باش بەتكە قايتىڭ » جەمئىيەت پائالىيەتلىرى » شىۋېتسىيەدە ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
شىۋېتسىيەدە ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

شىۋېتسىيەدە ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار 1933-يىلى ۋە 1944-يىلىدىكى جۇمھۇرىيەتلەرنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

شىۋېتسىيەنىڭ سىتوكھولم شەھىرىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزغا ئاساسلانغاندا، شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار 12-نويابىر كۈنى 1933-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 85 يىللىقىنى ۋە 1944-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 74 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئىستىقلال مارشى بىلەن باشلاپ، ئىلگىرىكى يىللارغا سېلىشتۇرغاندا زور داغدۇغا بىلەن ئۆتكۈزگەن.

بۇ پائالىيەتنى «شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى»، «شىۋېتسىيە تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى»، «ئۇيغۇر ياردەم فوندى» قاتارلىق تەشكىلاتلار بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، پائالىيەتكە كۆپ ساندا ئۇيغۇر جامائىتى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ھېسداشلىق قىلغۇچى شۋېدلار، ئادۋوكاتلار، شىۋېتسىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئورگانلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى قاتناشقان. پائالىيەتتە ئىستىقلال مارشىدىن كېيىن بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى سەھنىگە ئېلىپ چىقىلغان.

«شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى» رەھبەرلىرىدىن ئابدۇللا كۆكيار ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا «ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى پات ئارىدا ھۆر ۋەتەندە خەلقىمىز بىلەن بىرگە ئۆتكۈزۈشنى ئارزۇ قىلىمىز» دېدى.

پائالىيەتتە ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى ۋە جەريانلىرى ئەكس ئەتكەن فىلىملار كۆرسىتىلگەن ھەمدە ئىككى جۇمھۇرىيەت ھەققىدە چۈشەنچىلەر بېرىلگەن. «شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى» مەسئۇللىرىدىن ئەخمەتجان ئەپەندى پائالىيەتنىڭ ياخشى ئۆتكەنلىكىنى، كۆپ ساندا ئۇيغۇر جامائىتى ۋە تەشكىلات رەھبەرلىرىنىڭ بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتناشقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە شىۋېتلارمۇ نۇتۇقلار سۆزلەپ: «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» ئۈستىدە پىكىرلەر بايان قىلىشقان. تەشكىلات رەھبەرلىرى سۆزلىرىدە: «كۈندىن كۈنگە ناچارلىشىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى» توغرىسىدا توختالغان.

شىۋېتسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 2 جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە يەنە، ئۇيغۇر مويسىپىتلىرىدىن فارۇق سادىق ئەپەندىمۇ نۇتۇق سۆزلىگەن. پائالىيەتنىڭ ئاخىرىدا «شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا تارىخىي بىلىملەر» تېمىسىدا ياش-ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈپ، نەتىجە قازانغانلار ئىلھاملاندۇرۇلغان. پائالىيەت مەنىلىك ۋە قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە داۋام قىلغان.

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/ikki-jumhuriyet-shiwetsiye-11132018173952.html?searchterm:utf8:ustring=+%D8%B4%D9%89%DB%8B%DB%90%D8%AA%D8%B3%D9%89%D9%8A%DB%95

Share Button

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>