە تۇرۇش» نى تەلەپ قىلغان.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ خىلدىكى «بىر ئائىلە بولۇش»قا ئەۋەتىلگەن خىتاي كادىرلىرى ئۆزلىرى بىلەن تۇرمۇش ئادەتلىرى جەھەتتە ئاسمان-زېمىن پەرق قىلىدىغان ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە تۇرۇش جەريانىدا شۇ ئائىلىنىڭ نوپۇس ئەھۋالى، دىنىي ئېتىقادى قاتارلىق خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىنى توپلىغان شۇنداقلا بۇ جەرياندا ئۆزلىرى بايقىغان «غەيرىي ئەھۋاللار»، جۈملىدىن نۆۋەتتىكى «مۇقىملىق» ۋەزىيىتىگە زىيانلىق قىلمىشلارنى ئاكتىپلىق بىلەن «تۈزەتكەن». ئۇلار «شى جىنپىڭ ئىدىيەسى»، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان غەمخورلۇقى» دېگەنلەر ھەققىدە ئۇزۇندىن-ئۇزۇن چۈشەنچە بەرگەن شۇنىڭدەك «پان تۈركىزم» ۋە «پان ئىسلامىزم» ئىدىيەلىرىنىڭ خەتىرىدىن ساقلىنىشقا ئاگاھلاندۇرغان.

روشەن ئابباس بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا بۇ خىلدىكى «بىر ئائىلە بولۇش»قا ئەۋەتىلگەن خىتاي كادىرلىرىنىڭ شۇ ئائىلىنىڭ بىر تەركىۋى قىسمى بولۇش ئورنىغا ئۇلارنى كۆزىتىدىغان «كۆز-قۇلاق»قا ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بۇنداق ئەھۋالدا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدا «ئىناقلىق» بەرپا قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بىر ئائىلە بولۇش» شوئارىنى ۋاسىتە قىلىپ تۇرۇپ، خىتاي كادىرلىرىنى مەجبۇرىي يوسۇندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇشى ھەققىدە پىكىر قىلغان ئىلشات ھەسەن مۇشۇ تەرىقىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى دۇنيا قارىشىدا مۇقەددەس سانىلىدىغان ئائىلە مۇھىتىنىڭ بۇ شوئار ئۈچۈن قۇربان قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما خىتايلارنىڭ بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىدىكى قارانچۇقسىز قېلىۋاتقان گۆدەك پەرزەنتلىرىنى ئۆزلىرىگە مايىل بىر ئەۋلاد قىلىپ يېتىلدۈرۈپ چىقىش ئۇرۇنۇشىنى ئەمەلگە ئاشمايدىغان خىيال، دەپ كۆرسەتتى.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتىكى «بىر ئائىلە بولۇش» پائالىيىتىنىڭ بىر مۇھىم مەزمۇنى ئۇيغۇرلارغا خىتايچە ئۆگىتىش بولماقتا ئىكەن. بۇنىڭدا قوللىنىلىۋاتقان ئاساسىي ئۇسۇل خىتاي دۆلەت شېئىرى ئۆگىتىش، كومپارتىيەنى مەدھىيەلەيدىغان ناخشىلارنى ئۆگىتىش بولماقتا ئىكەن.

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/xitay-uyghur-aile-05142018150615.html

Share Button

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>