باش بەتكە قايتىڭ » خەۋەر » ئۆز خەۋىرىمىز » كېچە ناملىق تەرجىمە كىتاب نەشىردىن چىقتى
كېچە ناملىق تەرجىمە كىتاب نەشىردىن چىقتى

كېچە ناملىق تەرجىمە كىتاب نەشىردىن چىقتى

89CC77C9-AAB4-4D59-A866-1DC21EDBB175

مول ھۇسۇللۇق يازغۇچى  ئابدۇشۇكۇر  مەمەت نىڭ (كىچە ) ناملىق شىۋىدچە  كىتابىنىڭ  نەشىردىن چىققانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 12-ئۆكتەبىر  چۈشتىن كىيىن شىۋېتسىيەنىڭ  ئىكۆرۆ رايۇنىغا جايلاشقان مەدەنىيەت مەكىزى زالىدا  كىتاب تونۇشتۇروش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ئۇيۇشمىمىز ”شىۋېتسىيە ئۇيغۇر  مائارىپ ئۇيۇشمىسى ”مەزكۇر كىتاب تونۇشتۇروش  يىغىنىنى  سەمىيمى قوللىدى.ئۇيۇشمىمىز نىڭ سابىق مەسئۇللىرىدىن ئابدۇللا كۆكيار  يىغىندا سۆز قىلىپ  ئاپتۇرنىڭ بۇ مىننەتسىز  مەنىۋى ئەمگەك مىھنىتىگە يۇقىرى باھا بەردى ۋە ئۇيۇشمىمىز نامىدىن قىزغىن تەبرىكلىدى. ئاپتۇر  ئابدۇشۇكۇر  ئۆزىنىڭ كىتابى ھەققىدە يىغىن ئەھلىگە مەلۇمات بىرىپ مۇنداق دىدى :ۋەتىنىمىز شەرقى تۇركىستاندا ۋەزىيەت كۈندىن كۈنگە ناچارلىشىپ نۇرغۇن ۋەتەنپەرۋەر  ئوت يۈرەك شائىرلار ،جازا  لاگىرلىرىغا قامىلىپ ئۇيغۇر تىلى ئەدەبىياتىنىڭ ئىستىقبال ئۇپىقى غۇۋالىشىشقا قاراپ كىتىۋاتقانلىقىدىن دائىم ئىچىم سىقىلىپ تۇراتتى ئۆتكەن يىلى ئۇپىسالا يۇنىۋىرسىتى ئۇيغۇر  تىلى بۆلىمىدە ئىشلەيدىغان دوستۇم ”لارش “ خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان يىتۇك ئۇيغۇر  شائىرلار نىڭ شىئىرلىرىدىن تاللاپ شىۋېد چىغا تەرجىمە قىلىشىمنى ، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر  ئەدىبىياتىنى شىۋىد خەلقىگە تۇنۇشتۇرغاندىن سىرت ئۇيغۇر ئەدەبىياتى دۈچ كەلگەن خىرىسلارنىمۇ خەلىق ئالەمگە پاش قىلىش نىڭ ئىمكانىيتى بارلىقىنى ئىلگىر سورۇپ ماڭا مەدەت بەردى ، شۇنىڭ تۆرتكىسىدە قىزىم پىلۇرە ئىككىمىز  بۇ جاپالىق ئىشقا قەدەم بېسىپ ئاخىرى قولۇڭلاردىكى ”كېچە”ناملىق كىتاپنى  نەشىر قىلىپ چىقاردۇق .كۆرگىنىڭلاردەك كىتاپ جەمى64بەتتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ ، بۇنىڭغا 1900-يىللاردىن كىيىن تۇغۇلغان  بىر قىسىم ئۇيغۇر شائىرلار نىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك بىر قانچە شېئىرلىرى  كىرگۈزۈلدى.مەزكۇر شېئىرلارنىڭ كۆپىنچىسىدە زۇلۇم  زوراۋانلىققا بولغان قارشىلىق سادا شۇنداقلا ھۆرلۈك ۋە ئەركىنلىككە بولغان  ئىنتىلىش قاتارلىق يۈكسەك ئىدىيەلەر  ھەرخىل ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلار  بىلەن يۇشۇرۇن ئىپادىلەنگەن .يىغىندا يەنە ياۋرۇپا ئۇيغۇر ئاكادىمىيسىنىڭ قۇرغۇچى ھەيئەت ئەزالىرىدىن زۇلھايات ئۆتكۈر خانىم  ئۆزىنىڭ  نۇزۇگۇم روھىغا ئاتاپ يازغان ئىجادى شىئىرلىرىدىن بىر نەچچە كۇبلىت دىكلىماسىيە قىلىپ سورۇننى لەرزىگە سالدى.

Share Button

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>