باش بەتكە قايتىڭ » خەۋەر » خەلقئارا خەۋەرلەر » تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى قۇرۇلدى
تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى قۇرۇلدى

تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى قۇرۇلدى

ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا سەھنىدە ئورۇن ئېلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئىزدىنىدىغان كىشىلەرنىڭ سانىمۇ كۈنسايىن كۆپەيمەكتە.

ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر زىيالىيسى بىر يەرگە جەم بولۇپ، تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى قۇرغان. مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ تور بېتىدە قۇرۇلۇش مەقسىتى بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «ئاڭ-سەۋىيەلىك، ئىمانلىق ۋە ئادالەت تۇيغۇسى كۈچلۈك ئۇيغۇر جەمئىيىتى بەرپا قىلىشنى نىشان قىلغان ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى 2018-يىلى 1-ئاپرېل كۈنى قۇرۇلدى. ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى شەرقىي تۈركىستان ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارغا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ئالاقىسى بولغان باشقا مىللەت ۋە ئېتنىك خەلقلەرنىڭ دىنىنى، تىلىنى، مەدەنىيىتىنى، ئۆرپ-ئادىتىنى، شۇنداقلا سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا تەتقىق قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ».

بىز ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى ۋە بۇندىن كېيىنكى پائالىيەتلىرى توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن، مەزكۇر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادا تىلغا ئېلىنىشقا باشلىغانلىقىنى، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۇ مەسىلىنىڭ خەلقئارالاشقانلىقىنى، بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى قۇرۇش ئېھتىياجىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى، ئىخچاملاپ ئېيتقاندا بۇنىڭ 4 سەۋەبى بارلىقىنى كۆرسەتتى.

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يېزىلغان ئوبزور، خەۋەر ۋە ماقالىلەرنى يىغىش، دوكلات بېرىش يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزۈش، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دوكلات تەييارلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلىدىغان بولۇپ، بۇ يىل 4-ئاينىڭ 1-كۈنى ئەنگە ئالدۇرۇلغاندىن تاكى بۈگۈنگىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا 3 دوكلات تەييارلىغان. دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالدى.

ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئالدىمىزدىكى 20 يىل ئىچىدە دۇنيادا زور ئۆزگىرىشلەرنىڭ مەيدانغا كېلىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئۆزگىرىشلەرگە تەييار بولۇشى ئۈچۈن ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى كۈچىيىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيەدە ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى قۇرۇپسىلەر، بۇنى تاقىۋېتىش ئېھتىمالى بارمۇ؟ دېگەن سوئالىمىزغا دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، بۇنىڭ چارە-تەدبىرلىرىنىمۇ ئويلىشىپ قويغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

تۈركىيە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئەڭ كۆپ دۆلەتلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىسى ياسىن توختى ئەپەندى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ تور بېتىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىق بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى دۇنيادىكى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ تەتقىقات مەركەزلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىشقا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، ھازىر دۇنيادا 7 مىڭ ئەتراپىدا بۇ خىل تەتقىقات مەركىزى بارلىقىنى، بۇنىڭ 1872 سىنىڭ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدا ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/maarip/tetqiqat-merkizi-09252018173020.html

 

Share Button

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>