شىۋېتسىيەدە ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە خوڭكوڭلۇقلار بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزدى

شىۋېتسىيەدە ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە خوڭكوڭلۇقلار بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزدى

نويابىر كۈنى ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار شىۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولم شەھىرىدە خىتايغا قارشى بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزدى.

مەركىزى سىتوكھولمدىكى «شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى» نىڭ مەسئۇللىرىدىن ئابدۇللا كۆكيار ئەپەندىنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 24-نويابىر كۈنى شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىرلىشىپ، سىتوكھولم شەھەر مەركىزىدە خىتايغا قارشى بىرلەشمە نامايىش ئېلىپ بارغان.

ئابدۇللا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى بىرلەشمە نامايىشنىڭ مەقسىتى دۇنيا جامائىتىنىڭ نەزىرىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىگە ھەمدە خىتاينىڭ ئېغىر زۇلۇملىرىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە خوڭكوڭلۇقلارغا يەنە بىر قېتىم مەركەزلەشتۈرۈش ئىكەن.

«شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى» نىڭ مەسئۇللىرىدىن نىجات تۇرغۇن ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە بىزنى بەزى مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىدى. ئۇ سۆزىدە دۇنيا جامائىتىنىڭ نەزىرى خوڭكوڭ ۋە شەرقىي تۈركىستانغا مەركەزلىشىۋاتقان مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە خىتاي زۇلۇمىغا ئورتاق ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ بىرلىشىپ خىتايغا قارشى نامايىش ئۇيۇشتۇرۇشىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

بۇ قېتىمقى نامايىشتا ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكوڭ تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ھەمدە شىۋېتسىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ئارقا-ئارقىدىن نۇتۇقلار سۆزلەپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.

ئابدۇللا ئەپەندىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ قېتىمقى نامايىشقا ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلاردىن باشقا بىر قىسىم يەرلىك شىۋېت خەلقىمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار بۇندىن كېيىن بۇ خىلدىكى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆلىمىنى بارغانسېرى كېڭەيتىشكە، ئۆزلىرىنىڭ زۇلۇمغا قارشى ئىرادىلىرىنى تېخىمۇ يارقىن نامايان قىلىشقا تىرىشىدىكەن.

نىجات تۇرغۇن ئەپەندى سۆزىدە ھازىرقىدەك ئېغىر ۋەزىيەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىشىشكە بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن بىرلىشىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ئورتاق ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

بۇ قېتىمقى نامايىشقا قاتناشقان ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ بايراقلىرىنى، سىمۋوللۇق بەلگىلىرىنى نامايىش مەيدانىدا ئېلىپ چىقىپ، نامايان قىلىشقان. ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلارنى كۆتۈرۈشكەن ئۇيغۇر جامائىتى بۇ قېتىمقى نامايىشچىلار قوشۇنىنىڭ ئاساسىي سالمىقىنى تەشكىل قىلغان.308F34EA-A48A-4EF2-83F8-F4C7127667EE

Share Button

جاۋاپ يېزىڭ