باش بەتكە قايتىڭ » خەۋەر » ئۆز خەۋىرىمىز » ئۆمەر بېكئالى شىۋېتسىيە پارلامېنتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىغا جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بەردى
ئۆمەر بېكئالى شىۋېتسىيە پارلامېنتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىغا جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بەردى

ئۆمەر بېكئالى شىۋېتسىيە پارلامېنتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىغا جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بەردى

DB7708F1-95E3-450F-A2B1-1BACCFACE746

جازا لاگىرلىرىنىڭ شاھىتى ئۆمەر بېكئالى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن 8-مارتتىن باشلاپ ياۋروپادا گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، ياخشى ئىنكاسلارنى پەيدا قىلماقتا. ئۇنىڭ لاگېرلار ھەققىدە بەرگەن گۇۋاھلىقلىرى بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئاساسلىق ئاخباراتلىرىدا خەۋەر قىلىنىپ، ئالاھىدە دىققەت قوزغىماقتا.

ئۆمەر بېكئالى شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تەكلىپى ۋە شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بىنائەن بۇ ھەپتە شىۋېتسىيەگە يېتىپ كەلدى. ئۆمەر بېكئالى ئەپەندىنىڭ شىۋېتسىيە زىيارىتى داۋامىدىكى تۇنجى پائالىيىتى 3-ئاپرېل كۈنى شۋېتسىيە سول پارتىيەسىنىڭ تاشقى ئىشلار بۆلۈمى مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈش بولدى.

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىلتىماسى، شىۋېتسىيە يېشىللار پارتىيەسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 4-ئاپرېل كۈنى ستوكھولم ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 8 دىن 9 غىچە ئۆمەر بېكئالى شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا خىتايدىكى جازا لاگېرلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى. بۇ يىغىندا ئۆمەر بېكئالى ئۆزىنىڭ لاگېردىكى 8 ئايغا سوزۇلغان قىيىن-قىستاق ۋە قورقۇنچلۇق قىسمەتلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئۇ بېشىدىن ئۆتكەن كەچۈرمىشلىرىنى تېخىمۇ ئوبرازلىق ئاڭلىتىش ئۈچۈن نەق مەيداندا پۇت-قوللىرىنى زەنجىر بىلەن باغلاپ تۇتۇپ سۆزلىدى.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ  زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۆمەر بېكئالى ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى، شىۋېتسىيە يېشىللار پارتىيەسىنىڭ تاشقى ئىشلار باياناتچىسى يانىنا خانىم، شىۋېتسىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ تاشقى سىياسەت بويىچە مەسئۇلى توماس ھامماربېرگ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ شۋېتسىيە شۆبىسى مەسئۇلى مونس مولاندېر ئەپەندى ۋە باشقا بىر قىسىم مۇھىم كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر يىغىندا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ شىۋېتسىيە شۆبىسى مەسئۇلى ئېچىلىش سۆزى قىلغان. ئۇ سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر ۋە قازاقلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمى بىلەن جازا لاگېرلىرىغا قامالغان كىشىلەر توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

ئۆمەر بېكئالى شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق خەلقلەر ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى توختىتىش، لاگېرلاردىكىلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشنى شۇنداقلا «ماگنېتسكىي قانۇنى» ئارقىلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشنى جىددىي تۈردە تەلەپ قىلغانلىقىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ تېگىشلىك ۋەدىسىگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۆمەر بېكئالى ئەپەندى شۋېتسىيە پارلامېنتىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدىن كېيىن شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىمۇ جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بەردى. گۇۋاھلىقتىن كېيىن ئۇلار بىلەن مۇھىم سۆھبەتلەردە بۇلدى. ئۇ يەنە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى شىۋېتسىيە شۆبىسىدىكىلەر بىلەنمۇ مۇھىم كۆرۈشۈشلەردە بولدى.

ئۆمەر بېكئالى ئەپەندى يەنە بۇ قېتىمقى ياۋروپانى ئايلىنىپ گۇۋاھلىق بېرىش ۋە ئاخباراتلارنىڭ زىيارەتلىرىنى قوبۇل قىلىش جەريانىدا قازاقىستاندا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان سېرىكجان بىلەشئوغلى بىلەن سايراگۈل ساۋۇتنىڭ تەقدىرى توغرىلىقمۇ مەلۇمات ئاڭلاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

قازاقىستاندا تۇرۇپ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى ھەققىدە ئەڭ ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» نىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئۆمەر بېكئالى مۇنداق دېدى: «سېرىكجان بىلەشئوغلى ۋە سايراگۈل ساۋۇتبايلارنىڭ تەقدىرىنىڭ قانداق بۆلىشى قازاقىستاننىڭ كەلگۈسىدىن، يەنى قازاقىستاننىڭ يېڭى پرېزىدېنتى قاسىم جومارت توقايېۋنىڭ قازاقىستاندا دېمۇكراتىيەنى قانچىلىك دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرىدىغان ياكى سۈرمەيدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ.»
ئۇيغۇر ۋە قازاق قېرىنداشلىرى ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىشنى توختاتماي كېلىۋاتقان قازاقىستان پۇقراسى ئۆمەر بېكئالى ئەپەندىنىڭ شىۋېتسىيە زىيارىتى مەزگىلىدە شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ سابىق رەئىسى ۋە ھازىرقى ھەيئەت ئەزاسى نىجات تۇرغۇن ئەپەندى بىخەتەرلىك ئۈچۈن ئۇنىڭ قېشىدىن ئايرىلماي بىللە تۇردى. ئۇ جازا لاگېرىدىن تىرىك چىققان ئاز ساندىكى شاھىتلارنىڭ بىرى بولغان ئۆمەر بېكئالىنىڭ شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا بەرگەن لاگېرلار ھەققىدىكى جانلىق گۇۋاھلىقىنىڭ كۈچلۈك تەسىر قوزغىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈنۈملۈك بىر نەتىجە بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نىجات ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، ئۆمەر بېكئالىنىڭ شىۋېتسىيەدىكى زىيارەت ۋاقتى تولىمۇ قىسقا بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ پائالىيەتلىرى ئىنتايىن زىچ ۋە ئۈنۈملۈك بولغان. ئۇ بۈگۈن شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەندىن كېيىن شىۋېتسىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
ئۆمەر بېكئالى ئەپەندى شىۋېتسىيە زىيارىتى جەريانىدا يەنە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتنىشىدىكەن ۋە شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىسىم مۇھىم ئورۇنلىرى بىلەن ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارىدۇ.

Share Button

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>