باش بەتكە قايتىڭ » ماقالىلار » شىۋېتسىيەدە ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا داىر ماتېرىاللار ۋە ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى
شىۋېتسىيەدە ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا داىر ماتېرىاللار ۋە ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى

شىۋېتسىيەدە ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا داىر ماتېرىاللار ۋە ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى

شۈكۈر مۇھەممەت
تارىخى بايانلارغا ئاساسلانغاندا شىۋېتسىيە ياۋرۇپادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمى ئەڭ بالدۇر يەتكەن زىمىنلارنىڭ بىرى ھېساپلانسا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنى بولغان تارىم بوستانلىقى، جۇڭغار ۋادىلىرىمۇ شىۋېتلار ئۈچۈن ئۈچ يۈز يىللار ئىلگىرى قەدەم باسقان سىرلىق زىمىنلارنىڭ بىرىدۇر. گەرچە بۈگۈنكى شىۋېت خەلقى ئۆزلىرىنىڭ يىلتىزىنىڭ قەشقەر بوستانلىقىغا باغلىنىدىغانلىقىدەك بىر رىۋايەتنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمىسىمۇ ئەمما ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بىر تۈركۈم شىۋېتسىيەلىكلەرنىڭ قەشقەر بوستانلىقىدا پاالىيەت ئېلىپ بارغانلىقىدەك بىر تارىخنىڭ مەۋجۇتلىقىنى بىلىدۇ. ئۆزلىرىنىڭ باسقان ئىزلىرىدىن، ياشىغان ئۆمۈرىدىن، ئېلىپ بارغان ئىش-پاالىيەتلىرىدىن تارىخ قالدۇرۇشقا ئادەتلەڭەن شىۋېت خەلقى بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارغا ۋاكالەتەن قىممەتلىك ماتىرىاللارنى ئۆز قوينىدا ساقلىماقتا. تارىخ يارتىشنى بىلىپ، ئۇنى ساقلاشنى بىلمىگەن خەلىق ئۇنىڭ ئىز-دېرىگىنى قىلىشنىمۇ ئانچە خالاپ كەتمەسلىكى مۈمكىن. شىۋېتلەر ئۈچۈن قىممەتلىك، ئامما بۈگۈن بىز ئۈچۈن ئانچە قىممەتلىك تۇيۇلمىغان بۇ ماتېرىاللار كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى تارىخىمىزنى يورۇتۇپ بېرىشتىكى بىر مەنبە بولۇپ قېلىشى مۈمكىن. شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىاللار ئاساسەن تۆۋەندىكى ئورۇنغا مەركەزلەشكەن.

1.لۇند ئۇنىۋېرسىتېتى كۈتۈپخانىسى.
لۇند ئۇنىۋېرسىتېتى شىۋېتسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئوتتۇرھال شەھەر لۇندقا جايلاشقان بولۇپ، گۇستاۋ راكېت، گۇننار ياررىڭ قاتارلىق ئۇيغۇرشۇناسلار بۇ يەردە ئوقۇغان ۋە خىزمەت قىلغانلىغى بىلەن مەشھۇردۇر. ھازىر بۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ يەر ئاستى كۈتۈپخانىسىدا “گۇننار ياررىڭ ساقلانمىلىرى” نامىدا بەش يۈز ئاتمىش پارچە قول يازما ماتېرىال ساقلانماقتا. بۇ ماتېرىاللارنى گۇننار ياررىڭ قەشقەردە تۇرغان مەزگىلدە ئۇيغۇرلارنىڭ قوللىرىدىن ناھايىتى ئەرزەن باھادا سېتىۋالغان ۋە كېرەكسىز گېزىت پارچىلىرىغا تېگىشىۋالغان. بۇ ماتېرىاللار ئۇيغۇر، ئەرەپ، پارىس تىللىرىدا يېزىلغان بولۇپ، ئەڭ بالدۇرى ئون ئالتىنچى ئەسىرگە ئاىت بولسا، كېيىنكىسى ئون توققۇزىنچى ئەسىرلەرگە ئاىتتۇر. بۇ قول يازمىلارنى مەزمۇن جەھەتتىن ئىنچىكە تارماق تۈرلەر بويىچە ئىپادىلەش قىيىن بولسىمۇ ئامما چوڭ جەھەتتىن تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە تۈرلەرگە بۆلۈشكە بولىدۇ. بىرىنچى: رىسالە تىپىدىكى قول يازمىلار، ئىككىنچى: تەزكىرىلەر، ئۈچىنچى: ھېكايەتلەر، تۆرتىنچى :دىنىي تۈس ئالغان ھەر خىل پۈتۈك، بەشىنچى :دۇا، قىسسە ۋە قوللانمىلار، ئالتىنچى:تارىخىي ئەسەرلەر، يەتتىنچى: ئەدەبىي ئەسەرلەر، شېىر، غەزەللەر، سەككىزىنچى: باشقا ھەر خىل تېمىدىكى ئەسەرلەر.
بۇ قول يازمىلارنىڭ تەپسىلىي تىزىملىكى لۇند ئۇنىۋېرسىتېتى تور بېكىتىنىڭ “گۇننار ياررىڭ ساقلانمىلىرى” نامىدىكى تور بېتىگە تەپسىلىي سېلىنغان بولۇپ، ھەممە قول يازمىلارنىڭ مۇقاۋىسى ۋە بىرىنچى بېتىنىڭ فوتوكوپىيىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

2. ستوكگولۇم ئۇنىۋېرسىتېتى كۈتۈپخانىسى

ستوكگولۇم ئۇنۋېرسىتېتى ستوكگولۇم شەھىرىنىڭ شەرقى تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، شىۋېتسىيەدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ. گۇننار ياررىڭ ئۆمۈرىنىڭ ئاخىرىدا ئۆزى ئۆمۈر بويى يىغىپ، ساقلىغان ماتېرىاللارنى ، مىڭ پارچىدىن ئارتۇق ئۇيغۇرچە كىتاپ، گېزىت، ئىككى ژۇرنال ۋە باشقا ماتېرىاللارنى ستوكگولۇم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىگە ھەدىيە قىلغان بولۇپ، بۇ ماتىرىاللار مەكتەپ كۈتۈپخانىسىغا قويۇلماي، ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات مەركىزى جايلاشقان بېنانىڭ ئاستىدىكى بىر ئۆيگە تىزىپ قويۇلغان. مەن 2005-يىلى ۋە 2007 -يىلى بۇ ماتىرىاللارنى ئىككى قېتىم كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولغان ئېدىم. بىراق ھازىر ستوكگولۇم ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات مەركىزى تاقىۋېتىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىگە مەسھۇل پروفېسسور بىرگىت خانىم ھازىر ئىستانبۇلدىكى ئىستانبۇل ئىنستىتۇتىغا خىزمەتكە چۈشۈپ، بۇ ماتېرىاللارنىڭ ھەممىسىنى ئىستانبۇلغا يۆتكەپ كەتتى. مەن بۇ يەردە پولات قادىرنىڭ “ئۆلكە تارىخى” نامىدىكى تارىخى كىتابىنى، 1933-يىلى نەشىر قىلىنغان “ئىستىقلال گېزىتىنىڭ تۇنجا سانىنى، شىڭشىسەي ئۈرۈمچىدە ئاچقان ھەربىي مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلار قاىدىسى ۋە تۈرمە باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرىنى كۆرگەن ئېدىم.

3.ھۆكۈمەت ئارخىۋخانىسى
شىۋېتسىيە ھۆكۈمەت ئارخىۋخانىسى ستوكگولۇمنىڭ شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان داڭلىق ئارخىۋخانىلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ يەردە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم قىممەتلىك تارىخى رەسىملەر، ھەرخىل ماتېرىاللار، سىن لېنتىلىرى، ئۈن لېنتىلىرى ساقلانماقتا.
ئارخىپخانىنىڭ ماتېرىاللار تىزىملىكىگە شەرقى تۈركىستان نامىدا بىر تور ئېچىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا 159 قاپ ماتىرىالنىڭ تىزىملىگى بېرىلگەن. ھازىر تورلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك تارىخىي رەسىملەرنىڭ كۆپىنچىسى ئەشۇ ئارخىپخانىدا ساقلانغان رەسىملەردىن كەلگەن. بۇ يەردە ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك سىن لېنتىلىرى ئاڭلىيەلىك جامىس ئەپەندى ۋە ئەنۋەر توختىلارنىڭ بىرلىكتە ھەمكارلىشىشى بىلەن “شىنجاڭ ۋىدېو پروجېكىتى”نامىدا تەييارلىنىپ، تور يۈزىدە كۆرەرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى. جامىس ئەپەندى ۋە ئەنۋەر توختىلارنىڭ كېيىنكى قېتىملىق شىۋېتسىيە سەپىرىدە بۇ ئارخىپخانىدا ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئۈن لېنتىلىرىنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈش مەقسىتىدە ئېلىپ كەتكەن ئېدى. بەلكىم ئۇلارمۇ ھازىر تور يۈزىدە ئېلان قىلىنغان بولۇشى مۈمكىن.

4. ئېتنوگرافىيە مۇزېيى

گېدىن سۋېن ئاندېرس (1865-1952)، شۋېد.
ئېتنوگراپىيە مۇزىېيى ستوكگولۇمنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان داڭلىق مۇزېيلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەر خىل مىللەتلەرنىڭ تارىخى، مەدەنىيەت ،ئەنەنىسى ۋە ياشاش شەكلىگە مۇناسىۋەتلىك ئاسارە-ئەتىقىلەر كۆرگەزمىگە قويۇلغان. مۇزېيدا شىۋېتسىيەلىك تەۋەككۈلچى سۋېن ھېدىن ئۈچۈن مەخسۇس بىر بۆلۈم ئاجرىتىلغان بولۇپ، بۇ بۆلۈمگە سۋېن ھېدىن تارىم ئويمانلىقىدىن،چەرچەن،چارقىلىق،قەشقەر،خوتەن،تەكلىماكان قۇملۇقلىرىدىن، بوستانلىقلىرىدىن بايقىغان ۋە قېزىۋالغان سارە-ئەتىقە بايلىقلىرىدىن ئۆرنەكلەر قويۇلغان. بۇ يەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداتلىرى ياسىغان ساپال قاچىلارنى، توغراقتىن ياسىغان ياغاچ ئويمىلارنى ۋە قەدىمىي رەخت پارچىلىرىنى ئۇچرىتىشقا بولىدۇ.

5.شىۋېتسىيە مىسسىيونېرلار ئارخىپخانىسى
شىۋېتسىيە مىسسىيونېرلار ئارخىپخانىسى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك زور مىقداردىكى ماتىرىاللار ساقلىنىۋاتقان يەنە بىر ئارخىپخانا بولۇپ، بۇ يەردىكى ماتىرىاللار ئۇزاق يىللاردىن بېرى رەتلەنمەي تاشلىنىپ قالغانلىغى ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ بىلىش داىرىسىدىن چەتتە قالغان. دوكتور ئەسەت سۇلايمان 2004-يىلى بۇ يەرنى زىيارەت قىلغان تۇنجا ئۇيغۇر زىيالىسى بولۇشى سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر جاماىتىگە ئاشكارىلىغاندىن كىيىن بۇ يەرنى زىيارەت قىلىدىغان ۋە بۇ يەرگە قىزىقىدىغانلارنىڭ سانى بارغانچە كۆپەيمەكتە. بۇ يەردە ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان بىر قىسىم قول يازمىلار، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قەشقەر باسمىخانىسىدا بېسىلغان ھەر خىل كىتاپلار ۋە باشقا بۇيۇملار بولغاندىن سىرت ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر تۈركۈم رەسىملەر ساقلانماقتا. ئارخىپخانا ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە ئارخىپخانا بۇ يىل بىرىنچى ئايدىن باشلاپ بۇ ماتېرىاللارنى رەتلەش، تىزىملاش ۋە كومپيۇتېرغا سېلىش خىزمىتىنى باشلىغان بولۇپ، ئارخىپخانا ئامبىرىدا سۇلىياۋ لېنتىدا ساقلىنىۋاتقان يەنە بىر تۈركۈم ئاشكارىلانمىغان يېڭى رەسىملەر كومپيۇتېرغا ئېلىنغان ۋە قەغەز يۈزىگە چۈشۈرۈلگەن. ئەمما ئارخىپخانىنى كۆچۈرۈش سەۋەبىدىن ئارخىپخانىدىكى بىر قىسىم ماتىرىاللارنى ھۆكۈمەت ئارخىپىخانىسىغا تاپشۇرۇۋەتكەن.

6.شىۋېتسىيە مۇزىكا ئارخىپخانىسى
شىۋېتسىيە مۇزىكا ئارخىپخانىسى شىۋېتسىيەدىكى ئەڭ ئاساسلىق مۇزىكا ئارخىپخانىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ يەرگە ئۇيغۇر سەنەتكارى كۈرەش سۇلتان كۆسەننىڭ يىغىپ ساقلىغان ماتىرىاللىرى، قول يازمىلىرى ،شەخسىي خەت-چەكلىرى، مۇزىكا ئەسەرلىرى، سەنەت بۇيۇملىرى ۋە مۇزىكا ئەسۋاپلىرى قويۇلغان. كۈرەش كۆسەڭە مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئۇچۇرلار ئارخىپخانىنىڭ كومپيوتۇرىغا كىرگۈزىلگەن بولۇپ، كۈرەش كۆسەن توغرۇلۇق ئۇچۇر ئىزدىگۈچىلەر ئۇ يەردىن بېمالال تاپالايدۇ. كۈرەش كۆسەننىڭ “ئەركەك سۇ ” نامىدىكى ناخشا لېنتىسى شىۋېتسىيەدىكى خەلق مۇزىكىلىرىنى باھالاشتا 2011-يىلدىكى ئەڭ نادىر ئون ئۈن لېنتىىنىڭ ئىككىنچىسى بولۇپ باھالاندى.
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت

Share Button

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>