خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى ئالۋاستىلار كۈندىن كۈنگە غالجىرلىشىپ ، شەرقى تۇركىستاندا كۈلەملەشكەن جازا لاگىرلىرىنى تەسىس قىلىپ ئۈچ مىليۇن نەفەردىن ئوشۇق بىگۇناھ خەلىقنى ئەشۇ ۋەھىيمىلىك لاگىرلارغا قاماپ،مەھبۇسلارغا ئېغىر دەرىجىدىكى روھى ۋە تەن جازالىرىنى ئىجرا قىلىپ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتىدۇ . ھوڭكۇڭ دا بولسا ، دېمۇكراتىيە سۆيەر ھوڭكۇڭ خەلقىنىڭ تىنىچ شەكىلدە ئېلىپ بارغان نارازىلىق نامايىشلىرىنى قانلىق باستۇرۇپ ئىنسان ھەقلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىپ خەلىقنىڭ ئەركىنلىكىنى بوغۇۋاتىدۇ . بۇ، مۇناسىۋەت بىلەن ، ئۇيۇشمىمىز ”شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ”شىۋېتسىيە دىكى ھوڭكۇڭ، تىبەت ، خەلقىنىڭ تەشكىلات ۋەكىللىر ۋە شىۋېتسىيە دىكى بىر قىسىم ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى بىلەن پائال ھەمكارلىشىپ ، 11-ئاينىڭ24-كۈنى يەكشەمبە سائەت 14:00 تە پايتەخت سىتوكھولم نىڭ ئاۋات مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان Odenplan da دا بىرلەشمە نامايىش ئۇرۇنلاشتۇردى . شىۋېتسىيە دىكى بارلىق ئوت يۈرەك شەرقى تۇركىستانلىقلارنى ئۇشبۇ نامايىشنى قوللاپ ئىشتىراك قىلىشقا چاقىرىمىز ! ھۆرمەت بىلەن : شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى
