باش بەتكە قايتىڭ » جەمئىيەت پائالىيەتلىرى » ئۇيغۇرلار بىلەن خوڭكوڭلۇقلار ھەمكارلىشىپ شىۋېتسىيە نىڭ پايتەختى ستوكھولم شەھىرىدە خوڭكوڭلۇقلارنى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزدى
ئۇيغۇرلار بىلەن خوڭكوڭلۇقلار ھەمكارلىشىپ شىۋېتسىيە نىڭ پايتەختى ستوكھولم شەھىرىدە خوڭكوڭلۇقلارنى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزدى

ئۇيغۇرلار بىلەن خوڭكوڭلۇقلار ھەمكارلىشىپ شىۋېتسىيە نىڭ پايتەختى ستوكھولم شەھىرىدە خوڭكوڭلۇقلارنى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزدى

شىۋېتسىيە دە يېقىندىن بېرى ئارقا ئارقىدىن خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئەركىنلىك كۆرۈشىنى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزىلىۋاتقان بولۇپ،9-ئاينىڭ29-كۈنى يەنە بىرقېتىم داغدۇغىلىق بىر نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.  بۇ ، نۆۋەتلىك نامايىشنى ئۇيۇشمىمىز شىۋېتسىيە دە ياشاۋاتقان بارلىق ئۇيغۇرلارنى سەپەرۋەر قىلىپ ئالاھىدە قوللىدى. ئۇيۇشمىمىز نىڭ سابىق رەئىسى ۋە سىياسى مەسلىھەتچىسى نىجات تۇرغۇن ئەپەندى مەزكۇر نامايىش نەق مەيدانىدىن شىۋېتسىيە دۆلەتلىك تىلىۋىزىيەسى SVT نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى ئالۋاستىلار 1997يىلى ھوڭكۇڭنى باشقۇرۇپ ئىدارە قىلىش ھەققىدە ”بىر دۆلەتتە ئىككى خىل ئايرىم تۈزۈم بەرپا قىلىش ” توغرىسىدا ئەنگىلىيە بىلەن بىرلىكتە قول قويغان شەرتنامە ۋە بىر يۈرۈش خەلقارا ئىنسان ھەقلىرى ئەھدىنامىلىرىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىپ ھوڭكوڭ خەلقىنىڭ قانۇنلۇق نارازىلىق نامايىشلىرىغا پىسەنت قىلماي باستۇرۇپ بىمەنە قانۇن چىقىرىپ ھۇڭكوڭلۇقلارنىڭ كەلگۈسى ھايات يوللىرىنى قىيىنلاشتۇرۇشنىڭ پىشىگە چۈشىۋاتىدۇ.شەرقى تۇركىستاندا بولسا قانۇنسىز جازا لاگىرلىرىنى تەسىس قىلىپ مىڭە يۇيۇش ، دۇنيا مەدەنىيتىنىڭ رەڭدارلىقىغا قارشى تۇرۇش قاتارلىقلارنى نىشان قىلغان ئىرقى قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ . ئاتا ئانام نىڭ نەدە ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئۇچ يىلدىن بىرى ھېچ قانداق بىر خەۋەر يوق ، ئالاقە قىلالمايۋاتىمەن، خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى ئۇنسۇرلىرى بىرەرسىنىڭ چەت ئەلدىكى ئۇرۇق تۇققانلىرى بىلەن ئالاقە قىلغانلىقىنى جىنايەت ھېسابلايدۇ .» بىر قانچە كۈندىن بېرى تاراتقۇلاردا خوڭكوڭدىكى نامايىشچى بىر قىزنىڭ نامايىشچىلارغا خىتاب قىلىپ، «ئەگەر بىز مەغلۇپ بولساق شىنجاڭدىكى جازا لاگېرىدىكىلەرنىڭ كۈنىگە قالىمىز» دېگەنلىكى كەڭ تارقالغان بولۇپ، ئۇ قىز نامايىش جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، مەن 90-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان، ئۇچۇر-تېخنىكا ساھەسىدە ئىشلەيدىغان بىر خوڭكوڭلۇقمەن. 30 يىللىق ھاياتىمدىن شۇنى ھېس قىلدىمكى، خوڭكوڭنىڭ دېموكراتىيەسى ئۈچۈن خىتاي كومپارتىيەسىنى ئاغدۇرمىساق بولمايدۇ. سىلەرنىڭ ھەرىكىتىڭلار خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ زاۋاللىق دەرۋازىسىنى ئاچتى. بىز ئۆزىمىزنىڭ ھەققانىي ھەرىكىتىدىن ۋاز كەچسەك شىنجاڭدىكى جازا لاگېرىدىكىلەرنىڭ كۈنىگە قالىمىز. شۇنداق دېيەلەيمەنكى، ئەگەر بىز مەغلۇپ بولساق، خوڭكوڭ شىنجاڭغا ئايلىنىدۇ، ئۇ چاغدا بىز جازا لاگېرلىرىدا ئۆلۈشكە مەجبۇر بولىمىز.»

Share Button

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>