باش بەتكە قايتىڭ » جەمئىيەت پائالىيەتلىرى » 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقىنىڭ 9 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى سىتوكھولمدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ بېرىلدى.
5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقىنىڭ 9 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى سىتوكھولمدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ بېرىلدى.

5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقىنىڭ 9 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى سىتوكھولمدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ بېرىلدى.

201807058نامايىشنى  ئۇيۇشمىمىز« شىۋېتسىيەئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى» ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، سىتوكھولم ئەتراپىدىكى شەھەرلەردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.
نامايىش ئۇيۇشمىمىز نىڭ مەسئۇلى نىجات تۇرغۇننىڭ خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ ئەلچىخانىسى ئارقىلىق خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىگە قارىتىپ قىلغان كەسكىن باياناتى بىلەن باشلاندى.
نىجات بۇ قېتىملىق نامايىشنىڭ تېمىسىنى ئىزاھلاپ مۇنداق دېدى:
5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 9 يىللىقىنى ئەسلەپ خاتىرىلەش ئارقىلىق خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى ئۈزلۈكسىز سادىر قىلىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىنى خەلقئاراغا دەلىل پاكىتلىرى بىلەن پاش قىلىپ،مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلارنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قەبىھ ماھىيتىنى ئاشكارىلاپ ئۇلارنى تەنقىد قىلىش ھەممەيلەننىڭ ئەقەللى مەجبۇرىيتىمىز.
ئۇيۇشمىمىزنىڭ سابىق رەئىسى ئابدۇللا كۆكيار(ھازىرقى ۋەزىپىسى باش كاتىپ)ئەپەندى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ نەخ مەيدان زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ،بۇ نۆۋەت ستوكھولمدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشنى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نى خاتىرىلەش ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان نۆۋەتتىكى دەرىجىدىن تاشقىرى بېسىم سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، قولىدا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ۋە لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈۋالغان ئۇيغۇرلارنىڭ سىتوكھولمنىڭ مەركىزىدىكى مەيداندىن خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغىچە بىرقانچە كىلومېتىر پىيادە مېڭىپ شوئار توۋلاپ نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
بۇ قېتىملىق نامايىشتا ياشلار ئاكتىپ رول ئالغان بولۇپ، ئۇلارمۇ بۇ خىلدىكى نامايىشلار ئارقىلىق خىتايغا بولغان ئۆز نارازىلىقىنى بىلدۈرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكلىرىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈشتى.
Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>