نامايىش  چاقىرقى

نامايىش چاقىرقى

ئەسەبىي  خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئالۋاستىلار كۈندىن-كۈنگە غالجىرلىشىپ  شەرقى تۇركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىغا يىغىۋېلىنغان ئۈچ  مىليۇن  نەپەردىن  ئارتۇق بىگۇناھ  شەرقى تۇركىستانلىق مەھبۇسلارنىڭ قولىغا ئالدىدىن ھازىرلانغان  ھۆكۈمنامە لەرنى تارقىتىپ ،ئۇلارنى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى رەسمى  قاماقخانا لارغا تەقسىم قىلىپ يۆتكەش ئارقىلىق جازا لاگىرلىرىدىكى سان-ساناقسىز  مەھبۇسلارنى  تارقاقلاشتۇرۇپ جازالاشنىڭ كويىدا بولماقتا· خىتاي كوممۇنىست  تاجاۋۇزچى  ئۇنسۇرلىرى  ئۆزىنىڭ ئىنسانىيەتكە  قارشى  سادىر قىلىۋاتقان ئېغىر  جىنايى قىلمىشلىرىنى خەلقارا  جەمىيەتتىن  سىر  تۇتۇش،گۇۋاھچىلارنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق ئىز  يوقۇتۇپ خەلقارا جەمىيەتنىڭ كۆزىنى بوياپ ،ئىنسانىيەتكە قارشى سادىر قىلىۋاتقان  زور كۆلەملىك جىنايى قىلمىشلىرىنىڭ ھەجمىنى كىچىكلىتىپ كۆرسىتىش ،كىچىكلىرىنى يوق  دەپ  تېنىۋېلىش ،ماھىيتىنى ئۆزگەرتىپ بۇرمىلاش  ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ بىگۇناھ ئاممىنىڭ جېنىغا زامىن بولۇش  ۋە جىنايى  قىلمىشلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىدىن  قېچىشقا ئۇرۇنماقتا ·ئۇشبۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئسىكەندىناۋىيا دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇر  تەشكىلات رەھبەرلىرىنىڭ ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ زىچ  ھەمكارلىشىشى نەتىجىسىدە «سكاندىناۋىيە ئەركىنلىك يۈرىشى »نامىدا زور  كۆلەملىك  ئايلانما نامايىش  قىلىش  قارار  قىلىندى ·ئۈشبۇ نامايىشنىڭ تۈنجى قەدەملىك مەيدانى  مۇشۇ  ئاينىڭ(ئاپرېل ئېيىنىڭ)28-كۈنى  شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى ستوكھولمدا ،ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ساھىبخانلىق قىلىشىدا،ئىككىنچى قەدەملىك مەيدانى  كىلەر ئاينىڭ (ماي ئېيىنىڭ4-كۈنى) نۇرۋىگىيەنىڭ  پايتەختى ئوسلودا ،نۇرۋىگىيە ئۇيغۇر كومتېتى نىڭ  ساھىبخانلىق قىلىشىدا،شۇنداقلا سىكاندىناۋىيە دۆلەتلىرىدە  ياشاۋاتقان بارلىق ئۇيغۇر  ئاممىسىنىڭ  پائال  ئىشتىراك  قىلىشىدا ئۇرۇندىلىشى  قارار  قىلىندى. كەڭ  ئۇيغۇر  جامائىتىنىڭ ئۇشبۇ  ئايلانما  نامايىشنى  قىزغىن  قوللاپ قۇۋۋەتلىشىنى،تەلەپ قىلىمىز !   ھۆرمەت بىلەن : UUF ۋە NUK

Share Button

جاۋاپ يېزىڭ