باش بەتكە قايتىڭ » تەۋسىيە قىلىنغان تېمىلار » پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋىدالىشىش نۇتقى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋىدالىشىش نۇتقى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋىدالىشىش نۇتقى

ھەزىرتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھىجرىيە نىڭ 10-يىلى زۇلھەججە ئېيىنىڭ 9 -كۈنى ھەج قىلىش نىيتى بىلەن ئەراپاتقا چىقىپ، ئۇ يەردىكى (جەبەلۇ رەھمە)رەھمەت تېغىنىڭ بىر چېتىدە  ئىسلام دىنىنىڭ تۈپ ئاساسى ۋە تارماق مەسىلىلىرىنى يىغىنچاقلىغان تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان بىر نۇتۇق سۆزلىدى.كىيىنچە بۇ، نۇتۇق (ۋىدالىشىش خۇتبىسى)ياكى ۋىدالىشىش خىتابنامىسى دەپمۇ ئاتالدى.
مەزكۇر نۇتۇقنىڭ تەپسىلى تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

خالايىق، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار!
كىلەر يىلى،مەن سىلەر بىلەن ئۇشبۇ مۇبارەك ئۇرۇندا قايتا ئۇچرىشىشقا مۇيەسسەر بولالماسلىقىم مۇمكىن. رەببىڭلارنىڭ دەرگاھىغا بارغانغا قەدەر بىر – بىرىڭلارنىڭ جېنىغا، مېلىغا.يۇز ئايرويىغا،چېقىلىش، خۇددى مۇشۇ ئاي، مۇشۇ كۈن، مۇشۇ جاي،نىڭ مۇقەددەسلىكىگە ھۆرمەتسىزلىك قىلىش،ھارام قىلىنغاندەك قەتئى ھارام قىلىندى. كەرەملىك ئاللاھ!سەن گۇۋاھ بولغىنكى مەن بۇ،بەندىلىرىڭگە بۇنى يەتكۈزدۇم.
خالايىق، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار!
-يېنىىدا كىشىلەرنىڭ ئامانەتلىرى بار ئادەملەر ئامانەتنى ئۆز ئىگىلىرىگە قايتۇرسۇن! ئىسلامدىن ئىلگىرىكى دەۋىرلەردە پۇل مۇئامىلە ۋە مۇلازىمەت ئىشلىرىدا يولغا قۇيۇلۇپ ئادەتلەنگەن ئۆسۈم (جازانە)پىرىنسىپلىرى ۋە بۇ،ئارقىلىق باشقىلارنى رەھىمسىزلەرچە قەرىزگە بوغۇش ئىشلىرى ئۇمۇمى يۇزلۇك بىكار قىلىنىدى. ئالدى بىلەن تاغام ئابباس ئىبنى ئابدۇلمۇتتەلىبنىڭ باشقىلاردىن ئالىدىغان ئۆسۈم پۇللىرىنىڭ ھەممىسىنى بىكار قىلشتىن باشلايمەن.ئەمما،قەرىزگە بېرىلگەن پۇل ماللىرىڭلارنىڭ ئەسلىدىكى ئەينى سوممىسىنى قايتۇرۇپ ئېلىۋالساڭلار بولىدۇ. جاھىلىيەت دەۋرىگە ئائىت مۇرەككەپ قان قىساس داۋالىرىنىڭ ھەممىسى بىكار قىلىندى. ئالدى بىلەن ئامىر ئىبنى رەبىئە ئىبنى ھارىسنىڭ قان قەرزىنى بىكار قىلىشتىن باشلايمەن.خاتا تىگىپ كىتىپ قالغان تاياق توخماق سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەر ئۈچۈن دىيەت سۈپىتىدە  يۈز نەچچە تۈياق تۈگە تەلەپ قىلىنسا بولىدۇ،ئۇنىڭدىن ئارتۇق قان ھەققى تەلەپ قىلىش جاھىلىيەتنىڭ قانۇنسىز ئادىتى ھىسابلىنىدۇ. جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئىجتىمائىي تۈزۈم ۋە ئۆرپ ئادەتلەردىن، مۇقەددەس كەئبىنى ئىدارە قىلىش، زەمزەم سۈيىنى باشقۇرۇپ تارقىتىش،قاتارلىق ئىشلاردىن باشقا بارلىق تۈزۈملەر بىكار قىلىندى.
خالايىق!
-مەلئۇن شەيتان بۇ،يۇرتتا ئادەملەرنى ئاللاھتىن باشقا مەبۇدلارغا بەندە بولۇشقا كۈشكۈرتۈپ تاپتىن چىقىرىش توغرىسىدا  ئۇمىدىنى ئۈزدى.لېكىن ئۇ،ھەر دائىم سىلەر كىچىك سانايدىغان بەزى بىر ئىشلار توغرىسىدا سىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ،سىلەرنى ئۆزىگە تەدرىجى بوي سۇندۇرۇشىنىڭ كويىدا.ھەزى بولۇڭلا!

خالايىق!
-نەسى(ئىزاھلىق سۆز1)دېگەننى قوللىنىش كۇفرىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ. كاپىرلارنى ئازدۇرىدۇ. ئاللاھ ھارام قىلغان ئاينى ئۆزلىرىچە ھالال قىلىش ئۈچۈن ئۇنى بىر يىل ھالال قىلسا، يەنە بىر يىلى ھارام قىلىشىدۇ. ئاللاھ ئاسمان زېمىننى ياراتقان ۋاقىتتىن تارتىپ، زامان ئۆز پېتىچە دەۋر قىلىپ كەلدى. قۇرئاندا ئاللاھنىڭ ھۆكمىدە ئاسمان – زېمىن يارىتىلغاندىن تارتىپ، ئايلارنىڭ سانى ئون ئىككى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئالاھىدە بولغان تۆت ئاينىڭ شەرىپىگە ھورمەتسىزلىك قىلىش ھارام قىلىندى. ئۇنىڭ ئۈچى بولسا،زۇلقەئدە،زۇلھەججە، مۇھەررەم ئايلىرى بولۇپ،بۇلار ئارقا-ئارقىدىن بىر-بىرىگە ئۇلىشىپ كېلىدۇ. جۇمادىيەل ئاخىر ئېيى بىلەن شەئبان ئېيىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى رەجەپ ئېيى بولسا، يالغۇز كېلىدۇ.بۇلارنى مەن سىلەرگە تەپسىلى يەتكۈزدۈممۇ؟ ئى ئاللاھ گۇۋاھ بولغىن!

خالايىق!
-ئاياللىرىڭلار توغرىسىدا سىلەر قەتئى رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم  مەسئۇلىيەتلىرىڭلار بار. ئاياللىرىڭلارنىڭ زىممىسىدىمۇ ئۇلار قەتئى رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك بولغان بەزى ئورتاق مەجبۇرىيەت بار. سىلەرنىڭ ھەققىڭلار شۇكى، ئاياللىرىڭلار تۆشەكلىرىگە سىلەردىن باشقا ئادەملەرنى يولاتماسلىقى، سىلەر ياقتۇرمايدىغان  ئادەملەرنى سىلەرنىڭ رۇخسىتىڭلارنى ئالماستىن  ئۆيگە كىرگۈزمەسلىكى ۋە پاھىشە قىلماسلىقى لازىم.مۇبادا ئاياللار بىپەرۋالىق قىلىپ،يۇقۇردا دىيىلگەن مەسئۇلىيىتىنىڭ بىرەسىنى ئادا قىلالماي قالسا، ئاللاھ  سىلەرنى ئۇلارنى چىڭ تۇتۇشقا ،يىنىكلىك قىلىپ ئۇلارنى ئۆيدىن قوغلاپ كوچىغا چىقىرىپ ئاتماسلىققا بۇيرۇيدۇ.ئاچچىقىڭلار يانغۇچە ئۇلار بىلەن ۋاقىتلىق ئۆي ئايرىپ ياشاش، ئۇلارنى ئاستىراق ئۇرۇپ ئەدەپلەشكە رۇخسەت قىلىدۇ. ئەگەر ئۇلار چەكلىنىپ سىلەرگە ئىتائەت قىلسا، ئۇلارنى چىرايلىقچە ئاش- نان، كېىيىم – كېچەك بىلەن تەمىنلەڭلار. سىلەرنىڭ ئەمرىڭلاردىكى ئاياللار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى ئىگە ئەمەس. ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئامانىتى قىلىپ ئالدىڭلار، ئۇلارنى نىكاھ ئارقىلىق ئۆزۈڭلارغا ھالال قىلدىڭلار. ئاياللار توغرىسىدا ئاللاھتىن قورقۇڭلار. ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇش توغرىسىدىكى ۋەسىيەتلەرنى قوبۇل قىلىڭلار!
 -سىلەرگە بۇلارنى يەتكۈزدۈممۇ؟ ئى ئاللاھ گۇۋاھ بولغىن.
خالايىق!
-مۇئمىنلەر ئۆز ئارا بىر – بىرى بىلەن قېرىنداشدۇر.لېكىن شۇنداقتىمۇ بىراۋنىڭ  ئۆز ئىختىيارى بىلەن بەرمىگەن مېلى ھېچكىمگە ھالال ئەمەس. مەن سىلەرگە بۇلارنى يەتكۈزدۈممۇ؟ ئى ئاللاھ گۇۋاھ بولغىن.

-مەندىن كېيىن مۇرتەد بولۇپ بىر – بىرىڭلارنى قىرىدىغان كاپىر بولماڭلار! سىلەرگە مەن ئاللاھنىڭ كىتابى بولغان مۇقەددەس قۇرئان كېرىم ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ تەلىماتى بولغان پاك سۇننەتنى قالدۇرۇپ كەتتىم. قۇرئان ۋە سۈننەتنى مەھكەم تۇتساڭلار، ئازمايسىلەر. مەن سىلەرگە بۇلارنى يەتكۈزدۇممۇ؟ ئى ئاللاھ گۇۋاھ بولغىن.
خالايىق!
-سىلەرنىڭ رەببىڭلار بىر، ئاتاڭلار بىر، ھەممىڭلار ئادەم ئاتىنىڭ نەسلىدىن بولغان. ئادەم ئاتا تۇپراقتىن يارىتىلغان.كىمكى ئەڭ مۇتتەقى (ئاللاھنىڭ بۇيرۇغانلىرىنى جان دىلى بىلەن بەجا كەلتۈرۈپ،چەكلىگەنلىرىگە قەتئى يېقىنلاشمىغان) كامالى سۈپەتكە ئىگە بولسا، شۇ ئادەم ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئەڭ ھۆرمەتلىكتۇر. ئەرەب مىللىتى بىلەن باشقا ئەرەب بولمىغان مىللەتلەر ئارا  ھېچ قانداق بىر ئالاھىدە پەزىلەت پەرىقى يوق.كىم تەقۋادار بولسا،شۇ، ئەۋزەل.مەن بۇلارنى سىلەرگە يەتكۈزدۈممۇ؟ ئى ئاللاھ گۇۋاھ بولغىن!
بۇ يەردە سۆزۈمنى ئاڭلىغانلار،ئۇشبۇ نۇتقۇمنى  بىۋاسىتە مەندىن ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بولالمىغانلارغا ئىخلاس بىلەن يەتكۈزسۇن.

خالايىق!
ئاللاھ ھەر بىر ۋارىسقا مىراس نېسىۋىسىنى بەلگىلىدى. مىراسنى بىرلا ۋارىسقا ۋەسىيەت قىلىپ،باشقا ۋارىسلارنىڭ مىراس ئېلىش ھەققىنى چەكلەپ قويۇش دۇرۇس ئىش ئەمەس. مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن كۆپرەكىنى ۋەسىيەت قىلىش دۇرۇس ئەمەس. بالا،نىكاھلىق ئەرگە تەۋە بولىدۇ. زىنا قىلغۇچىنىڭ بولمايدۇ. ئاتىسىدىن باشقا بىرىنى ئاتا دەپ، خۇجاينىدىن باشقا بىرىنى خۇجايىن دەپ دەۋا قىلغان كىشىلەر  ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە بارلىق يۇرت ئەھلىنىڭ لەنىتىگە ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭ بەرگەن سەدىقە ئېھسان ۋە گۇۋاھلىقى قوبۇل قىلنمايدۇ. ئاللاھ سىلەرنى ئامان ئىسەن قىلسۇن،خەر خوش!!!

ئىزاھلىق سۆزلەر:        ——————————–

1-نەسى – ئەرەبلەر يىل ئاي ھېسابىدا قەمەرىيە ئايلىرىنى قوللىناتتى. قان تۆكۈش ھارام قىلىنغان ھەج ئايلىرىنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلاشتەك ئىشلار ئىبراھىم ۋە ئىسمائىل پەيغەمبەرلەرنىڭ زامانىدىن تارتىپ، شۇ ئايلار (شەۋۋال، زۇلقەئدە، زۇلھەججە، مۇھەررەم)غا قاراپ بەلگىلىنەتتى. ئۇلار، بۇ ئىشنىڭ شۇ قائىدە بويىچە كېتىۋېرىشى ئۆلىرىنىڭ سودا قىلىش مەنپەئەتلىرىگە زىيانلىق دەپ قارىدى. چۈنكى ھەج بەزى چاغلاردا ئۇلارغا نامۇۋاپىق پەسىلدە كېلەتتى. بەزىدە ھارام قىلىنغان ئايلار ئۇلارنىڭ سودا ئىشلىرىغا مۇناسىپ پەسىلدە كەلمەيتتى. شۇڭا ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى مۇناسىپ كېلىدىغان پەسىلدە تۇراقلىق بولۇشى ئۈچۈن شەمسىيە يىلىغا ئۇيغۇنلاشتۇرماقچى بولۇپ، قەمەرىيە يىلىنىڭ ئاخىرىغا مەلۇم كۈنلەرنى قوشۇپ نەسى (كېچىكتۈرۈلدى) كۈنلىرى دەپ ئاتىدى. ئۇلار، بۇ كۈنلەرنى جەملەپ، بىرەر ئاي قىلىپ تولدۇراتتى، بۇنىڭ بىلەن بەزى يىللار، 12 ئاي، بەزى يىللار 13 ئاي كېلىدىغان بولۇپ قالدى. شۇنداق قىلىپ، ھەج بەزىدە زۇلھەججە ئېيىدا كەلسە، بەزىدە زۇلقەئدە ئېيىدا كېلەتتى. مۇشۇنداق ئايلىنىپ، ئىككىنچى قېتىم يەنە زۇلھەججە ئېيىدا كېلەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەججەتۇلۋىدادا ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە بۇ قائىدىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا، قەمەرىيە ئايلىرى بويىچە ئىش قىلىشقا بۇيرىدى. زامان ئايلىنىپ، ھەج يەنە ئۆز ئېيىدا كېلىدىغان بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «زامان ئايلىنىپ كەلدى» دېدى.

  

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>