باش بەتكە قايتىڭ » جەمئىيەت پائالىيەتلىرى » ئۇپسالا ئۈنىۋېرستىتىدا شەرقىي تۈركىستان نىڭ نۆۋەتتىكى جىددى سىياسى ۋەزىيتى ھەققىدە دوكىلات بىرىلدى
ئۇپسالا ئۈنىۋېرستىتىدا شەرقىي تۈركىستان نىڭ نۆۋەتتىكى جىددى سىياسى ۋەزىيتى ھەققىدە دوكىلات بىرىلدى

ئۇپسالا ئۈنىۋېرستىتىدا شەرقىي تۈركىستان نىڭ نۆۋەتتىكى جىددى سىياسى ۋەزىيتى ھەققىدە دوكىلات بىرىلدى

ئويۇشمىمىز ئۇپسالا ئۇنىۋېرستېتى دا شەرقىي تۈركىستان نىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيتى ھەققىدە دوكلات بەردى
2019- يىلى 18- فېۋرال دۈشەنبە كۈنى ئۇپسالا ئۇنىۋېرستېتى دا، خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ شەرقى تۇركىستاندا يۈرگۈزىۋاتقان خاتا سىياسەت ۋە ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى قاتارلىق مەزمۇنلار توغرىسىدا مۇنازىرە شەكىلدە دوكلات بىرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يېغىنغا دېموكراتىيەنى ياقىلايدىغان ئۆكتىچى خىتايلار، فالۇڭگۇڭچىلار، تىبەت ۋە شەرقىي تۇركىستانلىق مۇتەخەسسىسلەر تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ،خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى سادىر قىلىۋاتقان بىر قاتار جىنايى قىلمىشلىرى ھەققىدە ئىلمى دوكلات بەردى.خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ شەرقى تۇركىستاندا تەسىس قىلغان قانۇنسىز جازا لاگىرلىرى ۋە جازا لاگىرلىرىدا سادىر قىلىنغان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ سابىق رەئىسى نىجات تۇرغۇن دوكلات بەردى. يىغىنغا شىۋېد ۋە چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار، ئۇيغۇرلار بولۇپ كۆپ ساندا كىشىلەر قاتناشتى .
يىغىندا خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ ئوقۇغۇچى قىياپەتتىكى شايكىلىرىمۇ سۆز تەلەپ قىلىپ، خىتاينىڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى، باشقىلارغا زۇلۇم قىلمايدىغانلىقىن ئاخبارات ئەركىنلىكى بار دېمۇكراتىك دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىر سۈرۈپ فاشىست خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى ئۇنسۇرلىرىنى ئاقلاپ كۇپ كۇندۈزدە يالغان ئېيتىپ بىلجىرلىدى.خىتاي تەرەپنىڭ پاكىتسىز ھىكايىسى يىغىن ئەھلىنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچراپ نەخ مەيداندا يەنە بىر قېتىم مات بولدى.خىتاي تەرەپكە كۇچلۈك قايتۇرما سوئال ئارقىلىق ئىلمى رەددىيە بەرگەن نىجات تۇرغۇن ”خىتايدا راستىنلا ئاخبارات ئەركىنلىكى بولسا، نېمە ئۈچۈن ئۇ يەردە سادىر بولغان ئاتالمىش (ئۈچ خىل كۈچنى قانۇن ئارقىلىق جازالاش،نورمال ئەمەس ئۇيغۇر خەلقىنى جازا لاگىرلىرىدا ئۆزگەرتىپ نورماللاشتۇرۇش قاتارلىق ئىنسان ھەقلىرىگە بىۋاسىتا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار خەلقئارا ئاخباراتتىن يۈشۇرلىدۇ؟جازا لاگىرلىرىغا قامالغان مەھبۇسلار نىڭ كۆپۇنچىسى دوكتور، مۇئەللىم، ئاكادېمىك قاتارلىق ئالى مەلۇماتلىق كىشىلەردۇر ،شۇنچە كۆپ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى تېررورىست، ھەممىسى رادىكال بىنورمال كىشىلەر بولىشى مۇمكىنمۇ“ دېگەنلەرنى تەمكىنلىك بىلەن ئورتىغا قويۇپ ئۆتتى.

Share Button

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>