باش بەتكە قايتىڭ » جىددىي ئۇقتۇرۇش » 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 9- يىللىقىنى خاتىرلەش چاقىرقى
5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 9- يىللىقىنى خاتىرلەش چاقىرقى

5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 9- يىللىقىنى خاتىرلەش چاقىرقى

شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىن تارىخىدا يۈز بەرگەن پاجىئەلىك قەتلىئاملاردىن بىرى بولغان 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 9- يىللىق خاتىرە كۈنى يېقىنلاپ كىلىۋاتقان بىر پەيتتە،خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئالۋاستىلار شەرقىي تۈركىستاندا جازا لاگىرلىرىنى تەسىس قىلىپ،بىر مىليۇنغا يېقىن بىگۇناھ  ئاممىنى ئاشۇ قانۇنسىز يېغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولاپ،ئۇلارنى ۋەھشىلەرچە قىيناپ مېڭە يۇيۇش،قەستلەپ ئۆلتۈرۈش،مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى كېسىپ ئېلىپ سېتىش،قاتارلىق قەبىھ جىنايەتلەرنى  سادىر قىلىپ،شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىپ،ئۇلارنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىنى ئېغىر دەپسەندە قىلماقتا. ئۇشبۇ كەسكىن ۋەزىيەتتە،قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ،مۆرىنى-مۆرىگە تىرەپ، 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 9 يىللىقىنى ئەسلەپ خاتىرىلەش ئارقىلىق خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى ئۈزلۈكسىز سادىر قىلىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىنى خەلقئاراغا دەلىل پاكىتلىرى بىلەن پاش قىلىپ،مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلارنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قەبىھ ماھىيتىنى ئاشكارىلاش ۋە ئۇلارنى تەنقىد قىلىش،ھەر بىر شەرقى تۈركىستانلىقنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مۇھىم ۋەزىپىسى.
  1933-يىللىرى گىرمانيە ميۇنخىن شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالىغا تەخمىنەن 10كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى داكاۋ شەھىرىدە ناتسېستلار تەرپىدىن قۇرۇلۇپ تەخمىنەن 200مىڭ بىگۇناھ كىشى بۇ يەرگە قامىلىپ، 40مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئاچارچىلىق، كېسەللىك ۋە قىرغىنچىلىق تۈپەيلى قازا قىلغاندىن كىيىن تاقىۋېتىلگەن بۇ،خىلدىكى ناتسىست جازا لاگىرلىرىنىڭ 70 نەچچە يىل ئۆتكەندىن كىيىن شەرقى تۈركىستاندا خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلىرى تەرپىدىن قايتا ئېچىلىشى،زامانىۋىلىشىشقا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان دۇنيا ئەللىرىنىڭ جۈملىدىن شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەركىنلىك ئىرادىسىگە قارشى سادىر قىلىنغان قوبۇل قىلغۇسىز ئېغىر بىر جىنايەت بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.

 خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى ئۇنسۇرلار تەسىس قىلغان بۇ،جازا لاگېرلاردا رەزىل ۋاستىلار  بىلەن جازالىنىپ شەھىتلىق ماقامىغا يەتكەن ئۇستازلىرىمىزنىڭ،ئورۇق تۇققان ۋە قەۋم قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قان داۋاسىنى قىلىش،مۇستەملىكچى خىتاي بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلانغان ھەدە سېڭىللارنىڭ ئىپپەت نۇمۇسنى قوغداشتەك شەرەپلىك مەسئۇلىيەتنى تونۇش تەربىيسىنى تەشۋىق قىلىپ كۈچەيتىش،مەقسىتىدە نارازىلىق نامايىش قىلىش ئۈچۈن ئۇيۇشمىمىزشىۋېتسىيەدىكى  ئالاقىدار بىخەتەرلىك ئورگانلىرىدىن رۇخسەتنامە ئالدى.
شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى  5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 9 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋېتى بىلەن شىۋېتسىيەدىكى بارلىق ئۇيغۇر جامائىتىنى تۆۋەندىكى پائالىيەتلەرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قانات يايدۇرۇشقا چاقىرىدۇ:
1.  ھازىردىن باشلاپ ئىدىۋى تەييارلىق قىلىپ، 5 – ئىيۇل كۈنى شىۋېتسىيە نىڭ پايتەختى ستوكھولمدىكى Raoul Wallenbergs torg دا ستوكھولم ۋاقتى سائەت 14:00 دە باشلىنىدىغان نامايىشقا چۇقۇم قاتنىشىشقا ئىنتىلىش تەلەپ قىلنىدۇ.
2. شىۋېتسىيە  پارلامېنت ئەزالىرىغا، تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكىگە، شىۋېتسىيەدىكى ھەر دەرىجىلىك كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتلىرىغا خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا 5 – ئىيۇل قىرغىنچىلىقىدىن بۇيان خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ شەرقى تۈركىستاندا ئۈزلۇكسىز سادىر قىلىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى قەيت قىلىنغان ئەرز مەكتۇبىنى ئىمزالاپ  يوللاشنى كەڭ قانات يايدۇرۇش تەلەپ قىلنىدۇ.
3.نامايىشنىڭ مەزمۇنىنى تېخىمۇ بېيىتىپ رەتلىك  ۋە ئىنتىزاملىق ئېلىپ بېرىش،شۇنداقلا نامايىشنىڭ مەقسىدىنى شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ سۇنماس ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىشنى تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇش ھەققىدە ھەر قانداق قىممەتلىك تەكلىپ پىكىر بولسا،يازما شەكىلدە ھازىرلاپ،ئۇيۇشمىمىزنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرىغا نامايىشتىن ئىككى كۈن بۇرۇن سونۇش تەلەپ قىلنىدۇ.

4.زۇرۈر بولغاندا نامايىشتىن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن،ياشلار ۋەكىللىرى،ئاكتىپ خانىم قىزلار ۋەكىللىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا مەسلىھەت يىغىنى ئۇرۇنلاشتۇرلىدۇ.

ھۆرمەت بىلەن:
شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئويۇشمىسى

رەئىس: نىجات تۇرغۇنDcr9Q7IXkAA3m-Z

23Dd1h1l3VAAAARZ845

 

 

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>