باش بەتكە قايتىڭ » جىددىي ئۇقتۇرۇش » 1- ئۆكتەبىر كۈنى ياۋروپا پارلامېنتى ئالدىدىكى بىرلەشمە نامايىشقا چاقىرىق
1- ئۆكتەبىر كۈنى ياۋروپا پارلامېنتى ئالدىدىكى بىرلەشمە نامايىشقا چاقىرىق

1- ئۆكتەبىر كۈنى ياۋروپا پارلامېنتى ئالدىدىكى بىرلەشمە نامايىشقا چاقىرىق

خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى ئۇنسۇرلىرى ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغانلىقىنىڭ 70 نەچچە – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ياۋروپا پارلامېنتى ۋە ياۋروپا كومىسيونى ئالدىدا كەڭ كۆلەملىك بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلىدۇ.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشەببۇسى ، بىلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ياۋروپادىكى ھەر دەرىجىلىك شەرقى تۇركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ پائال قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن، 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى،ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننى مۇستەبىت خىتاي كوممۇنىست ئالۋاستىلار ئىشغال قىلغانلىقىنىڭ 70 – يىلغا قەدەم قويغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ۋە فاشىست خىتاي دائىرلىرىنىڭ نۆۋەتتە خەلقىمىزگە قارىتا رەھىمسىزلەرچە يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئەيىبلەش ۋەئۇلارنىڭ قەبىھ ئەپتى بەشرىنى خەلقى ئالەمگە پاش قىلىش مەقسىتىدە، ياۋروپا پارلامېنتى ۋە ياۋروپا كومىسيونى ئالدىدا كەڭ كۆلەملىك بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلىدۇ.

بۇ قېتىمقى بىرلەشمە نامايىش 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى، بىلگىيە ۋاقتى سائەت 11 دە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئالدىدا باشلىنىپ، چۈشتىن كەيىن سائەت 15 تە ياۋروپا كومىسيونىنىڭ ئالدىدا ئاخىرلىشىدۇ. ھەرقايسى دۆۋلەتتىن كەلگەن نامايىشچىلار ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئالدىدىن ياۋروپا كومىسيونىنىڭ ئالدىغىچە بۈيۈك يۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ.
ئۇيۇشمىمىز ،شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنى خەلقارا سەھنىلەردە تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيىدە ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ تۈرلىك چارە – تەدبىرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان مۇزاكىرىلەردە -ئاكتىپ رول ئويناپ10 – ئاينىڭ 01 – كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئالدىدىن ياۋروپا كومىسيونىنىڭ ئالدىغىچە بولغان مۇساپىدە بۈيۈك بىر يۈرۈش شەكلىدە ئۆتكۈزۈلىشى پىلانلىنىۋاتقان نامايىشنى قىزغىن قوللىدى.
ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كۈچىنى ئاساس قىلغان بۇ قېتىمقى بۈيۈك نامايىشنى گېرمانىيە، نورۋېگىيە، گوللاندىيە، شىۋېتسىيە، شىۋىتسارىيە، ئەنگىلىيە، فرانسىيە، بېلگىيە ۋە فىنلاندىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە جامائەت ۋەكىللىرى ھەمدە سىياسىي ئاكتىپلار, دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ تەشكىللەيدۇ. بۇ نامايىشقا ياۋرۇپادىكى تۈرك ۋە باشقا قېرىنداش مىللەتلەر، ئۇيغۇر دەۋاسىغا ھېسداشلىق قىلىۋاتقان ياۋرۇپالىق دوستلارمۇ كەڭ دائىرىدە سەپەرۋەر قىلىنىدۇ.
شىۋېتسىيەدىكى بارلىق شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ ئۈشبۇ نامايىشقا ئاكتىپ قاتنىشىشىنى ۋە تەشكىلات رەھبەرلىرىنى دوست دۈشمەنلەرنىڭ ئالدىدا يالغۇز قويماسلىقنى تەلەپ  قىلىمىز!
ھۆرمەت بىلەن:
شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى

Share Button

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>