شەرقى تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىنى پاش قىلىش رەسىم كۆرگەزمىسىگە تەكلىپ

شەرقى تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىنى پاش قىلىش رەسىم كۆرگەزمىسىگە تەكلىپ

بىر ئاۋاز، بىر قەدەم گۇرۇپپىسىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن  خەلقئارا مىقياسىدا ئىككىنچى قېتىم باشلانغان،ئۇيۇشمىمىزنىڭ ئاياللار بۆلۈمى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ۋەتەنپەرۋەر، مىللەتسۆيەر ۋە پىداكار خانىم قىزلار ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان « جازا لاگېرلىرىنى پاش قىلش رەسىم كۆرگەزمە»تەشۋىقات پائالىيتى ئالدىمىزدا كېلىۋاتقان 16-مارت شەنبە كۈنى،ستوكھولم شەھەرلىك (ABF)سارىيىدا باشلىنىدۇ. كۆرگەزمىگە خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ يىللاردىن بىرى ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاندا ئىنسانىيەتكە قارشى سادىر قىلغان تۈرلۈك جىنايى قىلمىشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان فوتو – سۈرەتلەر قويىلىدۇ،ئۇنىڭدىن سىرت يەنە نۆۋەتتىكى ۋەھىمىلىك جازا لاگېرلىرى ئىچىدە ئۈزلۈكسىز سادىر قىلىنىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى جانلىق نامايان قىلىدىغان ئالاھىدە تەكلىپلىك بىر نەچچە پارچە رەسىملەرمۇ قاتناشتۇرۇلىدۇ.
ئورنى: ستوكھولمدىكى ABF بىناسى Sveavägen 41, Stockholm

ۋاقتى: 2019- يىلى 16- مارت شەنبە كۈنى، سائەت 12:00- 16:00 گىچە.

ھۆرمەت بىلەن:

شىۋېتسىيە «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» گۇرۇپپىسى  ۋە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى

Share Button

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*