باش بەتكە قايتىڭ » باياناتلار » قايغۇلۇق بىر يىل «2017»
قايغۇلۇق بىر يىل «2017»

قايغۇلۇق بىر يىل «2017»

e2afd0ae-577c-46a7-9b92-d1100b3516faخىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئالۋاستىلىرى بىلەن شەرقى تۈركىستانلىقلار ئوتتۇرسىدا تارىختىن بىرى ئىزچىل داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان كۆپ قاتلاملىق ھەققانى كۈرەش يىلدىن يىلغا مۇرەككەپلىشىپ،2017 يىلىغا كەلگەندە ئەڭ كەسكىنلەشتى.مۇستەملىكىچى خىتايلارنىڭ جۇدۇنلىقى تۇتۇپ،ئەسلىدىكى قەبىھ ماھىيىتىنى بىر-بىرلەپ ئاشكارىلاپ،كۈز پەسلىدە جېنىدىن تويغان ئۈششۈك ھەرىلەردەك ئەسەبىيلىشىپ،ئالدىغا ئۈچۇرغان ھەممە ئادەمگە نەشتىرىنى سانجىپ، شەرقى تۈركىستاننى ئەبەدى ئىشغال قىلىپ يېتىش،ۋە خەلقارا مىقياسىدا قۇدرەتلىك بىر دۆلەت بولۇش خام خىياللىرىنى تىزراق رىئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن بار كۈچىنى ئىشقا سېلىپ،ھەرخىل بىمەنە باھانە-سەۋەبلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، شەرقى تۈركىستانلىقلارغا قاراتقان تەلتۆكۈس يوقۇتۇش سىياسىتىنى قاتتىق كۈچەيتتى.
 2017-يىلى ئىچىدە شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرنىڭ سالمىقى ھەقىقەتەن ئېغىر،تۈرلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ،بۇلارنىڭ ئىچىدىن ئەڭ قايغۇلۇق بولغىنى، شەرقى تۈركىستان خەلقى  بىر نەچچە نەپەر مەشھۇر پېشقەدەم دىننى داھىيلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى.
ئۇيغۇر بۆگۈنكى زامان يېڭىچە دىننى مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ يارقىن نامايەندىلىرىدىن بىرى،شۇنداقلا ئۆزىنىڭ مول نەتىجىلىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ كۆڭۈل تۆرىدىن يۇقۇر ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقان ئىستېداتلىق يېتۈك دىننى ئالىم،ئابدۇلئەھەد بارات ئۇستاز 88 يېشىدا خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئالۋاستىلارنىڭ تۈرمىسىدە قىيىن قىستاق ۋە ئازاب ئوقۇبەت سەۋەبىدىن 2017 -يىلى نويابىر ئايلىرىدا ئاللا بۇرۇن شېھىت بولۇپ  بولغانلىقىدەك ھەسرەتلىك شۈمخەۋەر مانا بۇ،يىل 2018-يىلى 27-ماي كېچىككەن ھالدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قۇلاقلىرىغا مۇشت كەبى ئۇرۇلۇپ يىتىپ كەلدى.

 ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستان 1949-يىلى قايتا مۇستەملىككە ئايلانغاندىن كىيىن،يولباشچى ئۇستاز، ئابدۇلئەھەد بارات مەخدۇم،تاغىسى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئەپەندىمنىڭ ۋەتەندە قالغان ئائىلە تاباتىغا زەربە بىرلىۋاتقان مەزگىللەردە بىر نەچچە يىل تۈرمىدە يېتىپ قېلىپ،كىيىنچە زىنداندىن چىقىپ،قىلچە بۇشاشماي،ۋەتەن سىرتىغا ھىجرەت قىلىپ چىقىپمۇ كەتمەي،خىتاي كوممۇنىستلىرى قوزغىغان ئاتالمىش «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» ماھىيەتتە ئادەملەرنى مەدەنىيەتسىزلەشتۈرۈش،دىنسىزلاشتۇرۇش ئىنقىلابى بۇران چاپقۇنلىرىغا ئۇچراپ ۋەيران بولغان دىننى مائارىپىمىزنى قايتا جانلاندۇرۇپ تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە دىننى مائارىپ بىلەن پەننى مائارىپنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ،قاتارلىق مەنىۋى قۇرۇلۇشىغا تۈنجى ئاساس سېلىپ،ھەقىيقى ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ تەلىۋىنى بەجا كەلتۈرگەن  ۋە بۇ،ساھەدە تىنىمسىز ئەمىلى ئىش قىلىپ كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن،خېلىق ئاممىسى ئارىسىغا چۆكۈپ،دىننى تەشۋىقات ئىشلىرىنىمۇ كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياخشى ئىشلىگەن مۇنەۋۋەر شەخىسلەر قاتارىدا كۆزگە كۆرۈنگەن بىر دىننى يولباشچى ۋە سىياسى يىتەكچى ئىدى.
ئۇ،ئاتا بوۋىسىدىن تارتىپ بىر نەچچە ئەۋلاد پاشت خىتاي ئىشغالىيىتىگە قارشى ئىزچىل كۈرەش قىلىپ،شەرقى تۈركىستاننىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن زور قىممەتكە ئىگە بەدەللەرنى بەرگەن مەشھۇر  (بۇغرالار) ئائىلىسىنىڭ كۈرەشچان ۋە پەخىرلىك ئوغلانلىرىدىن بىرى ئىدى.مەرھۇم 2017-يىلى قىيىن قىستاق سەۋەبلىك ۋاپات بولغان ئابدۇلھەمىت داموللام،مۇھەممەد سالىھ داموللام  قاتارلىق دىنداشلىرى -سىرداشلىرى بىلەن بىرلىكتە شۇ، يىللىق شېھىتلار كارۋىنىغا باش بولۇپ  ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كەتتى.مەرھۇمنىڭ دادىسى بارات داموللام ئۇستازمۇ، ئەينى چاغدا خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ خۇتەندىكى دۆڭباغ تۈرمىسىدە   قىيىن قىستاق ۋە ئازاب ئوقۇبەت سەۋەبىدىن ۋاپات بولۇپ شېھىتلار كارۋىنى سېپىگە قېتىلىپ كەتكەن. ئۇستازنىڭ تارىخىي تۆھپىسىنى شەرقى تۈركىستانلىقلار مەڭگۈ ئەستە ساقلاپ ھەققىدە دائىم دۇئا قىلىپ تۇرىدۇ.

ھۆرمەت بىلەن:
شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى مەسئۇلى

نىجات تۇرغۇن

————————————————————————————————————————

ئابدۇلئەھەد بارات مەخسۇم ھاجىمنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى

ئابدۇلئەھەد بارات مەخسۇم ھاجىم 1930-يىلى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قاراقاش ناھىيىسىدە دۇنياغا كەلگەن. قەشقەردە دىنى مەدرىسىدە تەلىم ئالغان ۋە ھاياتى بويىچە 5 قېتىم تۈرمىگە قامالغان. مەرھۇم ئابدۇلئەھەد مەخسۇم ئەينى ۋاقىتتىكى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى، «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» نىڭ ئاپتورى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ جىيەنى.
مەرھۇم ئالىم 1950-يىلىدىن 1958-يىلىغىچە قەشقەردە مەدرىسىدە ئوقۇغان. ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن خوتەن شەھىرىگە قايتىپ دىنىي ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللانغان. ئالتە ئاي ئۆتكەندە كوممۇنىست خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، 15 يىللىق ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش جازاسى بېرىلگەن. مەرھۇم 1974-يىلى جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ ئىزچىل دىنىي ئوقۇتۇش ئىشىنى داۋام قىلغان. ئۇنىڭ تەلىم-تەربىيە خىزمىتى يەر ئاستى مەكتەپلىرىدە قىيىن شارائىتلار ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان. ئۇ 1979-يىلى شەرقىي تۈركىستاندىكى مىڭلارچە ئالىم-ئۆلىما قاتارىدا يەنە قولغا ئېلىنغان ۋە بىر يىلدىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. بۇ جەرياندا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنى دىنى جەھەتتە يېتىشتۈرۈپ چىققان. 2001-يىلى ئوغلى ئابدۇرەئۇف ئابدۇلئەھەد بارات بىلەن بىرگە ئۈچىنچى قېتىم قولغا ئېلىنغان ۋە ئىككى ئايدىن كېيىن قويۇپ بېرىلىپ، ئۆيىدە نەزەربەند ئاستىدا ياشىغان. خىتاي دائىرىلىرى 2004-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى خوتەن شەھىرىدە كەڭ كۆلەملىك ئاختۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، 74 ياشلىق ئابدۇلئەھەد بارات مەخسۇمنى تۆتىنچى قېتىم قولغا ئالغان. خىتاي دائىرىلىرى بۇ قېتىم ئالىمنى يەتتە ئوقۇغۇچىغا مەخپىي دەرس ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن بەش يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. ئۇ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىنكى 11 يىلنى ئۆيىدە ئۆتكۈزگەن. ئابدۇلئەھەد بارات مەخسۇم ئاخىرقى قېتىم 2017-يىلى 11-ئاينىڭ باشلىرىدا ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى تۇتۇپ كېتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ناچارلىشىپ كەتكەن. بۇ يىل 5-ئاينىڭ 25-كۈنى مەرھۇمنىڭ تۈرمىدە ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى مەرھۇمنىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق تۇغقانلىرى ئارقىلىق بىلدۈرۈلدى. مەرھۇم پۈتۈن ھاياتى بويىچە ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن دىنى خىزمەت قىلغان. 5 قېتىم تۈرمىگە قامالغان ۋە 20 يىللىق ھاياتى تۈرمىدە ئۆتكەن بولسىمۇ، تۈرمىدىن چىققاندىن كىيىن پۈتۈن ھاياتى بويىچە خەلقنىڭ دىنى ۋە مىللىي كىملىكىنى قوغداش ۋە ئۇلارغا دىنى تەلىم بېرىش بىلەن شۇغۇللانغان خۇشخۇي ، كەمتەر ، سەمىمىي ، قىزغىن ، مېھماندوسىت ، چاقچاقخۇمار ، بىلىملىك ، ئۆزىنى كۆرسىتىشنى راۋا كۆرمەيدىغان ، باشقىلار بىلەن تۆر تالاشمايدىغان ئالىيجاناپ ئىنسانىي پەزىلەتلىرى بىلەن ھۆرمەتكە سازاۋەر زات .

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>