باش بەتكە قايتىڭ » شەرقىي تۈركىستان خەۋەرلىرى » خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى ئۇنسۇرلىرى شەرقى تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرى قۇرۇلۇشىنى جىددىي ئېلىپ بارماقتا
خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى ئۇنسۇرلىرى شەرقى تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرى قۇرۇلۇشىنى جىددىي ئېلىپ بارماقتا

خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى ئۇنسۇرلىرى شەرقى تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرى قۇرۇلۇشىنى جىددىي ئېلىپ بارماقتا

رادىيومىزغا يېقىندا چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلاردىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرىنى سېلىۋاتقانلىقى ھەمدە دائىرىلەرنىڭ بۇ قۇرۇلۇشلارنى مۇشۇ يىل ئاخىرىغىچە پۈتتۈرۈش ئۈچۈن، جىددىي ھالدا ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدە مۇنداق بىر ئۇچۇر كەلدى.

بۇ ئۇچۇر ئىككى كۈندىن بۇيان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار قوللىنىلىۋاتقان بىر قىسىم ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلەردىمۇ كەڭرى تارقالدى. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ۋەتەندىكى-ئاتا-ئانا ۋە قېرىنداشلىرى لاگېرلارغا قامىلىپ، ئۇلارنىڭ ھال ئەھۋالىدىن خەۋەر ئالالمايۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، بۇ خىل ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىشى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا ناھايىتى تېز ۋە جىددىي ئىنكاس پەيدا قىلغاندىن سىرت تۈرلۈك ۋەھىمىلىك گۇمانلارنىمۇ قوزغىغانلىقى مەلۇم.

بىز بۇ ئۇچۇرغا ئاساسەن ئاۋۋال خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلۇش پىلانلىرىغا ئائىت ئۇچۇر مەنبەلىرىنى ئىزدەپ كۆردۇق. دەرۋەقە، ئاپتونوم رايونلۇق پىلان كومىتېتى باشقۇرۇشىدىكى، «شىنجاڭ تەرەققىيات قۇرۇلۇش ئۇچۇر تورى» دا، 2017-يىلى 3-ئايدىن، 2018-يىلى 2-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتىلا، مەخسۇس ھۆكۈمەت مەبلىغى بىلەن 9 ئورۇندا قۇرۇلۇشى پىلانلانغان دەپنە ئىشلىرى ۋە جەسەت كۆيدۈرۈش زاۋۇتلىرى قۇرۇلۇشىغا ھۆددىگەر چاقىرىش ئېلانى تارقىتىلغان. بۇنىڭ ئىككىسى غۇلجىدا، قالغانلىرى يوپۇرغا، توققۇزاق، شايار، ئاتۇش، لوپنۇر ۋە تۇرپان ئىدىقۇت رايونى قاتارلىق جايلاردا قۇرۇلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. بەزلىرىگە، دەپنە ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزى، بەزىلىرىگە ئاشكارا ھالدا جەسەت كۆيدۈرۈش ئورنى دەپ يېزىلغان بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ بەزىلىرىگە ئاز دېگەندە بەش ئالتە مىليون، يەنە بەزىلىرىگە ھەتتا ئون نەچچە مىليون يۈەنگىچە مەبلەغ ئاجرىتىلغان.

بىز ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تارمىقىدىكى پىلان كومىتېتىنىڭ تەرەققىيات قۇرۇلۇش ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق، گەرچە تېلېفوننى ئالغان خىتاي خادىم بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ ھۆددىگەرلەرگە بېرىلىپ، ئېلاننىڭ ئەمەلدىن قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ دەپنە ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ «جەسەت كۆيدۈرۈش ئورنىمۇ»؟ دەپ سورىغان سوئالىمىزنى جاۋابسىز بەرمەي تېلېفوننى ئۈزۈۋەتتى.

بۇلتۇر 7-ئاينىڭ 21-كۈنى «شىنجاڭ تەرەققىيات قۇرۇلۇش ئۇچۇر تورى» دا ئېلان قىلىنغان شايار ناھىيەسىگە قۇرۇلماقچى بولغان دەپنە ئىشلىرى مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇش تۈرىگە ھۆددىگەر چاقىرىش ئېلانىدىن، دائىرىلەرنىڭ يالغۇز مۇشۇ قۇرۇلۇشقا 8 مىليون مەبلەغ سالغانلىقى مەلۇم. شاياردا سېلىنىۋاتقان بۇ ئورۇننىڭ قۇرۇلۇشى تېخى تامام بولمىغانلىقى بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تېلېفون نومۇرى تېپىلمىدى. ئەمما كۇچادا جەسەت كۆيدۈرۈش ئورنىدىن بىرىنىڭ تېلېفون نومۇرى بايقالدى.

كۇچا ناھىيەسىدىكى جەسەت كۆيدۈرۈش ئورنىدىكى كېچىلىك نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇۋاتقان خىتاي خادىم، ھۆكۈمەتنىڭ مەبلىغى بىلەن بۇ ئورۇندىمۇ كېڭەيتىش قۇرۇلۇش ئېلىپ بارىدىغانلىقى ۋە شايار ناھىيەسى قاتارلىق باشقا جايلارغىمۇ جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرىنى قۇرۇۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى:

بۇ جەسەت كۆيدۈرۈش ئورنىمۇ؟
-ھە بىز كۇچادا.
-شاياردا جەسەت كۆيدۈرىدىغان ئورۇندىن بىرنى قۇرىدىكەن دەپ ئاڭلىغان، قۇرۇلۇشى پۈتتىمۇ؟
-ھە ھازىر تېخى پۈتمىگەن ئوخشايدۇ.
-ئاقسۇدىن مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىشىتىكەن، سىلەردىمۇ كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى قىلامدىكەن؟
-شۇنداق، كېڭەيتىپ قۇرۇدىغاننىڭ گېپى بار.
-خىتاي مىللىتىدىكىلەردىن باشقا مىللەتلەرنىڭ دەپنە ئىشلىرىنىمۇ قىلامسىلەر؟
-ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ دەپنە قىلىدىغان جايلىرى بار ئادەتتە. ئوخشىمايدۇ، بىرنېمە ئېنىق دېگىلى بولمايدۇ. بەك ئاز ئۇلاردىن.
-دېمەك بار. ئاز سانلىق مىللەتلەردىن قانداق ئادەملەرنىڭ جەسىتى كۆيدۈرۈشكە ئېلىپ كېلىنىدۇ؟
-ئۇلار ئاساسەن ساقچى ئورۇنلىرىنىڭ مەخسۇس تەستىق ھۆججەتلىرى بىلەن كېلىدۇ، ساقچىلار بىۋاسىتە رەھبەرلىكىمىز بىلەن ئالاقىلىشىدۇ، بىزنىڭ بۇنىڭغا ئارىلىشىش ھوقۇقىمىز يوق. تەپسىلىي ئەھۋاللارنى بىز بىلمەيمىز، باشلىقلار بىلىدۇ ئۇنى.
-ھەر قايسى جايلاردا تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش لاگېرلىرى قۇرۇلۇشىنى كېڭەيتىۋاتامدۇ؟
-شۇنداق ھەممە يەردە كېڭەيتىۋاتىدۇ.
-شۇنداق جايلاردا ئۆلۈپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ جەسىتىنىمۇ كۆيدۇرۇشكە ئەكەپ باقتىمۇ؟
-بەك ئاز بولسىمۇ بىز ئارىلىشالمايمىز، جامائەت خەۋپسىزلىك ئورۇنلىرى بىۋاسىتە يۇقىرى بىلەن بىللە بىر تەرەپ قىلىدۇ، بەلكىم ئائىلىسىدىن جەسەتنى قوبۇل قىلىدىغانلار بولمىغان ئەھۋالدىكىلەرمىكىن؟ مەن ئېنىق بىلمەيمەن.

ئۇ يەنە بۇ جەسەت كۆيدۈرۈش زاۋۇتىدا 15 ئادەم ئىشلەيدىغانلىقى، بىر خۇمدان بار بۇ زاۋۇتتا ئادەتتە بىر جەسەتنى كۆيدۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا بىر يېرىم سائەت كېتىدىغانلىقى، بىر ھەپتىدە 2دىن 5 كېچە جەسەتنى بىر تەرەپ قىلىدىغان بولغاچقا ئانچە ئالدىراش ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

بىز ئۇنىڭدىن جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش نېمىنىڭ ئېھتىياجى بىلەن بولۇۋاتقانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «بۇنىڭدىن كېيىن جەسەتنى كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىش تەرەپكە قاراپ تەرەققىي قىلىدىغاندەك قىلىدۇ. شىنجاڭدا يەرمۇ ئاز بولغاندىكىن. تېلېۋىزوردىمۇ ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىتنى ئاسراش، يېشىللىقنى قوغداش ئۈچۈن مەيلى قايسى مىللەت بولسۇن مۇشۇ تەرەپكە قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇش زۆرۈرلۈكىنى سۆزلەۋاتقان، مۇشۇنداق ئورۇنلارنى كېڭەيتىدۇ دېگەننىلا بىلىمىز، ئۇ سىياسەت تېخى پۈتۈنلەي ئەمەلىيلەشمىدى. كونكرېت تەرەپلىرىنى بىلمەيدىكەنمەن.»

بۇنىڭدىن بىر قانچە ئاي ئىلگىرى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە، يەنى «ئىككى يۈزلىمىچى» كادىرلارنى پاش قىلىش ۋە جازالاش ھەرىكىتى ئەۋجىگە چىققان پەيتتە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىر قىسىم جايلاردىكى ئۇيغۇر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى ۋە ھۆكۈمەت كادىرلىرىدىن ئۆزلىرىنىڭ ئۆلگەندىن كېيىنكى دەپنە ئىشلىرىنى مۇسۇلمانلارنىڭ دەپنە مۇراسىم قائىدىلىرى بويىچە ئەمەس، بەلكى خىتايلارغا ئوخشاش جەسىتىنى كۆيدۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا قوشۇلغانلىقى ھەققىدىكى ھۆججەتكە قول قويدۇرغانلىقى ھەققىدە گەپ-سۆزلەر تارالغان ئەمما دەلىللەنمىگەن ئىدى.

شۇنداقلا يېقىنقى ئايلاردا ئاتالمىش «تەربىيەلەش لاگېرلىرى» دا نېمە سەۋەبتىن ئۆلگەنلىكى ئېنىق بولمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ جەسەتلىرىنىڭ ئائىلىسىگىمۇ بېرىلمەي ساقچىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار ئاشكارىلانماقتا.

ئارقىدىنلا خىتاينىڭ بۇ خىل جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرىنى كېڭەيتىپ قۇرۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ خىل سىياسەت ۋە ھەرىكەتلىرى بەلگىلىك ئەندىشە قوزغىغانلىقى مەلۇم. يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان ۋە كېڭەيتىپ قۇرۇلۇۋاتقان جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرى جايلاشقان جەنۇبتىكى بەزى ناھىيەلەر ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى مۇتلەق كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان، خىتاي نوپۇسى ئاز ھېسابلىنىدىغان رايونلاردۇر.

ئۇيغۇر ئانالىزچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇنىڭدىن ئىلگىرى خىتاي قوراللىق ساقچىلىرى ۋە ئامانلىق ساقلاش دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىگە قارىتا ئېلىپ بارغان باستۇرۇشلىرىدا ئۆتۈرۈلگەنلەرنىڭ جەسەتلىرى سىرلىق بىر تەرەپ قىلىنغان ۋە تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ بىر قسىمىنىڭمۇ ئىز-دېرىكى بولماي غايىب قىلىۋېتىلگەن ئىدى.

ئىلگىرى رادىيومىز 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى» ۋەقەسىدە غايىب بولغانلار ھەققىدە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا ئۈرۈمچى ئۇلانباي جەسەت كۆيدۈرۈش، دەپنە ئىشلىرى مۇلازىمەت باش پونكىتىدىن تېلېفوننى ئالغان جەسەت يۆتكەشكە مەسئۇل شوپۇرنىڭ ئاغزىدىنمۇ، «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دە ياكى تۇتۇلغاندىن كېيىن تۈرمىدە ئۆلۈپ كەتكەنلەردىن ئائىلىسى تېپىلمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ جەسەتلىرىنىڭ كۆيدۈرۈلگەنلىكى دەلىللەنگەن ئىدى.

ئەلۋەتتە، مۇسۇلمانلارنىڭ، جۈملىدىن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ دەپنە قائىدىلىرى ۋە دىنىي رەسمىيەتلىرى بار. مۇسۇلمانلار ھەر ۋاقىت ئۆز دىنىي ئېتىقادى ۋە قائىدىلىرى بويىچە ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا ھەر ۋاقىت چىڭ تۇرۇپ كەلگەن ۋە كەلمەكتە.

ئۇنداقتا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان، خىتاي ئاھالىسى يەنىلا ئاز سانلىق ھېسابلىنىدىغان قەشقەر، خوتەن ۋە باشقا ۋىلايەت-ناھىيەلەردە بىر قانچە ئون مىليونلاپ مەبلەغ بىلەن قۇرۇۋاتقان دەپنە ئىشلىرى مۇلازىمەت ئورۇنلىرى قۇرۇلۇشلىرىمۇ ئوخشاشلا جەسەت كۆيدۈرۈشكە ئىشلىتىدىغان ئورۇنلارمۇ؟ دائىرىلەرنىڭ بىردىنلا بۇ خىل ئورۇنلارنى كۆپەيتىپ قۇرۇشىدا قانداق سەۋەب ۋە ئېھتىياجلار بار؟ بۇلار ھەققىدە جايلاردىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزنىڭ داۋامىنى كېيىنكى پروگراممىمىزدىن ئاڭلىغايسىلەر.

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/jeset-koydurush-06122018145148.html

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>