باش بەتكە قايتىڭ » جەمئىيەت پائالىيەتلىرى » شىۋېتسىيە دۆلەتلىك تىلىۋېزىيە ئىستانسىسىSVT شەرقى تۇركىستاندىكى جازا لاگىرلىرى ھەققىدە مەخسۇس سۆھبەت پروگراممىسى ئىشلىدى
شىۋېتسىيە دۆلەتلىك تىلىۋېزىيە ئىستانسىسىSVT شەرقى تۇركىستاندىكى جازا لاگىرلىرى ھەققىدە مەخسۇس سۆھبەت پروگراممىسى ئىشلىدى

شىۋېتسىيە دۆلەتلىك تىلىۋېزىيە ئىستانسىسىSVT شەرقى تۇركىستاندىكى جازا لاگىرلىرى ھەققىدە مەخسۇس سۆھبەت پروگراممىسى ئىشلىدى

يېقىندىن بۇيان دۇنيادىكى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى شەرقى تۇركىستاندىكى ۋەھىمىلىك جازا لاگىرلىرى ۋە ئۇ لاگېرلاردا سادىر بولغان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ،ئۆلۈم يىتىم سەۋەبلىك كېلىپ چىقىۋاتقان ھەرخىل ئېغىر پاجىئە لەر ھەققىدە پىكىر قىلىپ كەلگەن ئىدى.
03-مارت يەكشەنبە كۈنى كەچ سائەت19:30دا «شىۋېتسىيە دۆلەت تىلىۋېزىيە شىركىتى» (SVT) شىۋېتسىيە دىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ شەرقى تۇركىستاندىكى ئۇرۇق تۇققانلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر كۈنلەر ھەققىدە مەخسۇس تېلېۋىزىيە پروگراممىسى ئۇيۇشتۇردى. پروگرامما رىياسەتچىسى ئەڭ ئاۋۋال ئۇيۇشمىمىزنىڭ يىڭى مەسئۇلى ئادەم غالىپ ئەپەندىنى ئىشلەۋاتقان ئىش ئورنى (خەلق ئاپتوبۇسى) ئۈستىدە زىيارەت قىلىپ ئۇنىڭ خىتاي قاماق خانىسىدىكى ئاتا ئانىسى ھەققىدىكى گۇۋاھلىقىنى تېلىۋۇزۇر كۆرگۈچىلەرگە ئاڭلاتتى.

تىلىۋېزىيە پىروگراممىسى نىڭ قالغان قىسمى ئۇيۇشمىمىزنىڭ ئىشخانىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ ،رىياسەتچى نوقتۇلۇق ھالدا ئۇيۇشمىمىزنىڭ سابىق مەسئۇللىرىدىن ئابدۇللا كۆكيار ئائىلىسى ۋە ئەخمەت تۇرسۇن ئائىلىسىنى زىيارەت قىلدى·ئابدۇللا كۆكيار ئەپەندى رىياسەتچىنىڭ سۇئالىغا جاۋاب قايتۇرۈپ مۇنداق پىكىر بايان قىلدى :ئاتا ئانام ۋە ئون بىر نەپەر بىر تۇغقان قېرىنداشلىرىم بىلەن تېلىفون ئارقىلىق بولسىمۇ ئەھۋال سورىشالمىغىلى توپ توغرا تۆرت يىلدىن ئاشتى،ئۇلار نىڭ بەزىلىرى ئۆز ۋاقتىدىلا يېزا دەرىجىلىك لاگىرلاردا ئىدى،ھازىر ئۇلار ھاياتمۇ ئەمەسمۇ بىلمەيمەن·ناتسىتلار گېرمانىيىسى 1933-يىللىرى (داخاۋ،ئۇرانىنبورغ،زاكسىنھاۋزىن)قاتارلىق رايۇنلىرىدا تەسىس قىلىپ يەھۇدىيلار نى سولىغان دەھشەتلىك لاگىرلار تاقالغاندا خەلقئارا (ئەمدى بۇنداق لاگىر دۇنيانىڭ ھېچ قانداق بىريىرىدە قايتا ئېچىلمايدۇ ،ئەسلا يول قويمايمىز )دەپ جاكارلىغان ئىدى ·لېكىن تولىمۇ ئەپسۇس! مەزكۇر لاگىرلادىن قىلچە پەرىقلەنمەيدىغان  بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ ۋەھشىرەك لاگىرلار 2017يىلنىڭ باشلىرىدا شەرقى تۈركىستان نىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت شەھەرلىرىدە قايتا تەسىس قىلىنغىلى باشلىدى · ھالا 2019 يىلى كىرگەن بولسىمۇ لاگىرلار تاقىلىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن ،ھە دەپ كېڭېيتىلمەكتە · ،ئۇيغۇر قازاق قاتارلىق شەرقى تۈركىستان خەلقى خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلىرىدىن پەرىقلىق مىللى خاسلىققا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈنلا بۇ لاگېرلاردا جازالىنىپ ئىرقى قىرغىنچىلىق تەھدىتلىرىگە دۇچ  كەلمەكتە.

Share Button

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>