باش بەتكە قايتىڭ » جىددىي ئۇقتۇرۇش » ب د ت دا كەڭ كۆلەملىك «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» نامايىش ئېلىپ بېرىش چاقىرىقى
ب د ت دا كەڭ كۆلەملىك  «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» نامايىش ئېلىپ بېرىش چاقىرىقى

ب د ت دا كەڭ كۆلەملىك «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» نامايىش ئېلىپ بېرىش چاقىرىقى

2018 – يىلى 11 – ئاينىڭ 6 – كۈنى ب د ت دا «خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئومۇمىي يۈزلۈك كۆزدىن كۆچۈرۈش» يىغىنى باشلىنىدۇ. يىغىنغا ب د ت غا ئەزا 193كە يېقىن دۆلەتنىڭ دىپلوماتلىرى، يۈزلىگەن خەلقئ‍ارالىق تەشكىلاتلار ۋە خەلقئ‍ارا مەتبۇئاتلارنىڭ مۇخبىرلىرى قاتنىشىدۇ. ئۇشبۇ يىغىن ھارپىسىدا نامايىش قىلىش،شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي ئىرادىسىنى خەلقى ئالەمگە يەنە بىرقېتىم نامايان قىلىشنىڭ ,خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ قەبىھ ماھىيتىنى خەلقاراغا تونۇتۇشنىڭ ئىنتايىن ياخشى پۇرسىتى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيۇشمىمىز ب د ت دا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى يەنىمۇ يۇقىرى سەۋىيىدە ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ تۈرلىك چارە – تەدبىرلىرى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان مۇزاكىرىلەرگە -ئاكتىپ قاتنىشىپ11 – ئاينىڭ 6 – كۈنى ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى باش شىتابى ئالدىدا 2 – قېتىملىق «5 مىڭ كىشىلىك نامايىش» ئۆتكۈزۈش پىلانىنى قىزغىن قوللىدى.
ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كۈچىنى ئاساس قىلغان بۇ قېتىمقى «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» دىگەن شوئار ئاساسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بۈيۈك نامايىشنى گېرمانىيە، نورۋېگىيە، گوللاندىيە، شىۋېتسىيە، شىۋىتسارىيە، ئەنگىلىيە، فرانسىيە، بېلگىيە ۋە فىنلاندىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە جامائەت ۋەكىللىرى ھەمدە سىياسىي ئاكتىپلار, دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ تەشكىللەيدۇ. بۇ نامايىشقا ياۋرۇپادىكى تۈرك ۋە باشقا قېرىنداش مىللەتلەر، ئۇيغۇر دەۋاسىغا ھېسداشلىق قىلىۋاتقان ياۋرۇپالىق دوستلارمۇ كەڭ دائىرىدە سەپەرۋەر قىلىنىدۇ.
شىۋېتسىيەدىكى بارلىق شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ ئۈشبۇ نامايىشقا ئاكتىپ قاتنىشىشىنى ۋە تەشكىلات رەھبەرلىرىنى دوست دۈشمەنلەرنىڭ ئالدىدا يالغۇز قويماسلىقنى تەشەببۇس قىلىمىز!
ھۆرمەت بىلەن:
شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى مەسئۇلى
نىجات تۇرغۇن

Share Button

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>